پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

زېمىندا گۇناھ-مەسىيەت ۋە خاتالىق سادىر قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ ئەرشى تەۋرەپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   ھەدىسلەردە زىنا قاتارلىق جىنايەتلەر سادىر بولسا ئاللاھنىڭ ئەرشى تەۋرەپ كېتىدۇ؟ دەپ كەلگەنمۇ؟، يالغۇز زىنا قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ ئەرشى تەۋرەپ كېتەمدۇ ياكى ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە بەچچىۋازلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەنمۇ تەۋرەپ كېتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    قۇرئان- ھەدىستە زىنا، بەچچىۋازلىق قاتارلىق چوڭ گۇناھ-مەسىيەتلەر سادىر بولسا ئاللاھنىڭ ئەرشى تەۋرەپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر دەلىلنى تاپالمايمىز، بۇ خۇسۇستىكى ئىشلارنىڭ سادىر بولىشى بىلەن ئاللاھنىڭ ئەرشى تەۋرەپ كېتىدۇ دەپمۇ كەلمىگەن، ئوچۇق بولغان شەرئىي دەلىل بولمىسا بۇنداق سۆزلەرنى قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    ئىمام زەھەبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئەرىش دېگەن ئاللاھقا بويسۇنغان بىر مەخلۇق بولۇپ، ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن تەۋرەيدىغان ۋاقىتتا تەۋرەيدۇ". ["سىييەر ئەئلامىن نۇبەلا" 1-توم 297-بەت].

    بىز سوئال سورىغۇچىنى شۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى، بۇ خاتالىق ۋە جىنايەتلەر توغرىسىدا كەلگەن ئازابنىڭ دەھشىتىدىن ئاڭلىغۇچىغا ئاللاھنىڭ ئەرشى تەۋرەپكەتكەندىنمۇ  كۈچلۈك بولغان دەلىللەرنى بايان قىلىمىز:

     ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھدىنمۇ بەك كۈنلەيدىغان بىرسى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن خاتا-پاھىشە ئىشلارنى چەكلىدى، ھارام قىلدى، ئاللاھدىن بەكرەك مەدھىيەنى ياخشى كۆرىدىغان بىرسى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۆزىنى مەدھىيلىدى.» [بۇخارى  رىۋايىتى 4634-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2760-ھەدىس] . 

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " كۈنلەش دېگەن ئىنساننى كۈنلەنگەن نەرسىگە قارىتا ئۆچ كۆرۈش ۋە غەزەپلىنىشكە ئېلىپ بارىدىغان مەنىۋىي نەرسىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇنى ئۆچ كۆرىدۇ، ئاللاھ تائالا چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلغاننىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇيرىغان ئىشلارنى قىلغاننىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرىدۇ. بەلكى ئاللاھنىڭ كۈنلىشى بولسا كۈچلۈك ئاچچىقلىنىشنى لازىم تۇتىدۇ، چۈنكى ھەرقانداق كۈنلىگۈچى كۈنلەنگەن نەرسىنى ئۆچ كۆرىدۇ، بىر نەرسىنى ئۆچ كۆرگەننىڭ ھەممىسىمۇ ئۇنى كۈنلىگەنلىك بولمايدۇ، كۈنلەش دېگەن خاس ۋە كۈچلۈك بولىدۇ ".  ["ياخشى كۆرۈشتىكى قائىدە" 200-201 -بەت. ]

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى