جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىكى بىكىتىلگەنمۇ؟

سۇئال

   قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىكى ۋەھىي نازىل بولاۋاتقان زاماندا قاچان قويۇلغان؟ سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىكىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ئاتىغانمۇ ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندىن كىيىن ساھابىلار ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇلارنىڭ دەۋرىدە قۇرئان كەرىمنى جەم قىلىش  جەريانىدا ئاتىغانمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: پاتىھە، بەقەرە، ئالى ئىمران ۋە كەھەپ قاتارلىق قۇرئاندىكى بەزى سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

ئالىملار: قۇرئان كەرىم سۈرىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىسپاتلانغانمۇ ياكى بەزىسى ساھابىلارنىڭ ئېجتىھادى بىلەن بولغانمۇ؟ دېگەن قاراشلار توغرىسىدا ئىختىلاپلار بولغان.

كۆپچىلىك ئالىملار قۇرئان كەرىم سۈرىلىرىنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بېكىتىلگەن دېگەن قاراشتا بولدى.

    ئىمام ئىبنى جەرىر تەبەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىلەرنىڭ ئىسمنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاتىغان". "جامىئۇل بايان" 1/100  ].

     زەركىشى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاتالغۇلارنىڭ تۈرلۈك بولىشى توغرىسىدا ئاتالغۇلار بىكىتىلگەنمۇ ياكى ئايەتتىكى مۇناسىۋەتتىن ئاشكارا بولغانمۇ؟ دېگەنلىك توغرىسىدا تەتقىقات ئىلىپ بېرىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئايەتتىكى مۇناسىۋەتتىن ئاشكارا بولغان دېيىلسە، ئەقىللىق كىشى ھەر بىر سۈرىدىن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئايرىشنى تەقەززا قىلىدىغان نۇرغۇن مەنالارنى چىقىرىدۇ، بۇنداق بولىشى يىراق سانىلىدۇ.  ["ئەلبۇرھان پى ئۇلۇمۇل قۇرئان" 1/270 ].

     ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ساھابىلاردىن كەلگەن ئەسەرلەرگە كۆرە بىكىتىلگەنلىكى ئىسپاتلانغان، ئەگەر سۆزنىڭ ئۇزۇن بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرمەيدىغان بولسام تەپسىلى بايان قىلغان بولاتتى ". ["ئەلئىتقان" 1/148.  ].

    شەيخ سۇلايمان بۇجەيرىمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئاندىكى سۈرىلەرنىڭ ئىسمى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بېكىتىلگەن، چۈنكى سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىرى، تەرتىپى ۋە ئايەتلەرنىڭ تەرتىپى مۇشۇ ئۈچىنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بېكىتىلگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا جەبرائىل ئەلەيھىسسالام لەۋھۇل مەھپۇزدا مۇشۇنداق دەپ خەۋەر بەرگەن".  ["تەھپەتۇل ھابىيب ئەلا شەرھىل خەتىيب " 2/163.  ].

     ئاللامە تاھىر ئىبنى ئاشۇرا مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋەھىي نازىل بولاۋاتقان دەۋىردە قىلىنغان، سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاشتىن بولغان مەقسەت ئۇنى مۇراجىئەت قىلىش ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈندۇر".  ["ئەتتەھرىر ۋەتتەنۋىر"1/88.  ].

     مانا بۇلارنى زامانىمىزدىكى قۇرئان كەرىم ئىلىملىرى توغرىسىدا كىتاپ يازغان ئالىملارمۇ تاللىغان. مەسىلەن: دوكتۇر، پەھەد ئەررۇمى "دىراسات پى ئۇلۇمىل قۇرئان" 118 –بەت. دوكتۇر ئىبراھىم ھۇۋەيمىل ئۆزىنىڭ" سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدا قىسقىچە تەتقىقات" جامىئەتۇ ئىمام ژورنىلىدا 130-135-بەتتە كەلتۈرگەن.

    بەزى ئالىملار: قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىلەرنىڭ بەزىسىنىڭ ئىسمىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاتىغان، بەزىسى ساھابىلارنىڭ تېرىشچانلىقى بىلەن بولغان دېگەن قاراشتا بولغان.

   "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"4/16 بەتتە مۇنداق كەلگەن: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمىنى ئاتىغانلىقى توغرسىدىكى بىر دەلىلنى بىلمەيمىز، لېكىن بەزى سەھىھ ھەدىسلەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ، بەقەرە، ئالى ئىمران قاتارلىق بىر قانچە سۈرىنىڭ ئىسمىنى ئاتىغانلىقى بايان قىلىنغان، قالغان سۈرىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاش بولسا ساھابىلار تەرىپىدىن بولغانلىقى ئاشكارىدۇر. بۇ دوكتۇر مۇنىرە دەۋسەرى ئۆزىنىڭ "قۇرئان كەرىم سۈرىلىرىنىڭ ئىسىملىرى ۋە پەزىلىتى" ناملىق ماقالىسىدا كۇچلاندۇرغان قاراشتۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى