پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

پىسخىيكىسى قالايمىقانلىشىشىغا گىرىپتار بولغان كىشى مۇكەللەپ (مەسئۇلىيەت ئىگىسى ) بولامدۇ؟

سۇئال

مەن غەيرى بىر تۈرلۈك كېسەل بولۇپ قالدىم، بۇ كېسەل بىلەن داۋالىنىش مېنىڭ ئىنسانلار ھېس قىلىدىغان ھېچ بىر سەزگۈنى سەزمەس بولۇپ قىلىشىمغا سەۋەب بولدى، مەندە: ياخشى كۆرۈش، ئۆچ كۆرۈش، ئاچچىقلىنىش، كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق قىلىش تۇيغۇلىرى ۋە باشقا تۇيغۇلارمۇ ئاساسەن يوق، پەقەت تاسادىپى قىسقا ۋاقىت پەيدا بولۇپ يەنە يوقايدۇ، مەن ئاتا-ئانامنىڭ ھوزۇرىدىمۇ ھېچ نەرسىنى سەزمەيمەن، بۇ ئىش مەن ئون بەش ياشقا كىرگەندە باشلانغان بولۇپ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ، مېنىڭ ھالىتىم داۋالاشنى قوبۇل قىلمايدۇ، ھاياتىم مۇشۇنداق داۋام قىلىدۇ، مېنىڭ سوئالىم: مەن مۇشۇ ھالىم بىلەن شەرىئەتتە مەسئۇلىيەت ئىگىسىمۇ ياكى ماڭا مەسئۇلىيەت كەلمەمدۇ؟ماڭا ناماز، روزا ۋە زاكات  قاتارلىق ئەمەللەرنى ئادا قىلىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت- سالاملار بولسۇن.

    ئاللاھ سىزنى ۋە بىزنى توغرا يولغا باشلىسۇن،  (flat affect) فلات ئاففەكت  تاسادىپىيلىق بولۇپ تەكشى تەسىر ياكى ئىلمى ئۇسۇلدا بۇنىڭ ئۆزى كېسەللىك ئەمەس. 

   بۇ تاسادىيپىلىقنىڭ دائىرىسى بەك كەڭ بولۇپ، بۇ دەسلەپتە ئېچى سىقىلىش، داۋالغۇشتىن باشلىنىپ ئاخىرى نىرۋا قالايمىقانچىلىقى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ

    كۆپ ئەھۋاللاردا نىرۋا قالايمىقانچىلىقتىن پەيدا بولىدىغىنى ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. لېكىن بۇ كېسەللىككە دۈچ كەلگەندە، بۇنى كونترول قىلىش مۇمكىن، بولۇپمۇ ئۇ كېسەللىك (positive symptoms) پوزىتىۋ سيمپتومس  ئازغۇنلۇق ۋە قۇلاققا قۇرۇق خىيال كىرىدىغان تۈرىدىن بولسا، داۋالاش جەريانىدا كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

   ئومۇمى قائىدە بويىچە: روھى قالايمىقانچىلىق ياكى نىرۋا قالايمىقانچىلىققا دۇچ كەلگەن كىشى شەرئى بەلگىلىمىلەردە ئەقلى يەتكەن ۋە ئېسىدە تۇتقانلىرىدىن مەسئۇل بولىدۇ. چۈنكى ئىنساننى مەسئۇلىيەتكە يىتەكلەيدىغان نەرسە تۇيغۇ ۋە ۋىجدان بولماستىن بەلكى ئەقىلدۇر.

    بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇخلاپ قالغان كىشى ئويغانغۇچە، كېچىك بالا بالاغەتكە يەتكۈچە ۋە ئەقلىنى يوقاتقان كىشى ئەقلىنى تاپقۇچە ئۇلارغا گۇناھ يېزىلمايدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 1423-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئەگەر ئىنسان ئۆزىگە بۇيرۇلغان ئىشلارنى چۈشەنسە ۋە ئېسىدە تۇتسا، گەرچە ئۇ كىشى روھى كېسەل ياكى تۇيغۇلىرىنى ياكى ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى يوقاتقان بولسىمۇ شەرىئەتتە مەسئۇلىيەت ئىگىسى ھېسابلىنىدۇ.

    ئەگەر كېسەللىك ھالىتى تۇيغۇلىرىنى يوقاتقان ھالىتىدە بولسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ سەزگۈ-تۇيغۇلىرىدا بۇيرۇلغان يەنى ئاتا-ئانىنى، تائەت-ئىبادەتنى ياخشى كۆرۈش، كاپىرلارنى، ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى ئۆچ كۆرۈش قاتارلىق ئىشلاردىن ئەپۇ قىلىدۇ.

     ئۇ كىشىدە روھى كېسەللىكنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن ئەقىل ۋە سەزگۇ بولىدىكەن، ئۇ كىشى مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ ناماز ۋە روزا قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

    ئەگەر بەزى ۋاقىتتا ئەقلىنى يوقۇتۇپ، بەزى ۋاقىتتا ئەسلىگە كېلىدىغان بولسا، ئۇ كىشى ئەقلىنى يوقاتقان ۋاقىتتا ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ، ئەقلى جايىغا كەلگەندە مۇكەللەپ بولىدۇ، ناماز ۋاقتى كەلگەندە شۇ نامازنى ۋە ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويغان ۋاقىتتىكى نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ، بۇ خۇددى بەزى كېسەللەر نىرۋېسى بەك قالايمىقانلىشىپ ئازغۇن بولۇپ قالغاندەك (delusions) دەلۇسىئونس ياكى جىددى قۇرۇق خىياللارغا دۇچكەلگەندەك بولىدۇ.

    شۇنى بىلىش كېرەككى، زاكات كېچىك بالا ۋە ئەقلىنى پۈتۈن يوقاتقان ياكى ۋاقىتلىق يوقاتقان كىشىگىمۇ پەرىز بولىدۇ، بۇ ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھدىن باشقا كۆپچىلىك پىقھى ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر، ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ "شەرھىل مۇمتى" 6-توم 14-بەتتە مۇشۇ قاراشنى تاللىغان.

  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى