سەيشەنبە 19 زۇل ھەججە 1445 - 25 ئىيۇن 2024
Uygur

غەلىبە قىلىنغۇچى جامائەتنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا

سۇئال

   مۇسۇلمان كىشى ئەگىشىشى لازىم بولغان جامائەتنىڭ شەرتلىرى قايسى؟.

قىسقىچە جاۋاپ

مۇسۇلمانغا ھەقكە ئەگىشىش، سەلەپ سالىھلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئەھلى سۈننە ۋەل جامائەدىن بولغان غەلبە قىلىنغۇچى جامائەت بىلەن بىرگە يۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ. غەلبە قىلىنغۇچى جامائەتنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئۇلار ھەق ئۈستىدە بولىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى بەرپا قىلغۇچى بولىدۇ، ئۇلار قىيامەتكىچە غەلبە قىلغان ھالەتتە بولىدۇ، ئۇلار سەۋرچان ۋە سەبر قىلغۇچىلاردۇر.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   مۇسۇلمانغا ھەقكە ئەگىشىش، سەلەپ سالىھلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئەھلى سۈننە ۋەل جامائەدىن بولغان غەلىبە قىلىنغۇچى جامائەت بىلەن بىرگە يۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ يۇرتىدا بولسۇن ياكى باشقا يۇرتلاردا بولسۇن ئۇلارنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ، ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىقتا ئۇلارغا ھەمكارلىشىدۇ، ئۇلار بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدۇ.

    غەلبە قىلىنغۇچى بۇ جامائەتنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، ئۇ ھەدىسلەردىن:

   مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر جامائەت دائىم ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى بەرپا قىلىدۇ، ئۇلارغا قارشى تۇرغانلار ۋە ئۇلارغا بېسىم قىلغانلار ئۇلارغا ھېچ زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ، ھەتتا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى كەلگىچە ئۇلار شۇ ھالەتتە بولىدۇ».

    ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر جامائەت ھەتتا قىيامەتكە قەدەر ھەق ئۈستىدە غەلبە قىلغان ھالەتتە بولىدۇ».

   مۇغىيرە ئىبنى شۆبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر جامائەت ھەتتا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى كەلگەنگە قەدەر ئىنسانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ھالەتتە بولىدۇ».

    ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر جامائەت ھەق ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ، ئۆزلىرىگە قارشى تۇرغۇچىلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاخىرى مەسىھ دەججال بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ».

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن بىر قانچە مۇھىم پايدىلار ئېلىنىدۇ:

   -پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر جامائەت» دېگەن سۆزى ئۇلارنىڭ ھەممە ئۈممەتتىن ئەمەس بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭدا  باشقا بىر جامائەت ۋە گۇروھنىڭمۇ بارلىقىغا ئىشارەت بار.

   -پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۇلارغا قارشى تۇرغانلار ئۇلارغا ھېچ زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ» دېگەن سۆزى،  غەلىبە قىلىنغۇچى جامائەتگە قارشى دىن ئىشلىرى بىلەن تۇرىۋاتقان يەنە بىر جامائەتنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ سۆز ھەم  ئۈممىتىم يەتمىش ئۈچكە بۆلىنىدۇ، ھەق ئۈستىدە بولۇپ ئۇتۇق قازانغۇچى جامائەتكە قالغان يەتمىش ئىككى پىرقە قارشى چىقىدۇ دېگەن ھەدىسنىڭ دالالىتىگىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

    -ھەر ئىككى ھەدىس ھەق ئەھلىگە بېشارەتنى بىلدۈرىدۇ، غەلىبە قىلىنغۇچى جامائەت توغرىسىدىكى ھەدىس ئۇلارغا دۇنيادا غەلبە، نۇسرەت ۋە ئۇتۇق بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ.

    -پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى كەلگۈچە دېگىنى: ئاخىرىدا مۆمىن ئەر-ئاياللارنىڭ جېنىنى ئالىدىغان سەلكىن شامال كەلگۈچى دېمەكتۇر.

    بۇ ھەدىس«مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر جامائەت ھەتتا قىيامەتكە قەدەر ھەق ئۈستىدە غەلبە قىلغان ھالەتتە بولىدۇ» دېگەن ھەدىسكە زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى بۇنىڭ مەنىسى: ھەقىقەتەن ئۇلار قىيامەتكە يېقىن، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى نامايەندە بولۇپ، مەيىن شامال ئۇلارنىڭ جانلىرىنى قەبزە قىلغانغا قەدەر ھەق ئۈستىدە بولىدۇ.

    غەلبە قىلىنغۇچى جامائەتنىڭ سۈپەتلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ئومۇمىدىن ۋە يەنە تۆۋەندە كېلىدىغان غەلىبە قىلىنغۇچى جامائەتنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدىكى ھەدىسلەردىن ئېلىنىدۇ:

    ئۇ جامائەت ھەق ئۈستىدە: بۇ توغرىدا كەلگەن ھەدىستە: ھەقىقەتەن ئۇلار(ھەق ئۈستىدە)، ئۇلار(ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ئۈستىدە) ئۇلار( مۇشۇ ئىشنىڭ ئۈستىدە) ۋە ئۇلار (دىن ئۈستىدە)، مۇشۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەن توغرا دىندا راۋرۇس تۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

   ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ئۈستىدە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى:

   1-ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش بايرىقىنى قولىغا ئېلىش بىلەن باشقا ئىنسانلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.

   2-ئۇلار ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن چەكلەشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىشنى بەرپا قىلغۇچىدۇر.

   ئۇلار قىيامەتكىچە نامايەندە بولىدۇ:

   ھەقىقەتەن ھەدىسلەر بۇ جامائەتنىڭ ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى كەلگەنگە قەدەر نامايەندە بولىدىغانلىقى ۋە غەلىبە قىلغان ھالەتتە بولىدىغانلىقىنى سۈپەتلىدى.

    ئۇلارنىڭ(ھەق ئۈستىدە نامايەندە بولىدىغانلىقى)، ياكى ( ھەق ئۈستىدە غەلىبە قىلىدىغانلىق) ياكى (قىيامەتكىچە نامايەندە بولۇپ تۇرىدىغانلىقى) ياكى (ئۇلارغا ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر نامايەندە بولىدىغانلىقى) بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ نامايەندە بولۇشنىڭ: ئۇلارنىڭ روشەن، ئېنىق، ئاشكارا بولىدىغانلىقى، ئۈستۈنلۈك ۋە غەلىبە قىلىش بىلەن بىلىنىدىغانلىقىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

    ئۇلارنىڭ ھەق ئۈستىدە، توغرا يولدا، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇپ ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى بەرپا قىلىپ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى جىھاد قىلىدىغانلىقىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

    ئۇلار سەۋىرچان ۋە سەبىر قىلغۇچىدۇر:

   ئەبى سەئلەبەتىل خۇشەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كېيىن سەۋرچانلىق كۈنلىرى كېلىدۇ، ئۇ كۈنلەردە ھەقكە سەبىر قىلغۇچى چوغنى تۇتقانغا ئوخشاشتۇر».

    غەلىبە قىلىنغۇچى جامائەت كىم؟.

   بۇخارى رەھىمەھۇللاھ: ئۇلار ئىلىم ئىگىلىرى دېگەن.

    كۆپچىلىك ئۆلىمالار: غەلىبە قىلىنغۇچى جامائەت دېگەندىن ھەدىس ئەھلى مەقسەت قىلىنىدۇ دېگەن.

    ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "بۇ جامائەتنىڭ مۆمىنلەر ئارىسىدىكى پەرقلىق جامائەتلەرنى بىلدۈرۈش ئېھتىماللىقى بار: مۆمىنلەردىن باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇش قىلغۇچىلار، پىقھى ئالىملىرى، ھەدىس تەتقىقاتچى ئالىملىرى، دۇنياغا بېرىلمەيدىغان زاھىدلار، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلىگۈچىلەر، ئابىدلار ۋە ئاللاھقا يۈزلەنگۈچى قاتارلىقلاردۇر".

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى سۆزنى تەپسىلى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلارنىڭ بىر شەھەردە بولىشى كېرەك بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ يەر شارىدا بىرگە ياشاپ زېمىننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئايرىم-ئايرىم نامايەندە بولىشىمۇ توغرا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ بىر شەھەردە توپلىشىشى توغرا بولىدۇ، بەزى زېمىنلاردا ئۇلاردىن بولغان جامائەتنىڭ پەقەت بولماسلىقىمۇ توغرا بولىدۇ، ئۇلار بىر جامائەت دۇنيانىڭ نەرىدە بولسا بولىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى كەلگەندە ئۇلار تۈگەيدۇ".

    ئالىملار سۆزى بۇ جامائەتنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىلا ۋە مەلۇم شەھەردە بولمايدىغانلىقى گەرچە ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك شام شەھىرىدە دەججال بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بولىدىغانلىقىنى مەقسەت قىلىدۇ.

    شەكسىزكى شەرئى ئىلىملەر: ئەقىدە، پىقھى، ھەدىس، تەپسىر ئىلىملىرىنى ئۆگىنىش، ئۆگىتىش، دەۋەت قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلار ئۇلار غەلىبە قىلىنغۇچى جامائەت دېگەن سۈپەت بىلەن سۈپەتلىنىشكە بەك لايىقتۇر، ئۇلار دەۋەت قىلىش، جىھاد قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلەش، بىدئەتچىلەرگە رەددىيە بېرىش ئىشلىرى بىلەن تۇرىدۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەھىيدىن ئېلىنغان توغرا ئىلىم بىلەن بىرگە بولىشى زۆرۈر بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالادىن بىزلەرنى ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلىشنى سورايمىز. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت، سالاملىرى بولسۇن.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد