پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

ئاللاھنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈشتىكى توغرا پرىنسىپ توغرىسىدا

سۇئال

ئاللاھنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرى توغرىسىدىكى پرىنسىپ:  ئاللاھ تائالا  ئۆزى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە سۆزلىگەن ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىغا ئاساسەن زىكىر قىلغان ئىسىم سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى زېھنىگە يېقىنلاشتۇرۇش بابىدىن بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئاللاھنى ئىلىم بىلەن چۈشۈنۈپ  بولغىلى بولمايدۇ، گۇرۇھ، جامائەت ۋە پىرقىلار ماڭا نىسبەتەن مۇھىم ئەمەس؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

بىرىنچى: ئاللاھ تائالا ئۆزى ئۈچۈن ئىسپاتلىغان ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئىسپاتلىغان ئىسىم، سۈپەتلەرگە ئۇنىڭ كەيپىياتىنى سۈرۈشتۈرمەستىن، بىر نەرسىگە ئوخشاتماستىن، ئۆزگەرتىۋەتمەستىن ۋە بىكار قىلىۋەتمەستىن ئىمان كەلتۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ . بۇنىڭ قاتارىغا يەنە:  ئاللاھ تائالانىڭ ئاڭلىغۇچى، كۆرگۈچى، ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىشمۇ كىرىدۇ. يەنە:  ئاڭلاش، كۆرۈش، بىلىش، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىش، ئىستىۋا، كېلىش، خۇرسەن بولۇش، كۈلۈش، ئاچچىقلىنىش، رازى بولۇش قاتارلىق سۈپەتلىرى بار. يەنە ئاللاھ تائالا ئۆزى خەۋەر بەرگەن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن ئاللاھنىڭ يۈزى، ئىككى قولى قاتارلىق ئىسىم سۈپەتلىرى بار.

بۇنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش بولسا ئىماننىڭ ئاساسى ۋە كاتتا رۇكنىسى بولغان ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ  مۇنداق دەيدۇ: “ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىشنىڭ جۈملىسىدىن: ” ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئۆزىنى سۈپەتلىگەن سۈپەتلەرنىڭ ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىستە سۈپەتلىگەن سۈپەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۇنىڭ كەيپىياتىنى سۈرۈشتۈرمەستىن، بىر نەرسىگە ئوخشاتماستىن، ئۆزگەرتىۋەتمەستىن ۋە بىكار قىلىۋەتمەستىن ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ھېچ ئوخشىشى يوق، ئۇ زات ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى دەپ ئىشىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئۆزىنى سۈپەتلىگەن سۈپەتلەرنى رەت قىلمايدۇ، سۆزلەرنى ئۆز ئورنىدىن ئۆزگەرتمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ۋە ئىسىملىرى توغرىسىدا ئاتېئىست بولمايدۇ(دىنسىز بولمايدۇ) قانداقلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن ھېچ بىرىنى مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشاتمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئوخشىشى، باراۋىرى ۋە تەڭدىشى بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆز خەلقى بىلەن قىياس قىلىنمايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، سۆزدە ھەممىدىن راستچىلدۇر، ئەڭ گۈزەل سۆز قىلغۇچىدۇر. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۆزى راستچىل، باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. ئۆزىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتمىدى .بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: سُبْحَانَ رَبِّكَ رَبِّ الْعِزَّةِ عَمَّا يَصِفُونَ * وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ * وَالْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ تەرجىمىسى: «قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر، پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر». [سۈرە ساپپات 180-182 -ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرگە مۇخالىپ بولغانلار سۈپەتلىگەن نەرسىلەردىن ئۆزىنى پاكلىدى. مۇخالىپلارنىڭ دېگەن ئەيىب-نۇقسانلىرىدىن سالامەت  بولغان پەيغەمبەرلەرگە ئاللاھ سالام يوللىدى.  ئاللاھ تائالا نەپي ۋە ئىسپات ئارىسىدىن ئۆزىنى ئاتىغان ۋە سۈپەتلىگەن نەرسىنى جۇغلىدى، ئەھلى سۈننە ۋەل جامائە ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر ئىلىپ كەلگەن يولدىن چېقىپ كېتىش بولمايدۇ، ئۇ سىراتەل مۇستەقىمدىن ئىبارەت توغرا يولدۇر. ئۇ پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر ۋە سالىھلاردىن ئىبارەت ئاللاھ تائالا نېمەت ئاتا قىلغان كىشىلەرنىڭ يولىدۇر. [ شەيخ خەلىيل ھىراسنىڭ “شەرھى ئەقىدەتۇل ۋاستىيە” 65 -بەت.]

ئىككىنچى: نىجاتلىق دېگەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ يولىغا ئەگىشىش ئۇنىڭدىن باشقا نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىدىغان، بىدئەتچى قاتارلىقلارنىڭ يولىدىن يىراق بولۇشتۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىم يەتمىش  ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ، ئۇلاردىن بىر پىرقىدىن باشقىسى دوزاختا بولىدۇ، ساھابىلار:  كىم ئۇلار؟ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!  دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مەن ۋە مېنىڭ ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا بولغانلار» دېدى. [ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن تىرمىزى 2641 -ھەدىستە بايان قىلىپ ھەسەن دېگەن ھەدىستىمۇ شۇنداق كەلگەن. بۇ ھەدىسنى ئىبنىل ئەرەبىي ھەسەن دەپ “ئەھكامۇل قۇرئان”  3 -توم 432 -بەتتە، ئىراقى “ئىھيائۇلۇمددىننىڭ تەخرىجى 3 -توم 284 -بەتتە، شەيخ ئەلبانى “تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا” كەلتۈرگەن.]

نىجاتلىقنى ئىرادە قىلسىڭىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ يولىدىن مېڭىڭ، ئۇ بولسىمۇ سەلەپلەر ماڭغان يولدۇر، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدۇ، تەۋىل قىلمايدۇ، ئۆزگەرتمەيدۇ، كەيپىياتىنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ ۋە باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاتمايدۇ.

ئەمما سىزنىڭ: “ئاللاھ تائالا  ئۆزى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە سۆزلىگەن ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىغا ئاساسەن زىكىر قىلغان ئىسىم سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى زېھنىگە يېقىنلاشتۇرۇش بابىدىن بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئاللاھنى ئىلىم بىلەن ئىھاتە قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ” دېگەن سۆزىڭىزگە كەلسەك، ئەگەر سىز بۇنىڭدىن:  ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ قانداقلىقى ۋە كەيپىياتىنى بىلمەيمىز، بىز بۇ ئىلمىمىز بىلەن ھەممىنى ئىھاتە قىلىپ بولالمايمىز دېگەننى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز، بۇ ھەق-توغرا، بىز شۇنى بىلىمىزكى: ئاللاھ تائالا ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچىدۇر، ئاڭلاش دېگەن ئاڭلانغۇچى نەرسىلەرنى ئاڭلاش، كۆرۈش دېگەن كۆرەلگۈچى نەرسىلەرنى كۆرۈش بولۇپ بىز بۇ ئاڭلاش ۋە كۆرۈشنىڭ كەيپىياتىنى بىلمەيمىز، ئۇنى ئىلمىمىز بىلەن ئىھاتە قىلالمايمىز، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بارلىق تىلدىكى، تاۋۇشتىكى ئاۋازلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئاڭلىغۇچىدۇر، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە ئۇستۇن ئالەم ۋە تۆۋەن ئالەمدىكى ھەممە نەرسىنى كۆرگۈچىدۇر. بىز بۇنىڭ كەيپىياتىنى بىلمەيمىز، ئۇنى ئىھاتە قىلالمايمىز، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە سۈپەتلىرىدە مۇشۇنداق دېسىڭىز بولىدۇ.

بىز سۈپەتلەرنى بىر يولدىن بىلىمىز يەنە بىر يولدىن بىلمەيمىز، ئۇنى ئىسپاتلانغانلىقى تەرەپتىن بىلىمىز، مەنىسىنى بىلىمىز، ئۇنىڭ ھەقىقىتى، كەيپىياتى ۋە تونۇشلۇق تەرىپىدىن بىلمەيمىز.

بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى بىز كۆرمىگەن بىزدىن غايىپ بولغان بارلىق غەيبى ئىشلاردا شۇنداق بولىدۇ. جەننەتنىڭ نېمەتلىرى، جەننەتتە شاراپ ۋە ھەسەلنىڭ بارلىقىنى بىز دۇنيادا كۆرگىنىمىز بويۇنچە بىلىمىز، لېكىن شۇنى كېسىپ ئېيتىمىزكى، جەننەتتىكى ھەسەل ۋە شاراپلار بىزنىڭ دۇنيادىكى ھەسەل ۋە شاراپلاردەك ئەمەس.

ئەللامە ۋاسىتىى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى  ئومۇمى جەھەتتىن ۋە ئىسپاتلىنىش جەھەتتىن مەلۇمدۇر، كەيپىيات ۋە بېكىتىش جەھەتتىن ئەقىل ئاجىزدۇر. مۆمىن بۇ سۈپەتلەرنى بىر تەرەپتىن كۆرىدىغان بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆر بولىدۇ، سۈپەتلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش تەرەپتىن كۆرىدىغان بولىدۇ، كەيپىيات ۋە بېكىتىش جەھەتتىن كۆرمەيدىغان بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۆزىنى سۈپەتلىگەن نەرسىنى ئىسپاتلاش بىلەن ئۆزگەرتىشنى، ئوخشىتىشنى ۋە توختىتىشنى رەت قىلىشنىڭ ئارىسىنى جۇغلاش ھاسل بولىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سۈپەتلىرىنى  بىلىۋېلىشىمىز، ئۇنىڭ ھەقىقەتلىرىگە ئىشىنىشىمىز ۋە ئۇ سۈپەتلەردىن ئوخشىتىشنى رەت قىلىشىمىز ئۈچۈن ئاشكارىلاشتىكى مەقسىدىدۇر. [“ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدىكى نەسىھەت”  41-42 -بەت.]

ئەگەر سىز بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەقىقىتى يوق، ھەقىقەتەن ئۇ خىيال قىلدۇرۇش ۋە يېقىنلاشتۇرۇش يولىغا ئاساسەن دېيىلگەن دېسىڭىز، بۇ باتىل پىكىر بولۇپ، پەلسەپىچىلەرنىڭ تۇتقان يولىدۇر، يەنى بۇ ھەقىقىتى بولمىغان خىيال بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنى بىر ئىلاھقا ئىشىنەمدىكى دېگەن گۇمانى قاراش مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئىسپىرانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “سەلەپلەرنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتكەنلەر ئۈچ تائىپەدۇر:  خىيال تائىپىسى، تەۋىل تائىپىسى ۋە بىلمەسلىك تائىپىسىدۇر.

ئەمما خىيال تائىپىسى بولسا ئۇلار  پەلسەپىچىلەر، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغان ئىلمى كالامچىلار ۋە سوپىلاردىن ئىبارەتتۇر، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: “ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت بولغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زىكىر قىلغان بۇ ئىش كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن ھەقىقەتكە بولغان خىيالدۇر.  ئۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىش ئەمەس، خەلقنى ھەقىقەتكە باشلاش ئەمەس، ياكى ھەقىقەتنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىش ئەمەس، بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى كۇپۇرلۇق بولمايدۇ.

ئەھلى تەۋىللەر مۇنداق دەيدۇ:  سۈپەت توغرىسىدا كەلگەن دەلىللەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ باتىلنى ئىتىقاد قىلىشىنى مەقسەت قىلمىغان لېكىن ئۇنىڭ بىلەن مەنالارنى مەقسەت قىلغان، بۇنى ئۇلارغا بايان قىلىپ بەرمىگەن، ئۇنىڭغا يېتەكلەپ قويمىغان لېكىن ئۇلارنىڭ قاراپ چىقىشىنى، ئەقىل-ئىدراكلىرى بىلەن ھەقنى تونۇشىنى ئاندىن ئاشۇ ئىسپاتلارنى ئۆز دالالىتىدىن چىقىرىۋىتىشتە ئىجتىھاد قىلىشىنى مەقسەت قىلغان.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنى سىناش-ئىمتىھان قىلىش، ئۇنىڭغا بۇيرۇش، سۈپەتلەرنى ئۆزى بىلدۈرىدىغان ۋە تەقەززا قىلىدىغان تەرەپتىن ئۆرىۋېتىشتە ئەقىللىرى ۋە زېھنىنى چارچىتىش ۋە ھەقىقەتنى ئۇنىڭ غەيرىدە ۋە باشقىسىدا بىلىشىنى مەقسەت قىلغان.  بۇ مۇتەكەللىمىين، جەھمىيە ۋە مۆئتەزىلە ۋە ئۇلارنىڭ پىكرىگە ئەگەشكەن قارىشىنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ سۆزىدۇر. ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ ئارىسىدا بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئازدۇرۇشنى ۋە توغرا يولغا باشلىماسلىقنى مەقسەت قىلغانلىقى مەخپى ئەمەس،  بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن ئاللاھ تائالانى:« كۆيۈنۈش ۋە رەھىم-شەپقەت» بىلەن سۈپەتلىگەن سۈپەتلەرنىڭ مەناسىنىڭ قارشىسىدۇر. ئۇلار كۆرۈنۈشتە سۈننەتكە ياردەم بەرگەنلىكىنى نامايەندە قىلىدۇ، ھەقىقەتتە بولسا ئىسلامغىمۇ ياردەم بەرمەيدۇ، توغرا ئىشلەتمىگەن پەلسەپىگىمۇ ياردەم بەرمەيدۇ، بەلكى ئۇلار ئىلھاد-دىنسىزلىققا يول ئاچىدۇ. بۇزغۇنچى-پاساتچى باتىنىيە-قەرامىتە گورۇھىنى قۇرئان، ھەدىسكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئاساس سالىدۇ.

ئەھلى جاھىللار مۇنداق دەيدۇ:  ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىگە نازىل قىلىنغان سۈپەت ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەن، جەبرائىل ئەلەيھىسسالاممۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەن، ئىلگىرىكى سەلەپلەرمۇ بىلمىگەن، ئۇلار سۈپەت توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر توغرىسىدىمۇ شۇنداق دېگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى مەنىسىنى بىلمەيدىغان سۆزلەرنى سۆزلىگەن دەيدۇ، بۇ ئۆزىنى سۈننەتكە نىسبەت بەرگەن سەلەپلەرنىڭ ئەگەشكۈچىسى دەپ دەۋا قىلغان كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ سۆزىدۇر. ئۇلار سۈپەت توغرىسىدىكى ئايەت-ھەدىسلەر توغرىسىدا: بۇنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ تائالا بىلىدۇ دەپ بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى دەلىل قىلىدۇ: وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ تەرجىمىسى: «بۇنىڭ مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ ».

ئۇلار يەنە:  سۈپەت توغرىسىدىكى ئايەت-ھەدىسلەر كۆرۈنىشى-زاھىرىي بويۇنچە ئىجرا قىلىنىدۇ،  دەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرۈنىشى بويۇنچە ئىجرا بولىدۇ دېگەن سۆزدىن بولغان مەقسىتى:  بۇنىڭ مۇشۇ مەنىسى بىلەن تەۋىل بار، بۇنى پەقەت بىر ئاللاھ بىلىدۇ دېمەكتۇر”. [ “لەۋامىئۇل ئەنۋار نەھىيە”  1 -توم 116 -بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى