سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

رامىزان روزىسى تۇتۇش ۋە ئېغىز ئېچىش كالېندار بويىچە ئەمەس بەلكى ھىلال ئاينى كۆرۈپ ئەمەل قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

رامىزان روزىسىنى باشلاش ۋە ئېغىز ئېچىپ ھېيت قىلىش مەسىلىسىدە مۇسۇلمان ئالىملىرى ئارىسىدا زور ئىختىلاپ بولىدۇ، بەزىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان:ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار ۋە ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار دېگەن ھەدىسنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئاي كۆرۈشنى ئاساس قىلىدۇ، بەزى ئالىملار كالىندار ھېسابى بويىچە روزا تۇتۇپ ۋە ھېيت قىلساق بولىدۇ دەيدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە: ئاسترونومىيە ئالىملىرى بۇ ئىلىمدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى، ئۇلار قەمەرىيە ئايلىرىنىڭ باشلىنىشىنى بىلىشى مۇمكىن دەيدۇ، بۇ مەسىلىدىكى توغرا قاراش قايسى؟ بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئەمەل قىلىش زۆرۈر بولغان توغرا قاراش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىستۇر:ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار ۋە ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار،ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ قالسا شەبان ئېيىنى تولۇقلاڭلار، رامىزان روزىسىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشىدا ئاينى كۆز بىلەن كۆرۈش ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىسلام پرىنسىپى ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان، قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان مەڭگۈلۈك پرىنسىپتۇر. بۇ پرىنسىپ ھەرقانداق ئورۇن ۋە ۋاقىتقا مۇۋاپىق كېلىدۇ، دۇنيا مەدەنىيىتى تەرەققى قىلسۇن ياكى تەرەققى قىلمىسۇن، ئاي كۆرۈش ئۈسكىنىلىرىنى تېپىلسۇن ياكى تىپىلمىسۇن، شەھەر-رايونلاردا ئاسترونومىيە ھېسابىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئوخشاشلا ئاينى كۆرۈش ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، ھەر دەۋىردە ۋە ھەر رايوندا ئاينى كۆرۈپ ئەمەل قىلىش ھەممە كىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئەمما ئاي كۆرۈش ئۈسكۈنىلىرىھەممە جايدا تېپىلماسلىقى ۋە ئاسترونومىيە ھېسابىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەرمۇ ھەر شەھەرلەردە تېپىلماسلىقى مۇمكىن.

ئىككىنچى: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئاستۇرنۇمىيە ۋە باشقا پەنلەرنىڭ تەرەققى قىلغان ۋە قىلىدىغانلىقى بىلىدىغان تۇرۇقلۇق مۇنداق دەيدۇ: شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِّنَ الْهُدَىٰ وَالْفُرْقَانِ ۚ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ ۖ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۗ يُرِيدُ اللَّـهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّـهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ تەرجىمىسى: رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مۇنۇ سۆزىدە بايان قىلغان: ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار ۋە ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، رامىزان روزىسىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشىنى ئاينى كۆرۈشكە ئالاقىدار قىلغان، ئاللاھ تائالا ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ تەرەققى قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئايلارنى بىلىشنى ئاسترونومىيە ھېسابىغا ئالاقىدار قىلمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان روزىسىنى باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىغا ئاساسەن يولغا قويغان ئىسلام پرىنسىپى بويىچە يول تۇتۇشى زۆرۈر بولىدۇ، بۇ مۇسۇلمان ئالىملىرى تەرىپىدىن بىرلىككە كەلگەن مەسىلىدۇر، ئەمما بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ، رامىزان روزىسىنى باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئاسترونومىيە ھېسابى بىلەن بېكىتىدىغان كىشىلەر ئاز ساندىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: "دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى" 10-توم 106-بەت