روزىنىڭ بۇزىدىغان ئامىللار چەكلىك بولۇپ، بۇ توغرىدا قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق تېكىست بايان قىلىنغان، ئۇ بولسىمۇ: جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش، يېمەك-ئىچمەك، يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۇكۇللىرى، ئانانىزىم قىلىش، ھىجامە قىلىش، قەستەن قەي قىلىش، ئادەت كۆرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 38023- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.
روزىنىڭ بۇزىلىشىغا نىسبەتەن ئانانىزىم قىلىش بىلەن يىرىم-يالىڭاچ يۈرۈشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق:
ئانانىزىم قىلىشنىڭ ئۆزىلا ھەقىقەتەن روزىنى بۇزغۇچىدۇر، بۇنىڭ دەلىلى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: روزا مەن ئۈچۈندۇر، روزا تۇتقۇچى مېنى دەپ ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە شەھۋىتىنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى ئۆزۈم بىرىمەن. [بۇخارى رىۋايىتى 1894-ھەدىس. ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 9112-ھەدىس].
ئانانىزىم قىلىش شەھۋەت بولۇپ ئۇ يېمەك-ئىچمەككە ئوخشاش روزىنى بۇزىدۇ.
ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئانانىزىم قىلىشنىڭ ئۆزى روزىنى بۇزىدۇ".
["پىقھى پەتىۋالىرى" 2-توم 73-بەت].
شەيخ مۇھەممەد مۇختار شەنقىتىي مۇنداق دەيدۇ: ھەدىستە: شەھۋىتىنى تەرك قىلىدۇ دەپ شەھۋەتنى مۇتلەق كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ جىما يولى بىلەن بولىدىغان ياكى ئانانىزىم يولى بىلەن بولىدىغان چوڭ شەھۋەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئەگەر مەنى چۈشسىمۇ شەھۋەت ھاسىل بولغان بولىدۇ، بۇمۇ چوڭ شەھۋەت ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭغا ئاساسەن، ئانانىزىم قىلغان كىشى روزا تۇتمىغان بولىدۇ، چۈنكى روزا تۇتقان كىشى ئۆزىنىڭ شەھۋىتىنى تەرك قىلىدۇ، ئانانىزىم قىلغان كىشى شەھۋىتىنى تەرك قىلمىغان بولىدۇ". ["شەرھى زادىل مۇستەقنىئ"4-توم 104-بەت].
"پىقھى توپلاملىرى"4-توم 100-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "مالىكى، شاپىئى، ھەنبەلى ۋە ئومۇمى ھەنەفى ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدا قول بىلەن ئانانىزىم قىلىش روزىنى بۇزىدۇ".
ئەمما يىرىم-يالىڭاچ يۈرۈش روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن ئەمەس، بەلكى ئۇ باشقا گۇناھلارغا ئوخشاش گۇناھ بولۇپ، غەيۋەت ۋە يالغانچىلىققا ئوخشاش روزىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىدۇ لېكىن روزىنى بۇزمايدۇ.
ئىلگىرى 50063- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ئاياللارنىڭ يىرىم-يالىڭاچ يۈرىشى، ئىچكى زىننەتلىرىنى ۋە ھەسساس ئەزالىرىنى يات ئەرلەرگە ئىزھار قىلىش قاتارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەرنىڭ روزىنىڭ ساۋابىنى كەمەيتىدىغانلىقىنى، گۇناھ-مەسىيەت كۆپ بولۇپ كەتسە، روزىنىڭ ساۋابىنىڭ پۈتۈنلەي بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى لېكىن روزىنى بۇزمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدىكى پەرىز روزا ئادا بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدۇق.