سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى جۈمە ئوقۇش ۋە باشقا نامازلارنى ئوقۇشتىن چەكلىسە، ئوقۇغۇچىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟.

سۇئال

بەزى مەكتەپلەردە سكولارىزم قانۇنى ئىجرا قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتە ناماز ئوقۇشتىن چەكلەۋاتىدۇ، بىزمۇ جۈمە-پېشىن نامىزى ئوقۇشتىن چەكلەندۇق، مەكتەپتىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قورققىنىدىن ناماز ئوقۇشتىن توختاپ قالدى، ھەتتا مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن نېمە ئۈچۈن بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنىدۇ دەپ سوراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. مەن ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئىلىپ ئۇلارنىڭ ئىمزاسىنى توپلاپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن مۇدىرنىڭ يېنىغا باردىم، مۇدىر ئەدەپ بىلەن ئۈزرە ئېيتىپ، ئىشنىڭ بۇ قەدەر ئاددى ئەمەسلىكى بەلكى سىلەر ئويلىغاندىنمۇ چوڭ، بۇ قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ، چۈنكى كىم بۇ قانۇننى بۇزسا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جازالىنىدۇ، دېدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟. بۇ يىللىق ئىمتىھانىنى مۇشۇ مەكتەپتە بەردۇق، يىل توشۇشتىن بۇرۇن مەكتەپتىن چىقىپ كەتكىلى بولمايدۇ ياكى باشقا ئىسلامى مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، يىللىق ئىمتىھانغا ئۈچ ئاي قالدى، بىزگە يول كۆرسەتكەن بولساڭلار؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

سىزنىڭ دىننى مۇداپىئە قىلىش ۋە قوغداش يولىدىكى تېرىشچانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. ئاللاھ تائالادىن سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشنى ۋە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز. ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشى زۆرۈردۇر. ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇشنى چەكلەيدىغان مەكتەپلەردىن يىراق بولىشى لازىم. چۈنكى ناماز ئىسلام دىنىنىڭ تۇۋرىكىدۇر. نامازنى ئادا قىلىشقا توسقۇنلۇق بولىدىغان ھەر قانداق ئىشتىن قول ئۈزۈش كېرەك. [دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى 7/41].

يۇقىرىقىدەك شارائىتتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مۇمكىن بولسا جۈمە-پېشىن نامىزىنى ئوقۇش شارائىتى بولغان باشقا مەكتەپلەرگە يۆتكىلىشى كېرەك. ئەگەر يۆتكىلىش مۇمكىن بولمىسا، پېشىننى يالغۇزبولسىمۇۋاقتىدا ئوقۇش كېرەك. بۇنىڭغىمۇ مۇمكىن بولمىسا، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش كېرەك. جۈمە نامىزىنى ئوقۇشقا ئۇرۇنۇپ پەقەت مۇمكىن بولمىغاندا ئورنىغا پېشىن ئوقۇسا كۇپايە قىلىدۇ، چۈنكى بەزى ئالىملار: زالىم پادىشاھنىڭ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ ياكى تۇرمۇشىغا زىيان يېتىشتىن قورقۇپ جۈمە بىلەن جامائەت نامىزىنى تەرك قىلسا، ئۇنى شەرئىي ئۆزرە ھېسابلىغان.

ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "جۈمە نامىزىغا چىقسا زالىم پادىشاھنىڭ سەۋەبسىز تۈرمىگە تاشلىشىدىن ئەنسىرىسە، جۈمە نامىزىغا قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ". [ئەلئۇم ناملىق ئەسەر 1-توم 218-بەت].

مەرداۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان تۇرمۇشى زىيانغا ئۇچراشتىن ياكى باشقىلارنىڭ ساقلاشقا بەرگەن ئامانىتىنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە جۈمە نامىزىغا قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ". [ئەلئىنساپ 2-توم 301-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى