جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن يېڭىدىن مۇسۇلمان بولدۇم، مېنىڭ جاۋابىنى بىلىشكە قىزىقىۋاتقان نۇرغۇن سوئاللىرىم بار: ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا نېمە دەيمەن؟. ئاتا-ئانام بۇددىست، ئائىلىدە مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى پەقەت داداملا بىلىدۇ، ئائىلىدىكىلەر بەزى ۋاقىتتا مېنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە تائام يېيىشكە دەۋەت قىلىدۇ، لېكىن مەن چوشقا گۆشى ياكى مېنىڭ بىلىشىمچە ھارام نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان يېمەكلىكلەرنى يېمەيمەن، توخۇ، بېلىق قاتارلىق مۇسۇلمانلار بوغۇزلىمىغان گۆشلەر ھارام بولامدۇ؟، شۇنداق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشىم بىلەن گۇناھ سادىر قىلغان بولىمەنمۇ؟، سادىر قىلغان خاتالىقلىرىم ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا قانداق تەۋبە قىلىمەن؟، قانداق قىلغاندا مەن كۈندىلىك سادىر قىلغان خاتالىقلىرىمنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىغا ئېرىشەلەيمەن؟. مەن بامدات، پېشىن ياكى كۈندىلىك بەش ۋاقىت نامازنىڭ قايسى بېرىنى ۋاقتىدا ئادا قىلمىغان بولسام، خاتالىق سادىر قىلغان بولىمەنمۇ؟، بۇ خاتالىقىم قانداق ئەپۇ قېلىنىدۇ؟.
ناماز ئارىسىدا ئوقۇيدىغان زىكىر-تەسبىھ، قىرائەتلەرنى قانداق ئۆگىنىمەن؟. قۇرئان كەرىمنى ئەرەبچە ئوقۇشنى ئۈگۈنىشىم كېرەكمۇ؟، ھېچ بولمىغاندا، ناماز ئارىسىدا ئوقۇش زۈرۈر بولغان سۆزلەرنىڭ ئەرەپچىسىنى ئۈگۈنىشىم كېرەكمۇ؟، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ھالالمۇ ياكى ھاراملىرىمۇ بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: سىزنىڭ بىزنىڭ تور بىتىمىزگە ئىشەنچ قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز، ئاللاھ تائالادىن بىز ھەققىمىزدە مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى گۇماندا بولىشىنى ۋە سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز. شۇنداقلا سىزنىڭ بىلمىگەننىئۈگۈنۈشكە ئالدىرغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز، بىلمىگەننى ئۈگۈنۈش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتى، چۈنكى ھېچ كىم ھەممىنى بىلىپ دۇنياغا كەلمەيدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بىلىش ئۈگۈنۈش بىلەن بولىدۇ» دېگەن [ئىبنى ھەجەر ھەسەن ھەدىس دېگەن]. بىلمىگەننى سوراپ ئۈگۈنۈش دۆتلۈك ئەمەس بەلكى ئۇ ھەر بىر ئىنساندىن تەلەپ قىلىنىدىغان، ئالقىشلىنىدىغان ئىشتۇر.

ئىككىنچى: نامازغا ئالاقىدار مەسىلىنىڭ جاۋابىنى 13340- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا، نامازنىڭ سۈپىتى ۋە نامازدا ئوقۇيدىغان زىكىرلەر توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇماتلار بايان قىلىنغان.

ئۈچىنچى: نامازدا قىرائەتنى ئەرەبچە ياكى باشقا تىللاردا قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىنىڭ جاۋابىنى 3471- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن تولۇق جاۋاپ بەردۇق. سىزنى ھېچ بولمىغاندا نامازدا ئوقۇلىدىغان پاتىھە سۈرىسى، باشقا پەرھىز، ۋاجىپ ئەمەللەرگە ئالاقىدار بولغان ئايەت-زىكىرلەرنى تىزدىن ئۈگۈنۈشكە تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى بۇنى ئۈگۈنۈش قېيىن ئەمەس. بەلكى بىرەر ئۇستازدىن تەلىم ئىلىپ، ياد قىلىسىز ياكى قۇرئان كەرىم ئاۋازلىق كىرگۈزۈلگەن تور بەتلەرگە كىرىپ، تىڭشاش ئارقىلىق ياد ئالىسىز.

تۆتىنچى: نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش مۇنداق ئىككى خىل ھالەتتىن خالى بولمايدۇ:

1-نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇپ تۇرۇغلۇق، ئۇخلاپ قىلىش ياكى ئۇنتۇپ قىلىش دېگەندەك شەرئى ئۈزۈرلەر بىلەن مەقسەتسىز ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش بولۇپ، بۇ ھالەتتە ئىنسان ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ. ئىنسان ناماز ئوقۇمىغانلىقىنى ئېسىگە ئالغاندا، دەرھال قازاسىنى قىلىش زۆرۈر بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى سەپەر جەريانىدا بامدات نامىزىدا ئۇخلاپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەقەلىك بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ساھابىلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە پىچىرلىشىپ: بىزنىڭ ناماز ۋاقتىغا سەل قاراپ ئۇخلاپ قالغان ئىشىمىزنىڭ كاپارىتى قانداق بولىدىغاندۇ؟ دېيىشكەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇخلاپ قالغاندا سەل قاراش بولمايدۇ، سەل قاراش دېگەن ئويغاق تۇرۇپ بىر نامازنى يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە ئوقۇماسلىقتىن ئىبارەت، ئۇخلاپ قىلىپ نامازنى ئوقۇيالمىغان ئادەم، ئويغانغان ۋاقتىدا دەرھال ئوقۇشى كېرەك، دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 681-ھەدىس].

بۇنىڭدىن ئىنسان ناماز ۋاقتىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن ئۇخلاپ، نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئاندىن ئۇخلاپ قاپتىمەن دەپ ياكى ئويغىنىشقا ياردىمى بولىدىغان ۋەسىلىلەرنى قوللانماستىن ئۇخلاپ قالدىم دەپ ئۈزۈر ئېيتسا توغرا بولىدۇ دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ. بەلكى ئويغىنىشقا ياردىمى بولىدىغان ۋاسىتىلارنى قىلىش، سائەتنى توغرىلاپ قويۇش ياكى باشقىلارنىڭ ئۇنى نامازغا ئويغۇتۇپ قويۇشىنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك. شۇ ۋاقىتتىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ناماز ۋاقتى بولغاندا بىزنى ئويغىتىڭ دەپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى، ئەمما بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چارچىغانلىق سەۋەبىدىن ئۇيقۇ غالىپ كىلىپ ئۇلارنى ئويغىتالمىغان، بۇنداق ھالەتتە ئىنسان ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ.

2 -قەستەن نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالاغا قىلىنغان ئاسىيلىق ۋە ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا بەزى ئۆلىمالار بۇنداق قىلغان ئادەمنى كاپىر بولىدۇ دەپ پەتىۋا بەرگەن. (شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋا-ماقالىلار توپلىمى 10-توم 374-بەتتە شۇنداق بايان قىلىنغان). كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇنداق قىلغان كىشى سەمىمىيەت بىلەن ئاللاھتائالاغا تەۋبە قىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.

ئەمما ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش توغرىسىدا: ئىنسان نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ كىيىن قازاسىنى قىلساقوبۇل بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولۇپ، كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئۇ ئادەمنىڭ نامىزى ئادا تاپىدۇ، لېكىن نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. ئەگەر خاتالىقلىرىغا تەۋبە قىلمىسا ئۇنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ. يەنى ئۇ ئادەمنىڭ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇ ئادەم ئۈچۈن نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش يولغا قويۇلمىغان، بۇ قاراشنىشەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ شەرھۇل مۇمتىئ ناملىق ئەسەرنىڭ 2-تومى 89-بىتىدە بايان قىلغان. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ يۇقىرىقى قاراشنى كۇچلاندۇرغان. ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ: "ئەلئىختىيارات" ناملىق ئەسىرى 34-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "نامازنى قەستەن قازا قىلغان كىشىنىڭ، ۋاقىتىنى ئۆتكۈزىۋاتقان نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشى يولغا قويۇلمىغان. ئۇنىڭ قازاسىنى قىلسىمۇ توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇ كىشى نەپلە نامازلارنى كۆپ ئوقۇشى كېرەك. بۇ بىر قىسىم سەلەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر".

يېڭى زاماندىكى ئالىملاردىن شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھمۇ "شەرھۇل مۇمتىئ" ناملىق ئەسەر 2-توم 89-بەتتە بۇ قاراشنى كۇچلاندۇرۇپ، بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسى بىلەن دەلىللىگەن: كىمكى بىز بۇيرۇمىغان ئىشنى قىلىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ ئىشى رەت قىلىنىدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

سىز نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا تېرىشىڭ، سەۋەبسىز نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋىتىشتىن ھەزەر قىلىڭ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَّوْقُوتًا تەرجىمىسى:شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى. [سۈرە نىسا 103-ئايەت].

تەۋبە قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا تور سەھىپىمىزدىكى 14289- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولالايسىز.

غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ بوغۇزلىغان ماللىرى توغرىسىدىكى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى 10339- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىن تاپالايسىز.

دېڭىز مەھسۇلاتلىرى توغرىسىدا: دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ھالال بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أُحِلَّ لَكُمْ صَيْدُ الْبَحْرِ وَطَعَامُهُ مَتَاعًا لَّكُمْ وَلِلسَّيَّارَةِ تەرجىمىسى: سىلەرنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دېڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى. [سۈرە مائىدە 96-ئايەت].

ئاللاھ تائالادىن، سىزنى ئەرەب تىلىنى ئۈگۈنۈشكە، دىننى تولۇق چۈشىنىشكە، ياخشى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز. ئاللاھ تائالا ھەممىگە قادىردۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى