چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

مېلىنىڭ زاكىتىنى تارقىتىپ بېرىشكە بىر كىشىنى ۋەكىل قىلسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

  پۇل مېلىغا زاكات پەرز بولغان كىشى زاكاتنى تارقىتىپ بېرىشكە باشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلسا بولامدۇ ياكى ئۆزى تارقىتىپ بېرىشى كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     زاكات پەرز بولغان كىشى زاكات ماللىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئۆزى ئىشەنچ قىلىدىغان بىر كىشىنى ۋەكىل قىلسا بولىدۇ، لېكىن ياخشىسى ۋەكىل قىلماي ئۆزى تارقىتىپ بەرسە زاكاتنى ئادا قىلغانلىققا قەتئىي ئىشەنچ قىلغان بولىدۇ.

    "ئەل ئىنساپ" 3-توم 197-بەتتە مۇنداق كەلگەن: " توغرا قاراشتا زاكاتنى ئادا قىلىشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ ئىشەنچىلىك بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان سۆزدە: مەزھەپتىكى توغرا قاراشتا مۇسۇلمان بولۇش دېيىلگەن".

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇ" 6-توم 138-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ئىنسان ئۆزى ئادا قىلىدىغان زاكاتنى تارقىتىپ بېرىشكە باشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلسا بولىدۇ، ھەقىقەتەن زاكاتنى ئادا قىلىش ئىبادەت بولماقلىقى بىلەن ئۇنىڭغا بىرسىنى ۋەكىل قىلسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ قەرزنى ئادا قىلىشقا ئوخشايدۇ، مال يېنىدا يوق بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەردىن ۋەكىل قىلىشقا ھاجەت بولىدۇ، ئەگەر ۋاقتى ياربەرسە ۋەكىل قىلغاندىن ئۆزى تارقىتىپ بەرسە ياخشى بولىدۇ، چۈنكى ۋەكىل تارقاتقاندىن ئۆزى تارقاتقىنى ئىشەنچىلىك بولىدۇ".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: پىتىر سەدىقىسى، زاكات ماللىرىنى تارقىتىپ بېرىش ۋە تاپشۇرۇپ ئېلىشقا ۋەكىل تۇرغۇزسا توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: "زاكات ماللىرىنى تارقىتىشقا ۋەكىل تۇرغۇزۇش دۇرۇس بولغاندەك پىتىر سەدىقىسىنى تارقىتىشقا ۋەكىل تۇرغۇزۇشمۇ دۇرۇس بولىدۇ. لېكىن پىتىر سەدىقىسىنى ھېيت نامىزىنى ئادا قىلىشتىن بۇرۇن كەمبەغەللەرنىڭ قولىغا تەگكۈزۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇ كىشى مال ئىگىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. كەمبەغەل بىرىنى ۋەكىل قىلىپ: مەن ئۈچۈن خوشناڭدىن پىتىر سەدىقىسىنى ئىلىپ قويغىن دېگەن بولسا، پىتىر سەدىقىسى نامازدىن يانغۇچە ۋەكىلنىڭ يېنىدا قالغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى كەمبەغەلنىڭ ۋەكىلىنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىشى كەمبەغەلنىڭ تاپشۇرۇپ ئالغىنىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 18-توم 310-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى