جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىسلام بىلەن ئىماننىڭ ئارىسىدىكى پەرق

سۇئال

ئاللاھ تائالا سۈرە زارىياتنىڭ 33-36-ئايەتلىرىدە مۇنداق دەيدۇ: َأَخْرَجْنَا مَنْ كَانَ فِيهَا مِنَ الْمُؤْمِنِينَ * فَمَا وَجَدْنَا فِيهَا غَيْرَ بَيْتٍ مِنَ الْمُسْلِمِينَ تەرجىمىسى: (ھالاك بولمىسۇن دەپ لۇتنىڭ) شەھىرىدىكى مۆمىنلەرنى (سىرتقا) چىقىرىۋەتتۇق، بىز ئۇ شەھەردىن مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق. مۆمىن بىلەن مۇسۇلماننىڭ ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟ ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىسلام بىلەن ئىمان ئارىسىدىكى پەرق بولسا ئۆلىمالار ئەقىدە كىتابلىرىدا تەپسىلاتىنى ئەڭ ئۇزۇن بايان قىلغان مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا بېكىتىلگەن سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئەگەر بۇ ئىككى سۆزنىڭ بىرى ئايرىم كەلسە، بۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ ھەممىسى مەقسەت قىلىنىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئىمان بىلەن ئىسلامنىڭ ئارىسىدا پەرق بولمايدۇ.

    ئەمما ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك ئىككى سۆز بىرگە بايان قىلىنسا، ئىماندىن: ئىچكى ئەمەللەر يەنى ئاللاھغا ئىشىنىش، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭدىن قورقۇش، ئۈمىد قىلىش ۋە ئەمەللەرنى خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىشتىن ئىبارەت بولغان قەلب ئەمەللىرى مەقسەت قىلىنىدۇ.

     ساھىبى مۇناپىق ياكى ئىمانى ئاجىز بولسا ئاشكارا بولمايدىغان سىرتقى ئەمەللەر مەقسەت قىلىنىدۇ.

    ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمان" دېگەن ئىسىم بەزى ۋاقىتتا ئىسلام بىلەن ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن بىرگە كەلمەستىن يالغۇز كېلىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئىسلام دېگەن سۆز بىلەن بىرگە زىكىر قىلىنىدۇ، خۇددى جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە :ئىسلام دېگەن نېمە؟ ئىمان دېگەن نېمە؟ دېگەندەك، قۇرئان كەرىمدە: إِنَّ الْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ وَالْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ تەرجىمىسى: مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا [سۈرە ئەھزاب 35-ئايەت].

    ئاللاھ تائالانىڭ: قَالَتِ الْأَعْرَابُ آمَنَّا قُلْ لَمْ تُؤْمِنُوا وَلَكِنْ قُولُوا أَسْلَمْنَا وَلَمَّا يَدْخُلِ الْإِيمَانُ فِي قُلُوبِكُمْ تەرجىمىسى: «ئەئرابىيلار: ئىمان ئېيتتۇق دەيدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، (تېخى) ئىمان ئېيتمىدىڭلار ۋە لېكىن سىلەر، بويسۇندۇق، دەڭلار، ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى. [سۈرە ھۇجرات 14-ئايەت].

  سۈرە زارىياتتىكى: َأَخْرَجْنَا مَنْ كَانَ فِيهَا مِنَ الْمُؤْمِنِينَ * فَمَا وَجَدْنَا فِيهَا غَيْرَ بَيْتٍ مِنَ الْمُسْلِمِينَ تەرجىمىسى: (ھالاك بولمىسۇن دەپ لۇتنىڭ) شەھىرىدىكى مۆمىنلەرنى (سىرتقا) چىقىرىۋەتتۇق، بىز ئۇ شەھەردىن مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق، دېگەنگە ئوخشاش.

ئىمان ئىسلام بىلەن بىرگە زىكىر قىلىنغان ۋاقىتتا: ئىسلامدىن، ئىككى شاھادەت كەلىمىسى، ناماز، زاكات، روزا  ۋە ھەج قاتارلىق سىرتقى ئەمەللەر مەقسەت قىلىنىدۇ.

    ئىماندىن: ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش، پەرىشتىلەرگە، كىتابلارغا، پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت قەلب ئەمەللىرى مەقسەت قىلىنىدۇ. 

    ئىمان دېگەن ئىسىم يالغۇز زىكىر قىلىنغاندا بۇ ئىسلام ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىماننىڭ شاخچىلىرى توغرىسىدىكى ھەدىستە: ئىمان يەتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ئالىسى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ زات يوقتۇر دېگەن سۆز، ئەڭ ئاددىيسى: يولدىن كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى يىراق قىلىشتۇر.

     بۇنىڭدىن باشقا ھەدىسلەرمۇ ياخشى ئەمەللەرنى ئىماننىڭ جۈملىسىدىن قىلىدۇ. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 7-توم 13-15-بەتتىن قىسقارتىپ ئىلىندى].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمان بىلەن ئىسلام بىرگە زىكىر قىلىنسا، ئىسلام سىرىتقى بويسۇنۇشنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ، ئېغىزنىڭ سۆزى، ئەزالارنىڭ خىزمىتى، مۆمىندىن ئىمان كامىل ۋە ئاجىز شەكىلدە سادىر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قَالَتِ الْأَعْرَابُ آمَنَّا قُلْ لَمْ تُؤْمِنُوا وَلَكِنْ قُولُوا أَسْلَمْنَا وَلَمَّا يَدْخُلِ الْإِيمَانُ فِي قُلُوبِكُمْ تەرجىمىسى: «ئەئرابىيلار: ئىمان ئېيتتۇق دەيدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، (تېخى) ئىمان ئېيتمىدىڭلار ۋەلېكىن سىلەر، بويسۇندۇق، دەڭلار، ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى. [سۈرە ھۇجرات 14-ئايەت].

    مۇناپىقمۇ سىرىتقى كۆرۈنۈشىدىن مۇسۇلمان دەپ ئاتالسىمۇ ئىچكى تەرەپتىن كاپىر ھېسابلىنىدۇ.

    ئىمان بولسا ئىچكىي تەرەپتىن بويسۇنۇشنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئۇ قەلبنىڭ ئىقرار قىلىشى ۋە ئەمەللىرىدۇر، ئىمان پەقەت مۆمىندىن سادىر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ آيَاتُهُ زَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَعَلَى رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ أُولَئِكَ هُمُ الْمُؤْمِنُونَ حَقًّا تەرجىمىسى: پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر. ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ. ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتنىڭ تۈگىمەس نېمەتلىرىگە) ئېرىشىدۇ. [سۈرە ئەنفال 2-4-ئايەتلەر].

     مۇشۇ مەنىلەرگە ئاساسەن ئىمان يۇقىرى بولىدۇ، ھەرقانداق مۆئمىن مۇسۇلمان  بولىدۇ، ئەمما ھار قانداق مۇسۇلمان مۆئمىن بولمايدۇ. ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋا ۋە ماقالىلەر توپلىمى"4-توم 93-بەت].

     سوئالدا بايان قىلىغان ئايەت مۇشۇ مەناغا مۇۋاپىق بولۇپ، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىر قېتىم ئىمان بىلەن يەنە بىر قېتىم ئىسلام بىلەن سۈپەتلەنگەن.

    بۇ يەردە ئىسلامدىن سىرىتقى ئەمەللەر، ئىماندىن ھەقىقى قەلب ئەمەللىرى مەقسەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا لۇت ئەلەيھىسسالام ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىسلام بىلەن سۈپەتلىدى، چۈنكى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىمۇ ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ھېسابلىنىدۇ، سىرتقى كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمان بولسىمۇ ھەقىقەتتە كاپىر ئىدى. ئاللاھ تائالا ئازابتىن قۇتۇلغانلارنى سۈپەتلىگەندە ئۇلارنى ئىمان بىلەن سۈپەتلىدى. ئايەتتە: وَأَخْرَجْنَا مَنْ كَانَ فِيهَا مِنَ الْمُؤْمِنِينَ * فَمَا وَجَدْنَا فِيهَا غَيْرَ بَيْتٍ مِنَ الْمُسْلِمِينَ تەرجىمىسى: (ھالاك بولمىسۇن دەپ لۇتنىڭ) شەھىرىدىكى مۆمىنلەرنى (سىرتقا) چىقىرىۋەتتۇق، بىز ئۇ شەھەردىن مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇقدەپ كەلتۈردى. [سۈرە زارىيات 35-36-ئايەتلەر].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى بولسا مەنىۋى تەرەپتىن كاپىر، مۇناپىق ئىدى، سىرتقى تەرەپتە ئېرى بىلەن مۇسۇلمان ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن قەۋمى بىلەن بىرگە ئازابلاندى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمان بولغان ئەمما ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان بولمىغان مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنداق بولغان. ["مەسىلىلەر توپلىمى"6-توم 221-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ئىنسانلار بۇ ئايەتتىكى ئىمان ۋە ئىسلام دېگەن ئاتالغۇنى بىر دەپ ئويلاپ ئىككى ئايەتنىڭ ئارىسىنى قارشىلاشتۇردى. ئىش ئۇنداق ئەمەس، بەلكى بۇ ئايەت بىرىنچى ئايەتكە مۇۋاپىق كېلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن مۆئمىن بولغانلارنى ئازابتىن چىقاردى، مۇسۇلمانلاردىن پەقەت لۇت ئەلەيھىسسالام ئائىلىسى بار ئىدى، لۇت ئەلەيھىسسالام ئايالىمۇ شۇ ئائىلىدە بولغان ئىدى، لېكىن ئازابتىن قۇتۇلغانلاردىن بولمىدى، بەلكى ئۆزىنىڭ قەۋمى بىلەن ئازابتا قالغۇچىلاردىن بولدى، ئۇ ئايال كۆرۈنۈشتە ئېرى بىلەن مۇسۇلمان ئىدى، قەلبىدە ئۆز قەۋمىنىڭ دىنىدا بولغان بولۇپ ئېرىگە خىيانەت قىلىپ، قەۋمىگە يوشۇرۇن خەۋەر يەتكۈزۈپ، كەلگەن مېھمانلارنى كۆرسىتىپ قوياتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا لِلَّذِينَ كَفَرُوا امْرَأَتَ نُوحٍ وَامْرَأَتَ لُوطٍ كَانَتَا تَحْتَ عَبْدَيْنِ مِنْ عِبَادِنَا صَالِحَيْنِ فَخَانَتَاهُمَا تەرجىمىسى: ئاللاھ كۇففارلارغا (ئۇلارنىڭ مۆمىنلەر بىلەن تۇغقانچىلىقىنىڭ پايدا بەرمەسلىكىدە) نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇلار بولسا بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ ئەمرىدە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئەرلىرىگە (ئىمان ئېيتماسلىق بىلەن) خىيانەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى (يەنى نۇھ بىلەن لۇت) (پەيغەمبەر تۇرۇقلۇق) ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى. (ئۇ ئىككىسىگە) دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار، دېيىلدى. [سۈرە تەھرىم 10-ئايەت].

    بۇ ئىككى ئايالنىڭ ئېرىگە بولغان خىيانىتى ئەخلاقى تەرەپتىن بولماستىن بەلكى دىنى جەھەتتىن بولغان، مەقسەت: لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى مۆمىن بولمىغاچقا ئۇ ئازابتىن قۇتۇلغانلاردىن بولمىدى. ئاللاھ تائالانىڭ: (ھالاك بولمىسۇن دەپ لۇتنىڭ) شەھىرىدىكى مۆمىنلەرنى (سىرتقا) چىقىرىۋەتتۇق، دېگەن ئايەتكە چۈشمەيتتى، لېكىن ئۇ ئايال شۇ يۇرتتا تېپىلغان مۇسۇلمانلار ئائىلىسىدىن بولغان ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: بىز ئۇ شەھەردىن مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق دېگەن. بۇنىڭ بىلەن قۇرئاننىڭ ھېكمىتى ئاشكارا بولىدۇ، ئازابتىن قۇتۇلغانلاردىن خەۋەر بەرگەندە ئىمان دېگەن ئاتالغۇنى زىكىر قىلدى، شۇ يۇرتتا بار بولغان مۇسۇلمانلاردىن خەۋەر بەرگەندە ئىسلام دېگەن ئاتالغۇنى زىكىر قىلغان. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 7-توم 472-474-بەتلەر].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىدە: ھالاك بولمىسۇن دەپ لۇتنىڭ) شەھىرىدىكى مۆمىنلەرنى (سىرتقا) چىقىرىۋەتتۇق، بىز ئۇ شەھەردىن مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق دەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ يەردە مۆئمىن بىلەن مۇسۇلماننىڭ ئارىسىنى ئايرىدى، چۈنكى ئۇ يۇرتتا بولغان بۇ ئائىلە سىرىتقى كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمانلار ئائىلىسى ئىدى، چۈنكى ئۇ ئائىلىدە ئۆزى كاپىر بولۇپ ئېرىگە خىيانەت قىلغان لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى بار ئىدى، ئەمما ئازابتىن قۇتۇلۇپ چىققانلار بولسا ئۇلار قەلبىگە ئىمان ھەقىقى ئورۇنلاشقان مۆئمىنلار ئىدى". ["ئىبنى ئۇسەيمىن ماقالە ۋە پەتىۋالار مەجمۇئەسى"1-توم 47-49-بەتلەر].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى