چارشەنبە 11 مۇھەررەم 1446 - 17 ئىيۇل 2024
Uygur

رىمونتقا ئەكىلىپ ۋاقتىدا ئەكەتمەي ئۇزۇن مۇددەت تاشلىنىپ قالغان ئۈسكىنىلەرنى قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا

273235

تارقاتقان ۋاقىت : 22-07-2024

كۆرگۈچىلەر : 36

سۇئال

بۇ يەردە بىر ئىش بولۇپ ئۇ مېنى ئاۋارە قىلىدۇ، مەن ئۇ ئىشنىڭ ھۆكمىنى بىلمەيمەن، مەن ئائىلە ئېلېكتىرىك ئۈسكىنىلىرىنى رىمونت قىلىش دۇكىنى ئاچىدىغان ياش، رىمونت قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۆپ قىسمى توڭلاتقۇ، كىر يۇيۇش ماشىنىسى، ھاۋا سوۋۇتقۇچ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ مەن خىزمەت قىلىۋاتقان دۇكاننىڭ دائىرسى چوڭ ئەمەس، بەزى ۋاقىتتا دۇكاندا ئىگىسى ئىلىپ كەتمىگەن توڭلاتقۇ، كىر يۇيۇش ماشىنىلىرى دۆۋلىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار رىمونت قىلدۇرۇشنىمۇ خالىمايدۇ، بىر يىل ئۆتتى، ئىككى يىل ئۆتتى بۇنىڭغا سەبرى قىلدىم، ئىگىلىرى كېلىپ ئېلىپ كەتمىدى، دۇكان توشۇپ كېتىپ سىقىلىپ قالدىم، يېڭىدىن رىمىنۇتقا ئىلىپ كەلگەن ئۈسكىنىلەرنى چۇۋۇپ، تەكشۈرۈش ۋە قۇراشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئورۇن تارچىلىق كەلدى، بىر قانچە قېتىم كونا نەرسىلەرنى ئايلارچە سىرتقا ئەچىقىپ قويدۇم، ئۇلار ئالغىلى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئەسكى نەرسىلەرنىڭ قاتارىدا تاشلىۋەتتىم، بەزى ۋاقىتتا كېرەكلىك سايمانلىرى بولسا ئۇنى ئىلىپ ئىشلەتتىم، بىر ياكى ئىككى يىل ئۆتكەندە بەزى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىگىسى كېلىپ ئۆزىنىڭ ئۈسكىنىلىرىنى سورايدۇ، مەن ئورۇننىڭ تارچىلىق ئىكەنلىكىدىن ئامالسىز تاشلىۋەتكەنلىكىمنى ئېيتىمەن، بەزى كىشىلەر سۆزۈمنى قوبۇل قىلىپ كېتىدۇ، بەزىلىرى بولسا: سېنى كەچۈرمەيمىز، ئۈسكىنىمىزنى بەر دەپ تۇرىۋالىدۇ، ھەتتا مەن بىر قانچە قېتىم بىر يىلغىچە ئۈسكىنىسىنى ئىلىپ كەتمىگەن، مەن ئۆيىنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە ماشىنا كىرا قىلىپ ئۈسكىنىلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردىم، ئۆيىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ئۈسكىنىلىرىنى دۇكاننىڭ سىرتىدا ئالتە ئايدىن كۆپرەك ساقلاپ، ئىگىلىرى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تاشلىۋېتىمەن، مېنىڭ ئەھۋالىمغا كۆرە بۇ ئىشنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. مەن تاشلىۋەتكەن ئۈسكىنىلەر مېنىڭ يېنىمدا ئامانەت ھېسابلىنامدۇ؟. ئۇ نەرسىلەرنى تەسەررۇپ قىلىش توغرا بولمامدۇ؟، ئەگەر جاۋاپ بولىدۇ دېيىلسە، مېنىڭ ئۇ نەرسىلەرنى ئىگىسى كېلىپ بولغىچە قانچىلىك ۋاقىت ساقلىشىم كېرەك بولىدۇ؟، ئەگەر جاۋاپ توغرا بولمايدۇ دېيىلسە، قانداق قىلىشىم كېرەك؟، كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ھەقسىز يەۋالىدىغان كىشىلەردىن بولاپ قىلىشنى خالىمايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىزگە كىشىلەر رىمونت قىلدۇرغىلى ئىلىپ كەلگەن نەرسىلەر سىزگە ئامانەت بولىدۇ، سىزنىڭ ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشىڭىز، ياخشى ساقلىشىڭىز ۋە ئىگىلىرى كەلگۈچە ئۇنى ساقلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

لېكىن ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىگىسى رىمىنۇت قىلىنغان ئۈسكىنىلەرنى ۋاقتىدا ئىلىپ كەتمىسە، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ كېلىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەندە ياكى بۇ ئۈسكىنىلەرنى ۋاقتىدا ئىلىپ كەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئورۇن تارچىلىق بولۇپ قالغان بولسا ياكى ئۇ نەرسىلەرنى ساقلاش قىيىن بولغان ھالەتلەردە: ئۆزىڭىزگە كېلىدىغان زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ ئۈسكىنىلەرنى بازار باھاسى بويۇنچە سېتىپ ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنىڭ ئىش ھەققىڭىزنى ئايرىۋېلىپ، پۇلنىڭ قالغىنىنى مالنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن ساقلاپ قويۇپ، كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇنىڭ ئىگىسى كەلگەندە ئۇنىڭغا بەرسىڭىز بولىدۇ.

   "ئىسلام پىقھىسى تور بېتى پەتىۋا بۆلۈمىدىن بۇ توغرىدا سورالغاندا مۇنداق دەيدۇ: بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى ئەمدى كەلمەيدۇ دېگەن قاراش كۈچەيگەندە ئاندىن ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ئىش ھەققىنى چىقىرىۋېلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ ئادىتىدە ساقلىغىنىغا پۇل ئالىدىغان ياكى ساقلىغان ئورۇنغا پۇل تۆلەيدىغان ئىش بولسا ئۇنىمۇ چىقىرىۋېلىپ ئاندىن بىر نەرسە ئېشىپ قالسا ئۇنى ئىگىسىگە ساقلاپ قويۇش كېرەك، ئىگىسى كەلمىسە ئۇنىڭدىن پايدىلانسا بولىدۇ، ئىگىسى كەلسە ئۇنى تۆلەپ بېرىدۇ، ئاشقىنىنى ئېھتىيات يۈزىسىدىن ساقلاپ قويغان ياخشى بولىدۇ.

    بۇ مەسىلە شەرىئەتتىكى "زىيان يوق قىلىنىدۇ" دېگەن قائىدىنى لازىم تۇتىدۇ، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بۇ نەرسىلەرنىڭ دۇكاندا ئۇزۇن مۇددەت قىلىشى، رىمونت قىلغۇچىغا ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك، رىمىنۇتخانا ئىگىسىگە ياكى قۇرۇق يۇيۇش ئورنىغا چوڭ زىيان ئىلىپ كېلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇ جىھازلارنى رىمونت قىلىشقا سايمان سېتىۋالىدىغان ئىش بولسا ئۇنى يېنىدىن ئىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارغا ئىش ھەققى بېرىش كېرەك بولىدۇ، دۇكاننىڭ ئىجارىسىنى ئۆتەش لازىم، بەزى يېڭىدىن رىمونت قىلدۇرغىلى ئىلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى قويىدىغانغا ئورۇن تاپالماي خېرىدارنى كەتكۈزىۋىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

    بۇ ئىش بىر قانچە خىرىداردىن تەكرارلىنىدىكەن دۇكان ئىگىسىگە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانمۇ چوڭ بولىدۇ ئۇ ۋاقىتتا دۇكان ئىگىسى ئۇ نەرسىلەرنى سېتىپ تەسەررۇپ قىلىشقا لايىق بولىدۇ". ["پىقھىل ئىسلامى" تور بېكىتى].

    سىزگە قىلىدىغان نەسىھەت: سىز بۇ توغرىدا بىر توختام تۈزۈڭ ياكى ئەھۋالنى ئېنىق قىلىپ چوڭ قەغەزگە يېزىپ سىرتتا خېرىدارلار ئوچۇق كۆرىدىغان ئورۇنغا چاپلاپ قويۇڭ، خەتكە: رىمونت قىلىنىپ بولغان ئۈسكىنىلەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىتتىپاقىغا كۆرە ئۈچ ياكى ئالتە ئاي مۇددەتتىن كېيىنمۇ دۇكاندىن ئىلىپ كېتىلمىسە تاشلىۋېتىلىنىدۇ دەپ يېزىڭ.

    مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە ئىلىپ كېتىلمىسە، ئۇنىڭ دۇكاندا قىلىشى كېرەك بولمايدۇ، سىزنى ئۇنى سېتىپ ئۇنىڭدىن ئىش ھەققىڭىزنى ئىلىپ، قالغانلىرىنى سەدىقە قىلىۋىتەمسىز ياكى ئىلىپ قويامسىز ياكى باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلامسىز ئىختىيارىڭىز، سېتىشقا ئەرزىمەيدىغان ياكى پايدىلانغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالسا ئۇنى كېرەكسىز نەرسىلەرنى تاشلاش ئورنىغا تاشلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

   بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولغىنى ھەر بىر ئۈسكىنىنىڭ ئۈستىگە ئىگىسىنىڭ تىلىپۇن نومۇرىنى يېزىپ چاپلاپ قويۇڭ ياكى ئۈسكىنىنى ئىلىپ كېتىدىغان ۋاقىتنى يېزىپ قانداق ئالاقە قىلىشنى سوراڭ، ئېلىپ كېتىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئىگىسىگە تىلىپۇن قىلىپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ، يەنە كېلىپ كېلىپ كەتمىسە، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بويۇنچە بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى