پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

نامازنىڭ سەجدە سانىدا شەك قىلىپ قالسا، بىلمەسلىكتىن سەھۋەنلىك سەجدىسىنى قىلمىغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

نامازنىڭ سەجدە سانىدا شەك قىلىپ قالسا، شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋاسى بويىچە سەجدىنى ئىشەنچكە تۇرغۇزۇپ بىر سەجدىنى ئارتۇق قىلىۋەتسە، ئاندىن سالامدىن كىيىن سەھۋەنلىك سەجدىسى كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلمىغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سەجدىنىڭ سانىدا بىر سەجدە قىلدىمۇ ياكى ئىككى سەجدە قىلدىمۇ دەپ شەك قىلغان كىشى نامىزىنى ئىشەنچىگە تۇرغۇزىدۇ، يەنى ئازنى ئاساس قىلىدۇ، قىلغان سەجدىنى بىر دەپ ھېسابلاپ ئىككىنچى سەجدىنى قايتا قىلىدۇ، ئاندىن كىيىن ياخشى بولغان قاراش بويىچە سالامدىن ئىلگىرى سەھۋەنلىك ئۈچۈن سەجدە قىلىدۇ. بۇ شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ تاللىغان قارىشىدۇر.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامازدا شەك قىلغان كىشى يەنە بىر سەجدىنى قىلىش بىلەن نامىزىنى ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرىدۇ، بىر سەجدە قىلدىممۇ ياكى ئىككى سەجدە قىلدىممۇ دەپ شەك قىلغان كىشى، بىرىنچى رەكئەتتە بولسۇن ياكى ئىككىنچى رەكئەتتە بولسۇن ياكى ئۈچىنچى ياكى تۆتىنچى رەكئەتتە بولسۇن يەنە بىر قېتىم سەجدە قىلىدۇ، سالامدىن ئىلگىرى سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ، سەھۋەنلىك سەجدىسىنى سالامدىن كېيىن قىلسىمۇ بولىدۇ، ياخشىسى سالامدىن ئىلگىرى قىلىش كېرەك. ["ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى"11-توم 30-بەت].

بەزى ئالىملار: نامازنىڭ پەرزلىرىدىن بىرەر پەرزنى قىلمىغانلىقىدا شەك قىلسا، نامازنىڭ رەكئەت سانىدا شەك قىلغانغا ئوخشاشتۇر، ئىككى ئىھتىماللىقنىڭ بىرى كۈچلاندۇرۇلمىغان ئەھۋالدا، نامازنى ئاز بولغان سان بويىچە ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرىدۇ، بۇنداق ھالەتتە سالامدىن ئىلگىرى سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ.

ئەمما ئىككى ئىھتىماللىقنىڭ بىرى كۈچلاندۇرۇلغان ۋاقىتتا، كۈچلۈك تەرەپكە ئەمەل قىلىپ نامازنى كۈچلۈك تەرەپكە قۇرىدۇ، سالامدىن كېيىن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ.

ئىمام مەرداۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامازنىڭ بىر پەرزىنى تەرك قىلغان توغرىسىدا شەك قىلغان كىشى، ئۇ پەرزنى تەرك قىلغانغا ئوخشاشتۇر" دېگەن بۇ سۆز مەزھەبنىڭ قارىشىدۇر، مەزھەب ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى بۇ قاراشنى كەسكىن قوللايدۇ. يەنە بەزى ئالىملار: بىر پەرزنى تەرك قىلىش قىياس بويىچە بىر رەكئەتنى تەرك قىلغانغا ئوخشاشتۇر، ياخشىسى كۈچلۈك ئىشنەچ بويىچە ئەمەل قىلىش كېرەك". ["ئەلئىنساپ"ناملىق ئەسەر 2-توم 150-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ناماز ئىچىدە بىر پەرزنى تەرك قىلغانلىقتا شەك قىلغان كىشى، شۇ پەرزنى تەرك قىلغانغا ئوخشاشتۇر، يەنى بىر پەرزنى قىلدىمۇ ياكى قىلمىدىممۇ دەپ شەك قىلغان كىشى، ھۆكۈمدە ئۇ پەرزنى قىلمىغانغا ئوخشاشتۇر. يەنى نامازدا ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرغاندىن كېيىن، بىرىنچى رەكئەتتە بىر سەجدە قىلدىممۇ ياكى ئىككى سەجدە قىلدىممۇ؟ دەپ شەك قىلغان كىشى ئۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

پەرزدىن بىرەرنى تەرك قىلغانلىقتا شەك قىلغان كىشى شۇ پەرزنى تەرك قىلغانغا ئوخشاشتۇر، خۇددى ئۇ پەرزنى قىلمىغانغا ئوخشاش. ئەگەر قىلغانلىقىدا شەك بولسا، لىكىن گۇمانى قىلغانلىقىنى كۈچلاندۇرسا، كۈچلۈك قاراش بويىچە، گۇماننىڭ كۈچلۈك تەرىپىنى ئاساس قىلىپ، ھۆكۈمدە مەزكۇر پەرزنى قىلغاننىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ، بۇ پەرزنى قايتا قىلمايدۇ، چۈنكى بىز نامازنىڭ رەكئەت سانىدا شەك قىلىنغاندا، نامازنى كۈچلۈك گۇمان بويىچە ئادا قىلىنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق، شۇنداقتىمۇ سالامدىن كېيىن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ". ["ئەششەرھۇل مۇمتىئ" ناملىق ئەسەر 3-توم 384-بەت].

ئىككىنچى: ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى: سەھۋەنلىك سەجدىسىنى ئۇنتۇپ قىلىپ تەرك قىلغان كىشى، ئارىلىق ئۇزۇن بولمىسا قايتىدىن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ، ئەگەر ۋاقىت ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن بولسا سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلمىسىمۇ بولىدۇ، ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ.

بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: سالامدىن ئىلگىرى قىلىش مۇستەھەب بولغان سەھۋەنلىك سەجدىسىنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى، باشقا نامازنى باشلىغان بولسا ئۇ نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئارىلىق ئۇزۇن بولۇپ كەتمىگەن بولسا، تاھارىتى سۇنۇپ كەتمىگەن بولسا، مەسچىتتىن چىقىپ كەتمىگەن بولسا، دەسلەپتە قىلمىغان سەھۋەنلىق سەجدىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، ئەمما ۋاقىت ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن ياكى تەرىتى سۇنۇپ كەتكەن ۋەياكى مەسچىتتىن چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سەھۋەنلىك سەجدىسىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. شۇنىڭدەك نامازنىڭ باشقا ۋاجىبىنى سەھۋەن تەرك قىلسىمۇ شۇنداق بولىدۇ". "شەرھى مۇنتەھەل ئىرادات" ناملىق ئەسەر 1-توم 235-بەت].

بۇ مەسىلىدە، بىلمىگەن كىشى ئۇنتۇپ قالغان كىشىگە ئوخشاشتۇر.

دائىمى كومېتىتى پەتىۋاسى(6/10) دا مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئەگەر سەھۋەنلىك سەجدىسىنى قەستەن تەرك قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولىدۇ، نامازنى قايتىدىن ئوقۇشى كېرەك. ئەگەر سەھۋەنلىك بىلەن ياكى بىلمەسلىكتىن تەرك قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولىدۇ، نامازنى قايتىدىن ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ".

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشىنىڭ نامىزىدا رەكئەت سانى ئارتۇق ياكى كەم بولۇپ قالسا، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلمىغان بولسا، بۇ كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مەسىلىدە تەپسىلى توختىلىمىز: ئەگەر نامازدا تۇرۇپ سەھۋەنلىك سەجدىسىنى تەرك قىلىشنى مەقسەت قىلسا، بۇنىڭدىكى شەرئى ھۆكۈمنى بىلسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولىدۇ.ئەمما ھۆكۈمنى بىلمىسە ياكى ئۇنتۇپ قالغان بولسا نامىزى باتىل بولمايدۇ بەلكى ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ...." ["شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى" دىن قىسقارتىپ ئىلىندى.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى