جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

بىر دۇكاندا ئىشلەيدىغان خىزمەتچى دۇكاندا يوق مالنى ئۆزىنىڭ شەخسى ھېسابىدىن سېتىۋېلىپ دۇكاندا سېتىپ پايدا ئالغان بولسا بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟.

147555

تارقاتقان ۋاقىت : 03-12-2022

كۆرگۈچىلەر : 724

سۇئال

   مەن ئون يەتتە ياش ۋاقتىمدا بىر دۇكاندا ئىشلىگەنتىم، دۇكان ئىگىسى ئون جۈنەيگە تىلىپۇن كارتى سېتىۋېلىپ ئۇنى ئون بەش جۇنەيگە ساتاتتى، بىر قېتىم كارت تۈگەپ كېتىپ دۇكان ساھىبى باشقا بىرسىنى كارت سېتىۋېلىشقا ئەۋەتكەن ئىدى، ئۇ كارتىنى تاپالماي قايتىپ كەلدى، مەن كارتىنى ئۆز يېنىمدىن سېتىۋېلىپ دۇكانغا ئەكىلىپ سېتىپ پايدىنى ئۆزەم ئالدىم، مەن ئۇ دۇكاندىن يېنىپ چېقىپ بىر قانچە يىللاردىن كېيىن كۆڭلۈمدە خاتا قىلغاندىمەنمۇ دەيدىغان بىر تۇيغۇ پەيدا بولدى، شۇنىڭ بىلەن پايدىنى قايتۇراي دەپ دۇكانغا بىر يۈز ئەللىك جۇنەينى قالدۇردۇم، بىر يۈز قىرىق جۈنەينى دۇكاننىڭ ئىگىسىنىڭ نامىدا ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلدىم، ھازىر مەندە يەنە ئۈچ يۈز جۇنەي پۇل بار، بۇنى دۇكاننىڭ ئادرىسىغا ئەۋەتىپ بېرەيمۇ ياكى دۇكاننىڭ ئىگىسىنىڭ نامىدا ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىۋېتەيمۇ؟ بىلىشىمچە، دۇكان ئىگىسى بەك گۇناھ-مەسىيەت قىلىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ پۇلنى ئەۋەتسەم نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟ ئۇنىڭغا قانچىلىك بېرىشىم كېرەك، قانچىلىك پايدا ئالغانلىقىمنى بىلمەيمەن، بۇ ئون يىل بۇرۇنقى ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىر جۇنەيمۇ ئىلگىركىدىن پەرقلىق، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟ ئاللاھ سىلەرگە ۋە بۇ خىزمەتنى قىلىۋاتقانلارغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    سىز دۇكان ئىگىسى ئۈچۈن ساتقان كارتلارنىڭ پايدىسىنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، سىز ئىمكان قەدەر ئالغان پايدىنى مۇئەييەنلشتۈرۈپ شۇ بويىچە قايتۇرسىڭىز بولىدۇ.

    سىز دۇكاندا قويۇپ كەتكەن بىر يۈز ئەللىك جۈنەينى ئالغان پاينىڭ ئورنىغا قويۇپ قويغان بولسىڭىز، ئومۇمى پايدىنى ھېسابلىغاندا بۇنى ئومۇمى ھېسابتىن چىقىرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

    دۇكان ئىگىسى نامىدىن سەدىقە قىلىۋەتكەن بىر يۈز قىرىق جۇنەينى بولسا پايدا ئالغان ئومۇمى پۇلدىن چىقىرۋەتسىڭىز توغرا بولمايدۇ، ئۇ سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە قەرز بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى سىزنىڭ مەسئۇلىيتىڭىز مال ئىگىسى نامىدىن سەدىقە قىلىش ئەمەس بەلكى مالنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشتۇر. ئەگەر سىزنىڭ ئۇ كىشى بىلەن ئۇچرىشىىشىڭىز مۇمكىن بولمىغاندا ئاندىن سەدىقە قىلسىڭىز توغرا بولاتتى، ئەمما سىز ئۇ كىشىنىڭ تۇرىۋاتقان ئورنىنى بىلىسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەق ئىگىسىگە ئۆتەيدىغان نەرسىنى سەدىقە قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ.

    ئاللاھ خالىسا ئۇ سەدىقە سىز ئۈچۈن بولىدۇ، ئۇنىڭ ساۋابىنى قىيامەت كۈنىدە ياخشىلىق مىزانىڭىزدا تاپىسىز.

   سىزنىڭ قىلغان تەۋبىڭىزنىڭ توغرا بولىشى ۋە قوبۇل بولىشى ئۈچۈن  دۇكان ئىگىسى ئۈچۈن قالغان مالنى ھېسابلاپ ئۇنى ئۇ كىشىگە ئەۋەتىپ بېرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

     ئۇ ۋاقىت بىلەن ھازىرقى جۈنەينىڭ ئارىسىدىكى پەرقنىڭ ھېچ زېيىنى يوق، سىز پەقەت دۇكان ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك بولغان مالنى قايتۇرىسىز ئۇنىڭدىن زىيادە قىلمايسىز. ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ قىلغان تەۋبىڭىزنى قوبۇل قىلىشنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى