پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئىستىخارە نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟

سۇئال

   ئىستىخار نامىزى قانداق بولىدۇ، ئۇنىڭدا ئوقۇلىدىغان دۇئا نېمىلەردىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچەبېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   ئىستىخارە نامىزى توغرىسىدا، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ سۈلەمىي رەزىيەللاھۇ

ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا قۇرئان كەرىمدىن سۈرىلەرنى ئۈگەتكەندەك، ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىستىخارە قىلىشنى ئۆگىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن بىرىڭلار بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسا، ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇپ ئاندىن مۇنداق دېسۇن: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ چەكسىز ئىلمىڭگە سېغىنىپ، سېنىڭدىن ياخشىلىق سورايمەن، سېنىڭ قۇدىرتىڭگە سېغىنىپ سېنىڭدىن كۈچ-قۇۋۋەت تىلەيمەن، سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن، سەن ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن، سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن، سەن پۈتۈن غەيىبلەرنى بىلگۈچىسەن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ بۇ ئىشىم (ھاجىتىنى ئېيتىدۇ)مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلەچەكتە ياخشى بولىدىغان بولسا، ئۇنى ماڭا تەقدىر قىلغىن، ۋە ئۇنى ماڭا ئاسان قىلغىن، ئاندىن ئۇنىڭدا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ئەگەر بۇ ئىشىم، مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلەچەكتە زىيانلىق بولسا، ئۇنى مەندىن يىراق قىلغىن ۋە مېنىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، نەدىلا بولمىسۇن، ماڭا ياخشىلىقنى نېسىپ قىلغىن، ئاندىن مېنى ئۇنىڭ بىلەن مەمنۇن قىلغىن». [بۇخارى رىۋايىتى 6841-ھەدىس]. 

بۇ ھەدىس تىرمىزىيدا، نەسائىيدا، ئەبۇ داۋۇدتا، ئىبنى ماجەدە ۋە مۇسنەد ئەھمەدتىمۇ رىۋايەت قىلىنغان.

    ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ:" ئىستىخارە دېگەن ئىسىم بولۇپ، ئاللاھ بىلەن كېڭىشىپ، ئۇنىڭدىن ياخشىلىق تىلەش دېمەكتۇر، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: ئىككى ئىشنىڭ بىرىگە ئېھتىياجلىق بولغان كىشى ئىككى ئىشنىڭ ياخشىراقىنى تەلەپ قىلىدۇ.

   ھەدىستە بايان قىلىنغان: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىستىخار قىلىشنى ئۈگىتەتتى» دېگەن سۆز توغرىسىدا، ئىبنى ئەبى جەمرەتە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئومۇمنى ئىپادىلەيدىغان دۇئا بولۇپ بۇنىڭ بىلەن خاس ئىش مەقسەت قىلىنىدۇ، ۋاجىپ، مۇستەھەب ئىشلارنى قىلىش ۋە ھارام، مەكرۇھ ئىشلارنى تەرك قىلىشتا ئىستىخارە قىلىش كېرەك بولمايدۇ، ئىستىخارە قىلىش  دۇرۇس ۋە مۇستەھەب بولغان ئىككى ئىش بىر-بىرىگە قارشى كەلگەندە، ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسى بىلەن باشلاش توغرىسىدا بولىدۇ.

   مەن دەيمەنكى: بۇ بۈيۈك ۋە ئېتىبارسىز ھەممە ئىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بەزى ئېتىبارسىز ئىشلار ئارقىلىق بۈيۈك ئىشلارغا ئاساس سىلىنىدۇ.

   بۇ ھەدىستە: «بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا» دېگەن، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر ئىش قىلىشنى ئىرادە قىلسا، مۇنداق دېسۇن» دەپ كەلگەن.

   ھەدىستە: «ئىككى رەكەت نەپلە ئوقۇسۇن» دېگەن، بۇنىڭدا بامدات نامىزىدىن ساقلىنىش بار... ئىمام نەۋەۋىي "ئەلئەزكار"دا مۇنداق دەيدۇ:"ئەگەر پېشىن نامىزىنىڭ سۈننىتىدىن ياكى باشقا سۈننەت ۋە مۇتلەق نەپلە نامازلاردىن كېيىن ئىستىخارە دۇئاسىنى .ئوقۇسا بولىدۇ، بۇنىڭغا كۆرە، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان نامازلار بىلەن بىرگە ئىستىخارە نامىزىنى مەقسەت قىلىپ ئوقۇغان بولسا توغرا بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى مەقسەت قىلمىغان بولسا، توغرا بولمايدۇ.

    ئىبنى ئەبى جەمرەتە مۇنداق دەيدۇ: "دۇئا قىلىشتىن بۇرۇن ناماز ئوقۇشنى بايان قىلىشتىن بولغان ھېكمەت، ئىستىخارىدىن بولغان مەقسەت، دۇنيادىكى ياخشىلىق بىلەن ئاخىرەتتىكى ياخشىلىقنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئىشنىڭ ئىگىسىنىڭ ئېشىكىنى قېقىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن نامازدىن بەك ئۈنۈملۈك بىر نەرسە يوق، چۈنكى ناماز ئاللاھنى كاتتىلاش، مەدھىيىلەش، دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولۇشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

   ھەدىستە: «ئاندىن مۇنداق دېسۇن» دېگەن، بۇنىڭدىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دۇئانىڭ نامازدىن كېيىن بولىدىغانلىقى ئوچۇقلىنىدۇ، يەنە بۇنىڭدىن نامازدىكى زىكىرلەرنى مەقسەت قىلغانلىقنىڭمۇ ئېھتىماللىقى بار، ئىستىخارە دۇئاسىنى نامازدىكى زىكىرلەرنى ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىشتىن بۇرۇن ئوقۇيدۇ دېمەكتۇر. 

   ھەدىستە: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ چەكسىز ئىلمىڭگە سېغىنىپ، سېنىڭدىن ياخشىلىق سورايمەن» دېگەن، بۇنىڭدىكى سەۋەپ: ئى ئاللاھ! سەن ھەممىنى بىلگۈچى دېمەكتۇر، شۇنىڭغا ئوخشاش «سېنىڭ قۇدىرتىڭگە سېغىنىپ سېنىڭدىن كۈچ-قۇۋۋەت تىلەيمەن» دېگەن سۆزدىمۇ ئاللاھدىن ياردەم سوراش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.

   ھەدىستىكى: «سەن ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: سېنىڭدىن مېنى تەلەپ قىلىنغان نەرسىگە قادىر بولىدىغان قىلىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن دېمەكتۇر. يەنە: ئۇ ئىشنى ماڭا تەقدىر قىلىپ بېرىشىڭنى ۋە ئاسان قىلىپ بېرىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن دېگەن بولىشىمۇ مۇمكىن.

    ھەدىستىكى: «سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن» دېگەن سۆز، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلى ئىكەنلىكى، ئەھلى سۈننە ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، ھېچ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ نېمىتى توغرىسىدا ھەققى يوق ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.

   ھەدىستىكى: «سەن ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن، سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن» دېگەن سۆز، ئىلىم ۋە قۇدرەتنىڭ يالغۇز بىر ئاللاھقا ئائىت ئىكەنلىكى، بەندىنىڭ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بىلدۈرگەن ۋە بېكىتكەندىن باشقا نەرسىگە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

   ھەدىستىكى: «ئى ئاللاھ! مېنىڭ بۇ ئىشىمنىڭ ياخشىلىقىنى بىلسەڭ» (ئاللاھ زاتەن ھەممىنى بىلىدۇ)، يەنە بىر رىۋايەتتە: «قىلماقچى بولغان ئىشنى ئېيتىدۇ» دېگەن سۆزدىن، بۇنىڭدىن ھاجىتىنى سۆزلەيدۇ دېگەنلىك ئېنىق بولىدۇ، ۋە يەنە دۇئا قىلغان ۋاقىتتا ھاجىتىنى دىلىدا ھازىر قىلىدۇ دېگەن ئېھتىماللىقمۇ بار.

    ھەدىستىكى: «ئۇنى ماڭا تەقدىر قىلغىن» دېگەن سۆزدىن: ئۇ ئىشنى ماڭا پۈتتۈرۈپ بەرگىن ياكى ئۇ ئىشنى ماڭا ئاسان قىلىپ بەرگىن دېگەنلىك ئىپادىلىنىدۇ.

    ھەدىستىكى: «ئۇنى مەندىن يىراق قىلغىن ۋە مېنىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن» دېگەن سۆزدىن: ئۇ ئىشنى يىراق قىلغاندىن كېيىن ئۇ كىشىنىڭ دىلىدا ئۇ ئىشقا ئالاقىدار بىر نەرسە قالمىغاي دېمەكتۇر.

    ھەدىستىكى: «مېنى ئۇنىڭ بىلەن مەمنۇن قىلغىن» دېگەن سۆزدىن: مېنى ئۇ ئىش بىلەن مەمنۇن قىلغىن، گەرچە مەن ئۇ ئىشنى تەلەپ قىلغان ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا رازى بولغان بولساممۇ، مەن ئۇ ئىشنىڭ ئاقىۋېتىنى بىلمەيمەن، مەن ئۇ ئىشنى تەلەپ قىلغانلىق ۋە ئۇ ئىشنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىگىمۇ پۇشايمان قىلمايمەن دېمەكتۇر.

    بۇنىڭدىكى سىر-ئەسرار بولسا: ئۇ كىشىنىڭ دىلى ئۇ ئىشقا ئالاقىدار بولۇپ قالماسلىقى ۋە كۆڭلىگە كىلىۋالماسلىقى، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ئارام دىللىق بىلەن رازى بولۇش دېمەكتۇر.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھنىڭ "سەھىھۇل بۇخارى" كىتاب دەئۋات ۋە كىتاب تەۋھىدتە بايان قىلغان ھەدىسنىڭ شەرھىسى توغرىسىدىكى قىسقىچە ئىزاھات ئاخىرلاشتى.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد