پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئارىيەت ئالغان كىتابنى ۋاقىتىدا قايتۇرمىسا جەرىمانە بېكىتىش توغرىمۇ؟

سۇئال

دەرس ئارىسىدا كىتابخانلارنىڭ ئارىيەت بېرىلگەن كىتابلارنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن جەرىمانە ئىلىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، بۇ توغىرمۇ؟. ئۇنداقتا كىتابخانىدىن ئالغان جەرىمانە پۇلى جازانىنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنامدۇ؟، كىتابخانا كارتىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشتىراك قىلسا، بۇنى خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلەتسە، ھەتتاكى كىتابنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا قايتۇرسىمۇ بۇ پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئىناۋەتلىك قەرز كارتىغا ئىشتىراك بولغانغا ئوخشاش بولامدۇ؟. كىتابخانىغا تۆلىگەن جەرىمانە توغرىسىدا نېمە قىلىش كېرەك بولىدۇ؟ ئۆتەلگەن جەرىمانىنىڭ قايسىسى قەرزگە ئالاقىدار بولىدۇ؟، ئوقۇشنى خالىغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېلىش قېيىن بولغانلىقى ئۈچۈن كىتابخانىدىن كىتاب ئارىيەت ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان كارتنى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    كىتاب ئارىيەت ئىلىش توغرا بولىدۇ، ئارىيەت ئالغان كىتابنى ئۆز ۋاقىتىدا قايتۇرۇش كېرەك بولىدۇ، سەۋەبسىز كىتابنى ۋاقىتىدا قايتۇرمىسا، كىچىكتۈرگەنلىكىگە ئاساسەن جەرىمانە بېكىتسە توغرا بولىدۇ، بۇ كىتابتىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئارتۇق پايدىلانغانلىقنىڭ ھەققى بولىدۇ.

    دەسلەپتە بۇ ھەقنى ئېلىشقا بىرلىككە كەلگەن بولسا، يەنى كىتابنى كېچىكتۈرسە ھەر كۈنگە مەلۇم مىقداردا ھەق تۆلەشنى پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكەن ھەقنى بېرىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر دەسلەپتە تۆلەيدىغان ھەققە بىرلىككە كەلمىگەن بولسا، ھەر كۈنلۈكى ئۈچۈن باشقىلاردىن ئالىدىغان مىقدارغا ئوخشاش ئالسا بولىدۇ.

    "كەشاپۇل قىنا" ناملىق ئەسەر 4-توم 68-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: مەلۇم جايغا مېنىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلاغنى ئارىيەتكە ئالسا بولىدۇ، بەلگىلەنگەن جايدىن ئۆتۈپ كەتسە ھەددىدىن ئاشقان بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئىگىسىنىڭ رۇختىسىز بەلگىلەنگەن جايدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ كىشى زىيادە ماڭغان يولغا ئۇلاغنىڭ ھەققىنى بېرىدۇ".

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: بەزى مەسچىتلەردە كىتابلارنى ئارىيەت بېرىدۇ، كىتابنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كىچىكتۈرسە ھەر كۈنلۈكى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا جەرىمانە ئېلىشنى شەرت قىلىدۇ، ئالغان جەرىمانىنى مەسچىتكە ياكى مەسچىت قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىلىدۇ، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: شۇنداق بۇ ئىجارىنىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ، كىچىكتۈرسە تۆلەيدىغان ھەق داۋاملىشىدۇ، كىتابتىن مەلۇم مۇددەت پايدىلانغانلىقنىڭ بەدىلىگە ھەق بېرىدۇ. بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى تۇرغۇزۇش، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىش، كىتابنىڭ ئارىيەت ئالغۇچىنىڭ قولىدا قىلىشىغا سەل قارىماسلىق قاتارلىق ئىشلارغا كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇنىڭغا گۇناھ بولىدۇ دەپ قارىمايمەن. ئەگەر كىتابنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن تاشقىرى بەش كۈن ياكى ئالتە كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت تۇتۇپ قالسا، ئۇ كىشىنىڭ كىتابنى كىچىكتۈرگەنلىكىگە مەلۇم مىقداردا جەرىمانە تۇرغۇزسا، ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ." ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 11-توم 296-بەت].

   يۇقىرىقىلاردىن شۇ ئاشكارا بولدىكى، ئارىيەت ئالغان كىتابنى كىچىكتۈرگەنلىكىگە ئېلىنغان جەرىمانە جازانە شەكىلدىكى جەرىمانە ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ئۇ قەرىزنىڭ بەدىلىگە ئالغان پۇل ئەمەس، بۇ پەقەت ئارىيەت ئالغان كىتابنى مەلۇم مۇددەت ئىشلەتكەنلىكىگە ئېلىنغان ھەق ھېسابلىنىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى