شەنبە 22 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 23 نويابىر 2024
Uygur

ئاللاھ تائالا ئەرشنىڭ ئۈستىگە قارار ئالدى دېگەن سۆزنى ئولتۇردى دەپ چۈشەندۈرۈش توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالا ئەرىشتە ئولتۇردى دېسە توغرا بولامدۇ؟، بىز ئاللاھ تائالا ئەرىشتە ئولتۇرىدۇ، مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلىدۇ دېسەك توغرا بولامدۇ؟، مەن بۇ سۆزنى ئاللاھ تائالانى كەمسىتىشنى مەقسەت قىلماستىن دېسە قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشنى خالايمەن؟، چۈنكى ئۇ كىشى قارار ئىلىش دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئولتۇرۇش دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىش، بۇ سۆز-ئىشنى قايتا قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىش كۇپايە قىلامدۇ؟، مەن مۇشۇ ئىشنى سورىماقچى ئىدىم، مەن ئاللاھ تائالاغا لايىق بولمايدىغان شەكىلدە سۆز قىلىشنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ بەك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، بولۇپمۇ مەن يۇقىرىدا بايان قىلنغان ھالەتكە ئوخشاش بەزى ھالەتلەردە ئىنسان دىندىن چىقىپ كېتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

    بىرىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدە بىكىتىلگىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ كاتتىلىقى، ئۇلۇغلىقى ۋە قۇدىرتىگە لايىق رەۋىشتە ئەرشنىڭ ئۈستىگە قارار ئېلىشتۇر.

     بۇ توغرىدا قۇرئان كەرىمدە يەتتە ئورۇندا كەلگەن: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إنَّ رَبَّكُمُ اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَى عَلَى الْعَرْشِ  تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە(يەنى ئالتە دەۋردە)ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى» [سۈرە ئەئراپ 54-ئايەت].

ئىستەۋا دېگەن سۆزنىڭ مەشھۇر چۈشەندۈرلىشى: ئالى ۋە ئۈستۈن بولۇش دېمەكتۇر.

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا: (ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدە)، (ئاللاھ بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر) دەپ باب كەلتۈرگەن.

    ئەبۇ ئالىيە مۇنداق دەيدۇ: "ئىستەۋا ئىلەسسەمائى" دېگەن: ئاسمانغا ئۆرلىدى دېگەن بولىدۇ.

    مۇجاھىد مۇنداق دەيدۇ: "ئىستىۋا دېگەن ئەرشنىڭ ئۈستىگە ئالى بولدى دېگەن بولىدۇ".

     ئىمام بەغەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاندىن ئاسمانغا ئۆرلىدى دېگەن سۆزنى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئىلگىرىكى كۆپچىلىك تەپسىرشۇناسلار: ئاسمانغا ئۆرلىدى، ئالى بولدى دەپ چۈشەندۈرگەن"، ["تەپسىير بەغەۋىي"1-توم 78-بەت].

     ھاپىز ئىبنى ھەجەر بۇنى "پەتھۇل بارى" 13-توم 417-بەتتە نەقل قىلىپ : ئەبۇ ئۇبەيدە، پەررا ۋە باشقىلارمۇ شۇنداق دېگەن دەيدۇ".

     ئەمما ئولتۇرۇش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ھەدىس سەھىھ ئەمەس. لېكىن ئىلگىرىكى بەزى ئالىملار، ئۆرلىدى دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇش دېگەننىمۇ ئىسپاتلىغان. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد "سۈننەت"ناملىق ئەسىرى 1-توم 105-بەتتە ئىمام خارىجە ئىبنى مۇسئەبتىن شۇنداق كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

     ھاپىز دارى قۇتنىي ئۆزىنىڭ مەشھۇر بېيىتلىرىدا ئولتۇرۇش دېگەننى ئىسپاتلىغان.

     گەرچە ئولتۇرۇش دېگەن سۆز ئىسپاتلانغان تەقدىردىمۇ، بىز بىلىدىغان ئولتۇرۇشقا ئوخشاتماسلىقنى ئېتىقاد قىلىش كېرەك بولىدۇ.

     ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرى ئۆرلەش، تۆۋەنگە چۈشۈش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىز دۇنيادا كۆزىمىز بىلەن كۆرىۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ تۈرىدىن ئادەملەرنىڭ روھى ۋە پەرىشتىلەر سۈپەتلەنگەن نەرسىلەردىن، ئادەملەرنىڭ جىسمىدا بولمىغان نەرسىلەرنىڭ پەرىشتىلەرنىڭ جىسمىدا بولغانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىمىزدا، ئاللاھ تائالا سۈپەتلەنگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىنىڭ جىسىملەرنىڭ چۈشىشىگە ئوخشاش بولۇشتىن تامامەن يىراق ۋە ئاللاھقا بەك لايىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.

    بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ چۈشىشى پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ روھىنىڭ چۈشىشىگە ھەرگىز ئوخشىمايدۇ، گەرچە بۇ ئۇلارنىڭ جىسىملىرىنىڭ چۈشىشىگە يېقىن بولسىمۇ.

      مېيىتنىڭ قەبىردە ئولتۇرىشى بەدەننىڭ ئولتۇرىشىغا ئوخشىمايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدە (ئولتۇرۇش-قۇئۇد-جۇلۇس) توغرىسىدا جەپەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ۋە باشقىلاردىن بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىكى بايانلارغا كۆرە ئاللاھنىڭ ئولتۇرۇشى بەندىلەرنىڭ جىسىملىرىنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقى ھەقىقەتتۇر". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 5-توم 527-بەت].

    ئەڭ ياخشىسى (ئولتۇرۇش-قۇئۇد، جۇلۇس) دېگەندەك قۇرئان كەرىمدە، سەھىھ ھەدىسلەردە، ۋە ساھابىلارنىڭ سۆزلىرىدە كەلمىگەن سۆزلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمەستىن جىم توختاش توغرىراقتۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ ئەرىشگە ئۆرلىگەنلىكىنى ئاللاھ تائالا ئەرىش ئۈستىگە قارار ئالدى دەپ چۈشەندۈرۈش ئىلگىرىكى ئالىملاردىن كەلگەن مەشھۇر قاراشتۇر، بۇ قاراشنى ئىبنى قەييىم "ئەننۇنىيە" ناملىق ئەسىرىدە ۋە باشقا ئالىملارمۇ ئۆزىنىڭ كىتابلىرىدا نەقل قىلغان.

    ئەمما ئولتۇرۇش(قۇئۇد، جۇلۇس) دېگەن سۆزنى بەزى ئالىملار زىكىر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ توغرىدا مېنىڭ كۆڭلۈمدە قانائەت يوق". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 1-توم 196-بەت].

     شەيخ باراك –ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئۇزۇن ئۆمۈر بەرسۇن- مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالاغا ئولتۇرۇش دېگەن سۆزنى نىسبەت بەرگەنلىك توغرىسىدا بەزى ئەسەرلەر كەلدى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كۇرسىسىدا قانداق خالىسا شۇنداق ئولتۇرىدۇ دېگەندەك، بەزى ئالىملار (جۇلۇسنى) مۇتلەق ئولتۇرۇش دەپ ئىشلەتكەن.

     ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزىنىڭ سىياقى قارار ئالدى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئولتۇرۇش دېگەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېگەننى ھېس قىلدۇرسىمۇ، لېكىن تولۇق ئىسپات بولمىغۇچە ئولتۇرۇش دېگەن سۆزنى مۇتلەق ئىشلىتىشتىن توختاش لايىقتۇر". ["شەرھى رىسالەتۇل تەدمۇرىيە"188-بەت].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قائىدىلەرگە ئاساسەن: "ئاللاھنىڭ ئەرشنىڭ ئۈستىگە قارار ئالغانلىقىنى (ئولتۇرۇش-جۇلۇس-جۇلۇس) دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەشنى خاتا دەپ قارىمايمىز، ھەقىقەتەن ئەرشنىڭ ئۈستىگە قارار ئالدى دېيىلىدۇ، قارار ئىلىش دېگەن سۆز: ئالى بولۇش ۋە ئۆرلەش دەپ چۈشەندۈرىلىدۇ.

   ئىلگىركى ئالىملاردىن كەلگەن بەزى قاراشلارنى ئاساس قىلغان كىشىلەرمۇ ئىنكار قىلىنمايدۇ. لېكىن ئۇلارغا: بۇ سۆزلەرنى ئومۇمى خەلق ئالدىدا دېيىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيمىز، چۈنكى بۇ سۆز كىشىلەر ئارىسىدا دېيىلگەندە، ئۇلارنى پىتنىگە چۈشۈرۈپ قويۇش ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھنى باشقا جىسىملار ئوخشۇتۇپ قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى يۈز بېرىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن بۇ شەكىلدە ئىپادىلەشنىڭ كۇپىر بولمايدىغانلىقى، بەلكى ئۇنىڭ قارار ئىلىش دېگەن سۈپەت ئۈچۈن بېرىلگەن ئوخشىمىغان چۈشەندۈرۈش ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى، بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك: بۇ سۆزنى مۇتلەق ئىشلىتىشتىن توختاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى.

  ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى