سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

نىپاسنىڭ قىنى توختاپ مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن قان تامچىلىرىنى كۆرگەن ئايالنىڭ بۇنداق ھالەتتە تۇتقان روزىسىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

مەن شەئبان ئېيىدا يەڭگىدىم، ئاندىن ماڭا مەلۇم بىر كېسەللىك يەتتى، نىپاس قىنى پەقەت ئۈچ كۈن كېلىپ ئاندىن ئۈزۈلدى، مەن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇدۇم، شەئبان ئېيى ئاخىرلاشقانغا قەدەر مەندىن قان كەلمىدى، رامىزان باشلاندى، رامزاندىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە، دوختۇر ماڭا باكتىرىيىگە قارشى دورا يېزىپ بەردى، مەن روزىدار ئىدىم، لېكىن كۈندۈزى ھېچ بىر قان تامچىسى كەلمەيدۇ، شامدىن ئىلگىرى كىچك قان تامچىلىرى كېلىدۇ، رامىزان بويىچە شۇنداق ھالەتتە قالدىم، پاك بولغان ياكى بولمىغانلىقىمنى بىلمىدىم، لېكىن شۇنداقتىمۇ رامزاندا تولۇق روزا تۇتتۇم، مېنىڭ تۇتقان روزام توغرا بولدىمۇ ياكى ئۇ كۈندىكى روزىنى قايتىدىن تۇتىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: نىپاسنىڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنىڭ بەلگىلىمىسى يوق، ئەگەر ئايال توغۇتتىن بىر قانچە كۈن كېيىنلا نىپاستىن پاك بولغان بولسا، ئۇ ئايال يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيدۇ ۋە روزا تۇتىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايال تۇغۇتتىن كېيىن بىر كۈن ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن نىپاسنىڭ قىنى ئۈزۈلگەن بولسا نىپاستىن پاك بولغان بولىدۇ، ناماز ئوقۇش كېرەك بولىدۇ، تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، ئېرى ئۈچۈن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت قىلىش توغرا بولىدۇ". ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ"نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى"

    ئايالنىڭ ھەيز-نىپاستىن پاك بولغانلىقى تۆۋەندىكى ئىككى ئىشنىڭ بىرى بىلەن بىلىنىدۇ:

    بىرىنچى: ئاق خۇننىڭ كىلىشى بىلەن بىلىنىدۇ.

   ئىككىنچى: رەھمىتىڭ تولۇق قۇرىشى، قاننىڭ ياكى سىرىقلىقنىڭ ياكى دۇغلۇقنىڭ ھېچ ئىزى قالماسلىق بىلەن بىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 156224- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئىككىنچى: نىپاستىن تولۇق پاك بولغاندىن كېيىن كەلگەن قان تامچىلىرى نىپاستىن ھېسابلانمايدۇ، ئايال كىشى بۇنداق ھالەتتە ناماز ئوقۇيدۇ ۋە روزا تۇتىدۇ.

   "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى-ئىككىنچى مەجمۇئە"4-توم 259-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "بىر كىشىنىڭ ئايالى مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ يىگىرمە توققۇزىنچى كۈنى يەڭگىگەن بولۇپ، تۇغۇپ توققۇز كۈندىن كېيىن نىپاسنىڭ قېنى توختىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال يۇيۇنۇپ ناماز ۋە روزىنى باشلىغان، ئۇ ئايالنىڭ قارىشىچە، كېچە ۋاقتىدا تامچە- تامچە قان كېلىدىكەن، كۈندۈزدە ھېچقانداق نەرسە كۆرمەيدىكەن، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ئۇ ئايالنىڭ ئوقۇغان ناماز ۋە تۇتقان روزىسى توغرا بولامدۇ؟.

    بۇنىڭ جاۋابى: بۇ ئايال ئۆزىنىڭ تولۇق پاك بولغانلىقىنى كۆرگەن بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئوقۇغان نامىزى ۋە تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال تولۇق پاك بولغان بولۇپ، كېچىدە كۆرگەن قان تامچىلىرى نىپاس دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ ۋە ھەيزنىڭ قېنىمۇ دېيىلمەيدۇ، نىپاسنىڭ ھۆكمىگە كىرمەيدۇ".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئايال نىپاس باشلىنىپ ئىككى ئايدىن كېيىن پاك بولغاندىن كېيىن قان تامچىلىرىنى كۆرسە، ئۇ ئايالنىڭ روزىسى بۇزۇلۇپ، نامازنى تەرك قىلامدۇ؟ ياكى نېمە قىلىشى كېرەك؟. دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئايال ھەيز-نىپاستىن تولۇق ئىشەنچى بىلەن پاك بولغاندىن كېيىن، يەنى ھەيزدىن پاك بولۇشتا ئاق خۇن كەلسە بۇنى ئاياللار ياخشى بىلىدۇ، پاك بولغاندىن كېيىن كۆرگەن دۇغلۇق، سېرىقلىق، تامچىلار ياكى نەملىكلەر ھەيز ھېسابلانمايدۇ، ئۇ ئايال بۇنداق ھالەتتە ناماز ئوقۇشتىن، روزا تۇتۇشتىن ۋە ئېرى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى بۇ ھەيز ھېسابلانمايدۇ. ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز پاك بولغاندىن كېيىن كەلگەن سېرىقلىق ۋە دۇغلۇقنى ھەيزدىن دەپ قارىمايتتۇق. [بۇخارى رىۋايىتى. ئەبۇ داۋۇد توغرا ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان].

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن دەيمىزكى: بۇ ئىشلاردىن تولۇق پاك بولغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنلىرى ئايالغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئايالنى ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش ۋە يولدىشى بىلەن جنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن چەكلەپ قويمايدۇ، لېكىن شۇنداقتىمۇ تولۇق پاكلىقنى كۆرمىگىچە ئالدىرىماسلىق كېرەك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال ساھابىلار مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى بولغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۆزلىرىنىڭ ھەيزدە ئىشلەتكەن پاختىلىرىنى ئەۋەتەتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلارغا: تولۇق ئاقلىقنى كۆرمىگىچە ئالدىرماڭلار دەيتتى".

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى