شەنبە 23 رەبىئۇسسانى 1446 - 26 ئۆكتەبىر 2024
Uygur

شىركەتتە ھەر خىل ھۆججەت ۋە پوسۇلكىلارنى توشۇش خىزمىتىنى قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ئون يەتتە (17) يىلدىن بېرى رىبا بانكىسىدا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، ئاللاھ تائالا مېنى رىبادىن يىراق بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن، مەن شەخسەن ھاياتىمدىكى ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدىم، لېكىن بۇ كۈنلەردە ھالال خىزمەت تېپىش بەك قېيىن، ئىككى يېرىم (2.5) يىلدىن بىرى خىزمەت تاپالمىدىم، ئائىلەمدە بەش كىشى بار، ھازىر مەن خەلقئارالىق ھەر خىل ھۆججەت ۋە پوسۇلكىلارنى توشۇش شىركىتىنىڭ: “خېرىدارلارنىڭ مەسىلىسى ۋە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش” بۆلۈمىدە خىزمەت قىلسام قانداق بولار؟ بۇ شىركەت مەن تۇرىۋاتقان مۇشۇ شەھەر دائىرىسىنىڭ ئىچىدە ھاراق يۆتكەشنى تولۇق چەكلەيدىكەن، لېكىن بىر كىشى باشقا شەھەرلەرگە شېشىلىك ھاراقلارنى يۆتكەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، شىركەت ئۇ كىشى ئۈچۈن يۆتكەپ بېرىدىكەن، يەنە شىركەت چەكلەنگەن ھارام نەرسىلەرنى سىرتتىن ئېلىپ كەلگەن پوسۇلكىلارنى قوبۇل قىلىدۇ، تەبىئىيكى مېنىڭ خىزمىتىم توشۇش مەشغۇلاتى جەريانىدا خېرىدارغا يەتكۈچە تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بولىدۇ، مېنىڭ سوئالىم: بۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇش  ئۈچۈن تەلەپ سۇنسام بولامدۇ؟، ياكى چېكىنىپ تۇرايمۇ؟، مېنىڭ بىلىشىمچە شېركەتنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ھەر خىل ھۆججەت ۋە پوسۇلكىلارنى باشقا ئورۇنلارغا توشۇشتىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەر خىل ھۆججەت ۋە پوسۇلكىلارنى توشۇش شىركىتىدە خىزمەت قىلىش ئەسلىدە دۇرۇس خىزمەت، ئەگەر بۇ شىركەت رىبا بانكىلىرىنىڭ چەك-ھۆججەتلىرىنى يۆتكەش، ھاراق مەھسۇلاتلىرىنى يۆتكەش، تۈرلۈك كىنو-پىلىملەرنى يۆتكەش، مۇزىكا-چالغۇلارنى يۆتكەش دېگەندەك چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ شىركەتتە خىزمەت قىلىش ھارام بولىدۇ، ئەگەر ھارام بىلەن ھالال ئارىلىشىپ كەتكەندە ھارام ئىشلارنى بىۋاستە قىلىشتىن يىراق بولۇش بىلەن بىرگە ھۆكۈم قايسى كۆپ بولسا شۇنىڭغا بېرىلىدۇ.

ئۇ كىشىگە: سىزنىڭ خىزمىتىڭىز شىركەتتە يۇقىرىدا بايان قىلغان تۈرلۈك ھۆججەت، پوسۇلكىلارنى قوبۇل قىلىش ۋە يەتكۈزۈپ بېرىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ھەل قىلىش بولسا، ئۇنىڭ ئارىسىدا ھارام ئىشلار بولسا، خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلماڭ، ئەگەر قىلىدىغان خىزمەت شەرتكە ئاساسەن بولىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا شىركەتتە خىزمەت قىلىشىڭىز توغرا بولىدۇ، لېكىن بۇ خىزمەت جەريانىدا ھاراقنى يۆتكەش، كەلگەننى تاپشۇرۇپ ئېلىش، تۈرلۈك مۇزىكا، پىلىملەرنى يۆتكەش ۋە تاپشۇرۇپ ئېلىش رىبا ۋە سۇغۇرتا چەكلىرىنى يۆتكەش ۋە تاپشۇرۇپ ئېلىش ئىشلاردا ۋە بۇ شىركەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر قانداق ھارام دائىرىسىدىكى نەرسىلەرنى يۆتكەش ۋە تاپشۇرۇپ ئېلىشتا سىزنىڭمۇ بىر كىشىلىك ھەسسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭغا كۆرە گۇناھكار بولىسىز.

ھاراق قاتارلىق ھارام نەرسىلەرنى يۆتكەش ۋە تاپشۇرۇپ ئېلىش ھەقىقەتەن گۇناھ ۋە بۇزغۇنچىلىققا ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كېرىدۇ، بۇنى قىلغان كىشىمۇ سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنغان لەنەت دائىرىسىگە كېرىدۇ. شەكسىزكى، بۇ ھارام ئىش ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ھارام نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: بىر كىشى ھاراق زاۋۇتى ياكى ھاراق ئامبىرى ياكى ھاراق دۇكىنى ياكى ھاراق سېتىش ۋە تارقىتىش ئورنىدىن باشقا ئورۇندا قىلىدىغان خىزمەت تاپالمىدى، ئۇ كىشىنىڭ بۇ شەكىلدە كەسىپ قىلغان پۇلىنىڭ ۋە بۇنى ئائىلىسىگە خىراجەت قىلىپ بېرىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:

“مۇسۇلماننىڭ ھاراق زاۋۇتىدا ياكى ھاراق ئامبىرىدا ياكى ھاراققا ئالاقىدار بولغان ھەرقانداق بىر ئورۇندا خىزمەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان نەرسە ھارام بولىدۇ، بۇ كىشى ھالال كەسىپ قىلىش ئۈچۈن باشقا خىزمەت ئىزدىشى لازىم. شۇنداقلا ئىلگىرىكى قىلمىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‎وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھاراققا، ئىچكۈچىگە، قۇيۇپ بەرگۈچىگە، سىققۇچىغا، سىقتۇرغۇچىغا، كۆتۈرگۈچىگە، كۆتەرتكۇچىگە، ساتقۇچىغا، سېتىۋالغۇچىغا ۋە پۇلىنى ئىستىمال قىلغۇچىغا لەنەت قىلغان» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىيپى. شەيخ ئابدۇللاھ بىن غۇدەييان، شەيخ ئابدۇللاھ بىن قەئۇد. “دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى” 14-توم 411-بەت.

بۇ ھۆكۈمدە يۆتكەپ ئاپىرىپ بېرىلىدىغان تەرەپ كاپىر بولسۇن مۇسۇلمان بولسۇن ھېچ پەرق يوق.

ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاردىن ھارام ئىچىملىكلەرنى كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن، بۇنى تەلەپ قىلغۇچى كاپىر بولسىمۇ ئەكىلىپ بېرىش ھارام بولامدۇ ياكى ھارام بولمامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: “مۇسۇلماننىڭ ھاراق ئېچىدىغان كىشىگە ھاراق ئەكىلىپ بېرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاراقنى كۆتۈرگەن ۋە كۆتەرتكەن كىشىگە لەنەت قىلغان، چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالا چەكلىگەن گۇناھ-مەسىيەت ۋە دۈشمەنلىككە ياردەم بېرىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‎وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ  تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز، شەيخ ئابدۇللاھ بىن غۇدەييان، شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان، شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئال شەيخ ۋە بەكرى ئەبۇ زەيد قاتارلىقلار. “دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى” 22-توم 97-بەت.

سىزنى ھالال خىزمەت قىلىپ، ھارامدىن يىراق بولۇشقا تەۋسىيە قىلىمىز، بىزنىڭ قارىشىمىزچە سىزنىڭ ئۇ شىركەتتە ھارامدىن يىراق بولىشىڭىز بەك قېيىن ئىكەن، ئاللاھ تائالادىن ئۆز پەزلى، مەرھەمىتى بىلەن سىزنى ياخشى بىر خىزمەت بىلەن ئىكرام قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَمَن يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَل لَّهُ مَخْرَجاً وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ * وَمَن يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ إِنَّ اللَّهَ بَالِغُ أَمْرِهِ قَدْ جَعَلَ اللَّهُ لِكُلِّ شَيْءٍ قَدْراً تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى.» [سۈرە تالاق 2-3-ئايەتلەر].

سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر ئىشنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تەرك قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولغان بىر ئىشنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ». [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ” مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھىجابى” ناملىق ئەسەرنىڭ 49-بەتتە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى