يەكشەنبە 21 جىمادۇسسانى 1446 - 22 دىكابىر 2024
Uygur

ئاللاھ تائالانىڭ «ئەل ئەھەد» دېگەن ئىسمىنىڭ تەقەززاسىغا قانداق ئەمەل قىلىش كېرەك بولىدۇ؟

246242

تارقاتقان ۋاقىت : 04-11-2016

كۆرگۈچىلەر : 2978

سۇئال

ئاللاھ تائالانىڭ ئەل ئەھەد دېگەن ئىسمىنىڭ تەقەززاسى بويىچە قانداق ئەمەل قىلىشىم كېرەك بولىدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەل ئەھەد دېگەن ئىسىم ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿قُلْ هُوَ اللَّـهُ أَحَدٌ﴾ تەرجىمىسى: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ئۇ - اﷲ بىردۇر. [سۈرە ئىخلاس 1-ئايەت].

ئەل ئەھەد: ئەزەلدىن يەككە-يېگانە بولغان ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىرسى بولمىغان، ئۆز زاتىدا، پەرۋەردىگارلىق، ئىلاھلىق، ۋە ئىسىم-سۈپەتلىرىدە يەككە بولغان زات دېمەكتۇر.

شەيخ سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەل ۋاھىد، ئەل ئەھەد (بىردۇر، يەككىدۇر) دېگەن: بۇ بارلىق كامالەتتە يەككە-يېگانە بولغان، ھېچقانداق شېرىكى بولمىغان زات بولۇپ، بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئەقلى، ئاغزاكى ۋە ئەمەلى جەھەتتىن ئاللاھ تائالانى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ مۇتلەق كامالەت ئىگىسى، يەككە-يېگانىلىكتە تەڭداشسىزلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئاللاھ تائالانى ئىبادەتنىڭ بارلىق تۈرلىرىدە يالغۇز دەپ ئېتىقاد قىلىشى زۈرۈر بولىدۇ". ["تەپسىر سەئدىي"945 -بەت].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپراق مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 10282-نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئەل ئەھەد دېگەن ئىسىمنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىش دېگەنلىك: ئاللاھ تائالانى پەرۋەردىگارلىقتا بىر بىلىش. ئاللاھ تائالا بارلىق نەرسىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە ئىدارە قىلىشتا يەككە-يېگانە بېلىش. بۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ، ئەمەل-ئىبادەتلەردە ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ھەر ئىشنى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىش، بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەردە ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئىخلاسمەن، سەمىمى بولۇشقاھېرىسمەن بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەل ۋاھىد، ئەل ئەھەد (بىردۇر، يەككىدۇر) دېگەن بۇ ئۇلۇغ ئككى ئىسىمنىڭ بىزگە كورسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن كاتتا، ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانى پەرۋەردىگارلىقتا، ئىلاھلىقتا بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش، ئاللاھ تائالانى بارلىق ئىسىم -سۈپەتلىرىدە يەككە دەپ ئېتىقاد قىلىش، بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتا يالغۇز دەپ ئېتىقاد قىلىشتۇر.

شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا پەرۋەردىگارلىقتا يەككىدۇر، ئاللاھ تائالا ياراتقۇچى، رىزىق ئاتا قىلغۇچى، ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى، ۋاپات تاپقۇزغۇچى، مەخلۇقاتلارغا نېمىتىنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلغۇچى پادشاھتۇر. ئاللاھ تائالا ئىلاھلىقتىمۇ يەككىدۇر، ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر دەپ ئېتىقاد قىلىش بىلەن بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان تەۋھىد قارىشى تاۋلىنىدۇ. ئىبادەتنىڭ ھەممە تۈرلىرىدە ئاللاھ تائالانىڭ يەككە-يىگانە ئىكەنلىكى روياپقا چېقىدۇ. ئىبادەتكە پەقەت بىر ئاللاھلا ھەقلىق بولىدۇ.

بەدىنىڭ قەلبىدە مۇشۇ ئېتىقاد بىكىتىلگەن ۋاختىدا، بۇ چوقۇم شۇ ئىنساننىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى، ئەمەلى ھەركىتىنىڭ ھەممىسىدە روشەن ئىپادىلىنىدۇ ۋە ھېچ قانداق شېرىكى بولمىغان بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمايدۇ، رۇكۇ-سەجدە قىلمايدۇ، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ بىرىدىن ئارزۇ-تىلەكلەرنى سورىمايدۇ، ئۇنىڭ غەيرىدىن مەدەد تىلىمەيدۇ، ياردەم سورىمايدۇ. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىمدىن پاناھلىق تىلىمەيدۇ، يەككە-يىگانە بولغان ئاللاھتىن باشقىغا تەۋەككۇل قىلمايدۇ.

ئەل ۋاھىد، ئەل ئەھەد (بىردۇر، يەككىدۇر) دېگەن ئىسىمغا ئىشىنىشتىن بولغان مەقسەت: ئاللاھ تائالانى ئىلاھلىقتا، دۇئادا، ياخشى كۆرۈشتە، ئۇلۇغلاشتا، كاتتىلاشتا، قورقۇشتا، ئۇمىد قىلىشتا، تەۋەككۇل قىلىشتا ۋە ئىبادەتنىڭ بارلىق تۈرلىرىدە بىر بىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

بۇ يەنە ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش، مۇھەببەتتە بىر بىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ أَغَيْرَ اللَّـهِ أَتَّخِذُ وَلِيًّا فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَهُوَ يُطْعِمُ وَلَا يُطْعَمُ قُلْ إِنِّي أُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَسْلَمَ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد!) بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھتىن غەيرىينى مەبۇد تۇتامدىم؟ ئاللاھ رىزىق بېرىدۇ، ئۆزى رىزىققا موھتاج ئەمەس. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، مەن بۇ ئۈممەت ئىچىدە ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. ماڭا دېيىلدىكى، سەن ھەرگىز مۇشرىكلاردىن بولمىغىن.» [سۈرە ئەنئام 14-ئايەت].

ئىككىنچى: قەلبنى ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھقا باغلاش. يەنى ھېچقانداق شېرىكى بولمىغان يەككە-يىگانە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلەندۈرۈش كېرەك. چۈنكى ئۇ ئاللاھ ئەل ۋاھىد، ئەل ئەھەد (بىردۇر، يەككىدۇر)، خالايىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ بارلىق ھاجەتلىرىدە ئۇنىڭغا ئىھتىياجلىقتۇر، ئۇ ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر، ھەممە نەرسىدە خالىغانچە تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر.

مۇشۇ تۇيغۇ قەلبنى تۈرلۈك داۋالغۇش، دىلىغۇللۇقتىن ساقلايدۇ، ئۆز پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تەرىپىگە قارار ئالدۇرىدۇ، ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدىغان، ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلىپ بەرگەندىن باشقا ھېچ نەرسىگە قادىر بولالمايدىغان، باشقىلارغا ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ پايدا-زېيىنىغىمۇ ئىگە بولالمايدىغان نەرسىلەرگە قەلبنىڭ باغلىنىشىنى چەكلەيدۇ.

بۇ تۇيغۇ بەندىنىڭ قەلبىنى مەخلۇقاتلارغا ئالاقىدار بولۇشتىن ئۈزىدۇ، يۆلىنىشى، تەلىبى، مەقسىدىنى ئۆزىنىڭ مەئبۇدى، ياراتقۇچىسى ۋە پەيدا قىلغۇچىسى بولغان يەككە-يىگانە، ھەممە ئىھتىياجلىق بولغان ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە بىرلەشتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەلبى راھەتلىنىپ، ئارام تاپىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ يۆلىنىشى ۋە قەلبىنى يەككە-يىگانە بولغان بىر ئاللاھغا بويسۇندۇردى، ئۆز ئارا ھەيرانلىق، تەۋرىنىش ۋە ئاچچىق كۆرەش ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە دۈشمەن بولغان شېرىكلەر ۋە تۈرلۈك تەرەپلەرگە يۈزلەندۈرمىدى.

ئاللاھ تائالا پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىۋاتقان كىشى بىلەن پارچە-پارچە، تالاش-تارتىش ئېچىدىكى تۈرلۈك ئىلاھلارغا چوقۇنىۋاتقان كىشى توغرىسىدا مىسال بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ضَرَبَ اللَّـهُ مَثَلًا رَّجُلًا فِيهِ شُرَكَاءُ مُتَشَاكِسُونَ وَرَجُلًا سَلَمًا لِّرَجُلٍ هَلْ يَسْتَوِيَانِ مَثَلًاالْحَمْدُ لِلَّـهِبَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرگە مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر قۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا (ئىشقا سېلىشنى) تالىشىدىغان نۇرغۇن خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ (بىرسى بۇ ئىشقا، بىرسى ئۇ ئىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ كىمنى رازى قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ)، يەنە بىر قۇل بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمگىلا خاستۇر، بۇ ئىككى قۇل (يەنى ئۇنىڭ ئەھۋالى) باراۋەرمۇ؟ جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. [سۈرە زۇمەر 29-ئايەت].

ئىنسان ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى يەككە-يىگانە بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئالى نىشاننى روياپقا چىقىرىشقا يۈزلەندۈرگەندە، ئۇ كىشى ھاياتىدىكى ھەممە نەرسىنى مەزكۇر غايىگە بويسۇندۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋاقتى ۋە ھاياتىنى مۇشۇ ئالى غايىدىن باشقا نەرسىگە زايە قىلىۋىتىشتىن ساقلايدۇ. ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتى، ساناقلىق تىنىقلىرىنى بىكار زايە قىلىۋىتىشتىن ئىھتىيات قىلىدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ ھەممە ۋاقتىنى، ھايات مىنۇتلىرىنى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۆزىگە مەنپەئەتى بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرگە، ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشقا، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا سەرپ قىلىدۇ، پايدىسىز ئىشلارغا زايە قىلىۋەتكەن ھايات مىنۇتلىرىغا، پۈتۈن دۇنيانى يوق قىلىۋەتكەندىنمۇ بەكرەك ھەسرەتلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ۋاقتى، سالامەتلىكى، ئىقتىسادى، ياشلىقى قاتارلىقلارنى غەنىمەت بىلىپ قەدىرلەيدۇ، بۇ نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئىلگىرى بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىگە ئىشلىتىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ راھەتلىنىىدىغان، ئارام ئالىدىغان ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۆزىنى ماددى-مەنىۋىي جەھەتتىن كۈچلاندۇرۇپ، نەپسىنى جۇشقۇنلاشتۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەتلەرنى روھلۇق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ".["ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى" ناملىق ئەسەر 114-117-بەتتىن قىسقارتىپ ئىلىندى].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى