شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

بىر ۋاقىتتا ياكى بىر ھالەتتە توي قىلىش دۇرۇس بولىدىغان ۋە يەنە بىر ھالەت ياكى ۋاقىتتا توي قىلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللار توغرىسىدا

سۇئال

ئىسلامدا بىر ئايال بىلەن بىر ۋاقىتتا ياكى بىر ھالەتتە توي قىلىش دۇرۇس بولىدىغان ۋە يەنە بىر ھالەت ياكى بىر ۋاقىتتا  شۇ ئايال بىلەن توي قىلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئەھۋال بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شۇنداق، بۇنداق ھالەتلەر بار، بۇنى تۆۋەندىكى مىساللار ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىدۇ:

   1-باشقا ئەردىن ئىددەت تۇتىۋاتقان ئايال بىلەن توي قىلىش ھارام بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَعْزِمُوا عُقْدَةَ النِّكَاحِ حَتَّىٰ يَبْلُغَ الْكِتَابُ أَجَلَهُ تەرجىمىسى: «ئىددىتى توشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار» [سۈرە بەقەرە 235-ئايەت].

    بۇنىڭدىن چەكلەشتىكى ھېكمەت بولسا، ئايالنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئەرلەرنىڭ سۈيى ئارىلىشىپ، نەسەب ئارىلىشىپ كېتىدۇ.

   2-پاھىشە ئايالنىڭ بۇزۇقلىقى ئېنىق بولسا ئۇ تەۋبە قىلىپ ئىددەت مۇددىتىنى ئۆتكۈزمىسە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ھارام بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالزَّانِيَةُ لَا يَنكِحُهَا إِلَّا زَانٍ أَوْ مُشْرِكٌ ۚ وَحُرِّمَ ذَٰلِكَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ تەرجىمىسى: «زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى» [سۈرە نۇر 24-ئايەت].

  3-ئەر ئۆزى ئۈچ قېتىم تالاق قىلىۋاتقان ئايالنى ئۇ ئايال باشقا بىر ئەر بىلەن توي قىلىپ كېيىن ئاجىرشىپ كەتسە، ئىددىتى توشقاندىن كېيىن توي قىلالايدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇ ئايال بىلەن توي قىلىش ھارام بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎الطَّلَاقُ مَرَّتَانِ ۖ فَإِمْسَاكٌ بِمَعْرُوفٍ أَوْ تَسْرِيحٌ بِإِحْسَانٍ ۗ وَلَا يَحِلُّ لَكُمْ أَن تَأْخُذُوا مِمَّا آتَيْتُمُوهُنَّ شَيْئًا إِلَّا أَن يَخَافَا أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا فِيمَا افْتَدَتْ بِهِ ۗ تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلَا تَعْتَدُوهَا ۚ وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ تەرجىمىسى: «(قايتا يارىشىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن (خوتۇنىنى) چىرايلىقچە تۇتۇش، ياكى ياخشىلىق بىلەن (يەنى زۇلۇم قىلماي، يامان گېپىنى قىلماي، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرماي) قويۇۋېتىش لازىم، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى (يەنى ياخشى ئۆتەلمەسلىك، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەر - خوتۇنلۇق ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى) بولمىسىلا، ئۆزۈڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلارغا (مەھرى ئۈچۈن) بەرگەن مال - مۈلۈكتىن ھېچقانداق نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلار (يەنى ئەر - ئايال) نىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ (تالاق خېتىنى ئېلىش مەقسىتىدە) مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىسىگە (يەنى ئەر - خوتۇنغا) گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر.» [سۈرە بەقەرە 229-ئايەت].

    ئاللاھ تالائا يەنە مۇنداق دەيدۇ: فَلَا تَحِلُّ لَهُ مِن بَعْدُ حَتَّىٰ تَنكِحَ زَوْجًا غَيْرَهُ تەرجىمىسى: «ئەگەر (ئەر) ئۇنى (يەنى خوتۇنىنى) (ئۈچىنچى قېتىم) تالاق قىلسا، (خوتۇن) باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ.» [سۈرە بەقەرە 234-ئايەت].

   4-ھەج ياكى ئۆمرىگە نىيەت قىلىپ ئېھرام كىيگەن ئايال بىلەن توي قىلىش ھارام بولىدۇ. ئۇ ئايال ئېھرامدىن چىققاندىن كېيىن توي قىلسا بولىدۇ.

   5-ئاچا-سېڭىلنى بىرلا ۋاقىتتا بىر نىكاھتا ساقلاش ھارام بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «وأن تجمعوا بين الأختين» تەرجىمىسى: «ئىككى ھەمشىرىنى بىر ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى. لېكىن ئۆتكەنكىلەر (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلار) ئەپۇ قىلىنىدۇ» [سۈرە نىسا 23-ئايەت].

   شۇنىڭدەك ئايال بىلەن ئۇ ئايالنىڭ دادا تەرەپ ياكى ئانا تەرەپ ھاممىسىنى بىرلا ۋاقىتتا بىر نىكاھتا ساقلاش ھارام بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال بىلەن ئۇ ئايالنىڭ دادا تەرەپ ياكى ئانا تەرەپ ھاممىسىنى بىرلا ۋاقىتتا بىر نىكاھتا جۇغلىماڭلار». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىكى ھېكمەتنى بايان قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىلەر ئۇنداق قىلساڭلار، ئاراڭلاردىكى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزگەن بولىسىلەر». بۇنداق بولىشى ئاياللارنىڭ ئېرىنى بىر-بىرىدىن قىزغىنىشى بىلەن بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارىسىدا ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنىڭ ئۈزۈلۈشى ھاسىل بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدا نىكاھلىنىش دۇرۇس بولمايدىغان ئىككى ھەمشىرە ياكى ھامما قاتارلىقلاردىن بىرى تالاق قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئىددىتى پۈتكەن بولسا ئۇنىڭدىن كېيىن يەنى چەكلىمە يوق بولغاندىن كېيىن يەنە بىرى بىلەن توي قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.

  6-بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىدا تۆتتىن ئارتۇق ئايالنى جۇغلاش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَانكِحُوا مَا طَابَ لَكُم مِّنَ النِّسَاءِ مَثْنَىٰ وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار».

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلار مۇسۇلمان بولسا نىكاھىدا تۆتتىن ئارتۇق ئايالى بولغانلارنى تۆتتىن ئارتۇقىدىن ئايرىلىپ كېتىشكە بۇيرىغان.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ سالىھ بىن پەۋزان ئەلپەۋزاننىڭ" مۇلەخخەس پىقھى" ناملىق ئەسىرى 2-توم 271-بەت