چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

تەزىيە قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

ئىسلامى تەزىيە قانداق بولىدۇ؟ ماتەمنىڭ ھۆكمى قانداق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    تەزىيە دېگەن: مۇسىبەت يەتكۈچىگە تەسەللى بېرىش، سەۋىر قىلىشقا ئۈندەش، ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدىغانلىقىنى خاتىرلىتىش ۋە مەيىتكە دۇئا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. پىقھى ئالىملىرى مۇشۇنداق بايان قىلغان، ئۇلاردىن: ئىبنى مۇپلىھ "ئەلپۇرۇ" ناملىق ئەسىرىدە 2/229  تەزىيە دېگەن: مۇسىبەت يەتكۈچىنىڭ مۇسىبەتلىرىنى يېنىكلىتىش، غەم-قايغۇلىرىغا تەسەللى بېرىشتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتى كىشىلەر ئارىسىدا ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىقتا ھەمكارلىشىش، سەۋىرچان بولۇشقا تەۋسىيە قىلىش، قازا ۋە قەدەرگە رازى بولۇش، ھەققە ۋە سەۋىرچان بولۇشقا تەۋسىيە قىلىشتىن   ئىبارەت مەقسەتنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن مۇسىبەت يەتكەن كىشىگە تەزىيە بىلدۈرۈشنى ياخشى دەپ قارىغان. 

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا مۇسىبەت يەتسە ئۇلارغا تەزىيە بىلدۈرەتتى، مۇسۇلمانلارمۇ بىر-بىرىگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، تەسەللى بىرىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ، ئالىملارمۇ تەزىيە بىلدۈرۈشنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغانلىقىدا ئىتتىپاققا كەلگەن.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، تەزىيە دېگەن: سەۋىرچان بولۇشقا ئۈندەش، مەيىت ئىگىسىگە تەسەللى بولىدىغان سۆزلەرنى قىلىش، قايغۇسىنى يەڭگىللىتىش، مۇسىبىتىنى ئازايتىش بولۇپ بۇ مۇستەھەبدۇر. چۈنكى بۇ ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە شۇنداقلا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ:  وتعاونوا على البر والتقوى  تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار» دېگەن ئايىتىگە كىرىدۇ، مانا بۇ تەزىيەگە دەلىل قىلىدىغان ئەڭ گۈزەل دەلىلدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان قېرىندىشىنىڭ ياردىمىدە بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ». ["ئەلئەزكار" 148-149-بەت].

    تەزىيە مەيىت ئىگىسىگە تەسەللى بولىدىغان ۋە ئۇنى سەۋىرگە ئۈندەيدىغان، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ساۋاپ ئۈمىت قىلىشقا تەرغىب قىلىدىغان ھەر قانداق سۆزلەر بىلەن ھاسىل بولىدۇ.

    شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مۇسىبەت يەتكەن كىشىگە سەۋىر ھاسىل بولىدىغان ھەر قانداق سۆز تەزىيە دېيىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەزىيە بەرگۈچى ھەدىستە زىكىر قىلىنغان ئەجىرگە ئېرىشىدۇ". ["نىيلىل ئەۋتار"4/117].

    تەزىيە توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «ئاللاھ بېرىدۇ ، بەرگەن نەرسىنى ئالىدۇ، ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەلگىلەنگەن بويىچە بولىدۇ، سەبىر قىلىڭ ۋە ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلڭ».

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: تەزىيە بىلدۈرگەندە دەيدىغان ئەڭ ياخشى سۆز بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئېيتىلغان سوزدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىدىن بىرىنىڭ بالىسى سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى چاقىرغىلى ئادەم ئەۋەتكەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كەلگەن كىشىگە: «سەن بېرىپ قىزىمغا ئېيتقىن: ئاللاھ بېرىدۇ ، بەرگەن نەرسىنى ئالىدۇ، ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەلگىلەنگەن بويىچە بولىدۇ، سەبىر قىلسۇن ۋە ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلسۇن» دېدى.

    ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس ئىسلام قائىدىلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىلىرىدىن بىرىدۇر، دىننىڭ ئەسلى ۋە شاخچى مەسىلىلىرى، ئەدەپ-ئەخلاق، مۇسىبەتلەرنىڭ ھەممىسىگە، غەم-قايغۇ، كېسەللىكلەرگە سەۋىر قىلىش قاتارلىق  نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، (ئالغان نەرسە ئاللاھ ئۈچۈندۇر) دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: دۇنيانىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۇلكىدۇر، سىلەرگە تەۋە بولغان نەرسىنى ئالمىدى، بەلكى سىلەردىن ئالغان نەرسە ئارىيەتنىڭ ئورنىدىدۇر، (بەرگەن نەرسە ئاللاھ ئۈچۈندۇر) دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا سىلەرگە بەرگەن نەرسە ئۇنىڭ مۈلكىدىن چىقىپ كەتكۈچى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدا خالىغاننى قىلىدۇ، (ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەلگىلەن بويىچە بولىدۇ) دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ھەسرەت چەكمەڭلار، قايغۇرماڭلار، ۋاپات بولغان كىشىنىڭ بەلگىلەنگەن ئەجىلى تۈگىگەن، ئۇنى كېچىكتۈرۈش ياكى ئىلگىرى سۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ، مۇشۇنىڭ ھەممىسىنى بىلگەن ۋاقتىڭلاردا، سىلەرگە يەتكەن نەرسىگە سەۋىر قىلىڭلار ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىڭلار". ["ئەل ئەزكار"150-بەت].

    تەزىيەنى قايسى جايدا قىلىش ۋە قانداق شەكىلدە قىلىش توغرىسىدا ئېنىق بىر بەلگىلىمە يوق، بۇ تەزىيە بىلدۈرىدىغان كىشى بىلەن قەيەردە ئۇچراشسا شۇ يەردە ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن: مەسچىتتە، يولدا، ئىش ئورنىدا، تىلىپۇن ئارقىلىق، تۈرلۈك شەكىلدە تەزىيەنامە ئەۋەتىش ۋە مۇسىبەت يەتكەن كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىش ۋە تەزىيە يوللىرىدىن كىشىلەر بىلگەن ۋە ئادەتلەنگەن تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. تەزىيەنىڭ ۋاقتى مەيىت ۋاپات بولغان ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ، مەيىتنى دەپنە قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە دەپنە قىلغاندىن كىيىن ياخشى بولىدۇ، ئۈچ كۈن دەپ ۋاقىت بېكىتىلمەيدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەزىيە ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئېنىق ۋاقىت يوق، بەلكى مەيىتنى دەپنە قىلىشتىن بۇرۇن ياكى كېيىنمۇ بولىدۇ. ئەمما مۇسىبەت يەتكەن ۋاقىتتا تەزىيە بىلدۈرۈشكە ئالدىراش ياخشىدۇر، ۋاقىت بېكىتىشنىڭ دەلىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مەيىت ۋاپات بولۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىنمۇ بولىدۇ". ["ئىسلام پەتىۋالىرى"2/43].

     "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"9/134- بەتتە مۇنداق كەلگەن: "تەزىيە ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە بەلگىلەنگەن ئورۇن يوق".

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر،

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى