شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۆلۈمنى سېغىنىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

26170

تارقاتقان ۋاقىت : 20-08-2023

كۆرگۈچىلەر : 432

سۇئال

    بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمنى سېغىنىشى توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىزنىڭچە ئۆلۈمنى سېغىنىشنىڭ چەكلىمىسى يوق، بىر نەرسىنى سېغىنغان كىشى ئۇنىڭغا يېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدۇ، بۇ ھايات، ئۇ ئۆلۈك، ئۆلۈمنى سېغىنىشتىن نېمىنى مەقسەت قىلىدۇ؟.  لېكىن بىز دەيمىزكى:  بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى، ساھابىلارنى، تابىئىنلارنى ۋە ئۆلىمالارنى سېغىنىمىز، بۇ سېغىنىش، ئىشتىياق جەننەتتە ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشقا بولغان ئېشتىياقتۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن:  كىمدىكى ئاشۇ كاتتىلارنى كۆرۈشكە ئىشتىياق بولىدىكەن، ئۇ كىشى رەببى رازى بولغۇدەك ئەمەل قىلىشى كېرەك، ئۇ كىشىنى ئاللاھ ئاشۇ كاتتىلار بىلەن بىرگە جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئىشتىياقى رېئاللىققا ئايلانغاندا، ئۇنىڭدا كۆرۈشۈش ۋە سۆزلىشىش بولىدۇ، بۇ ئېشتىياقتىن بولغان مەقسەتنىڭ مېۋىسىدۇر. مۇشۇ تۈردىن بولغان ئىشتىياق بولسا، ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات  بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشى ۋە ئېشتىياقىدۇر. بۇنىڭ مىساللىرىدىن: ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دەيدۇ: "بىز بىلەن ئۇممۇ ئەيمەننىڭ يېنىغا بىرگە بارغىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زىيارەت قىلغاندەك بىزمۇ ئۇنى زىيارەت قىلىپ كېلەيلى دېدى، بىز ئۇممۇ ئەيمەننىڭ يېنىغا بارغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ ئايال يىغلاپ كەتتى، ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەر:  نېمىگە يىغلايسىز؟ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى نەرسە ياخشى ئەمەسمۇ؟ دېگەن ئېدى، ئۇ ئايال: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى نەرسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي يىغلىمىدىم، لېكىن مېنىڭ يېغلىغىنىم:  ئاسماندىن كېلىدىغان ۋەھىينىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدۇر دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەرنىمۇ يېغا تۇتۇپ ئۇ ئايال بىلەن بىرگە يىغلاپ كەتتى.» [مۇسلىم2454 -رىۋايەت قىلغان.]

    ئەمما مېيىتنى سېغىنىپ يىغلاش مېيىتنىڭ دوستلىرى ياكى يېقىنلىرى تەرىپىدىن بولسا، بۇ ئىنساندا غەم-قايغۇ، كۆڭۈل بۇزۇلۇش، ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە تەقدىرىگە قارشىلىق پەيدا قىلسا، بۇنداق ھالەتتە يىغلاش چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇ شەكىلدە يىغلاش ئىنساننى ئىسلام چەكلىگەن ۋە توسقان ئەخلاققا ئېلىپ بارىدۇ، مۇسۇلمان دائىم كۆڭلى ئوچۇق، خاتىرجەم، ئاللاھنىڭ قازا ۋە قەدەرگە، ھۆكمىگە ۋە شەرىئىتىگە ئېشىنىپ ياشىشى كېرەك بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى