يەكشەنبە 9 سەپەر 1442 - 27 سىنتەبىر 2020
Uygur

نامازدا قۇرئان كەرىمنى ئىنگىلىز تىلىدا ئوقۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ئىككى يىل ئىلگىرى مۇسۇلمان بولدۇم، مەن نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىمەن، قۇرئان كەرىمنى ئىخلاس بىلەن ئوقۇيمەن، لېكىن قىسقا ۋاقىتتىن بىرى نامازنى ۋە قۇرئان تىلاۋىتىنى ئۆز ئانا تىلىم بولغان ئىنگىلىز تىلىدا ئوقۇش توغرىسىدا ئىختىلاپ بار ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، مەن ئومۇمەن ئەرەب تىلدا سۆزلىشەلمەيمەن، پەقەت سالاملىشىش ۋە بىر قانچە دۇئالارنى بىلىمەن، ئەرەب تىلىنى بىلمەيدىغان مۇئمىننىڭ ناماز ۋە قىرائەتنى ئۆز تىلىدا قىلىش توغرىسىدىكى توغرا كۆز قاراش قايسى؟، مۇھىم بولغىنى ئىلگىرى مېنىڭ ئىنگىلىز تىلى بىلەن ئوقۇغان نامازلىرىم قۇرئان تىلاۋەتلىرىم توغرا بولامدۇ ياكى بىكار بولۇپ كېتەمدۇ؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مۇسۇلماننىڭ پاتىھە سۈرىسى ياد قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى پاتىھە سۈرىسى ئوقۇمىسا ناماز توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 756-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 394-ھەدىس].

    نامازنى ياخشى ئوقۇيالمايدىغان كىشىنىڭ ھەدىسىدىمۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: نامازغا تۇرغاندا تەكبىر ئېيتقىن، ئاندىن قۇرئان كەرىمدىن ساڭا ئوقۇش ئاسان بولغان سۈرىنى ئوقۇغىن دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 757-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 397-ھەدىس].

    قۇرئان كەرىمنى ئەرەب تىلىدىن باشقا تىلدا تىلاۋەت قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىم باشقا تىلدا ئوقۇلسا ئۇ ۋاقىتتا بۇ قۇرئان كەرىم بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ تەرجىمىسى ياكى تەپسىرى بولىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىك ئۆلىمالار نامازدا قۇرئان كەرىمنى ئەرەب تىلدا ئوقۇشنى پەرز دەيدۇ، قىرائەت پەقەت ئەرەب تىلى بىلەن توغرا بولىدۇ.

    بۇ مەسىلىدە ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ بىلەن باشقا ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ قىرائەتنى ئەرەب تىلىدىن باشقا تىل بىلەن قىلسىمۇ توغرا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ ئىككى شاگىرتى ئەبۇ يۈسۈپ ۋە ئەبۇ مۇھەممەد ئىككەيلەن بولسا، قىرائەتنى ئەرەب تىلى بىلەن قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشىگە دۇرۇس بولىدۇ دەپ قارايدۇ. "تەبيىنىل ھەقائىق شەرھى كۈنزۇد دەقائىق" 1-توم 110-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشى بويىچە قىرائەتنى پارىس تىلى بىلەن قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ئەبۇ يۈسۈپ بىلەن ئەبۇ مۇھەممەد بولسا ئەگەر قۇرئان كەرىمنى ياخشى ئوقۇيالايدىغان كىشىنىڭ باشقا تىلدا قىرائەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىم دېگەن ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىنغان كىتابنىڭ ئىسمىدۇر، چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّا جَعَلْنَاهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لَّعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ  تەرجىمىسى: سىلەرنى (ئۇنىڭ مەنىسىنى) چۈشەنسۇن دەپ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق. [سۈرە زۇخرۇپ 3-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّا أَنزَلْنَاهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا  تەرجىمىسى: ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق [سۈرە يۇسۇپ 2-ئايەت].

     ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەرەبچىنى ياخشى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن قىرائەتنى ئەرەب تىلىدىن باشقا تىلدا قىلىش ۋە ئۇنى باشقا ئەرەب لەپزىگە ئالماشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ. بۇ ئىمام شافىئى، ئەبۇ يۈسۈپ ۋە مەھەممەدنىڭ قارىشىدۇر".

    ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنداق قىلىش توغرا بولىدۇ دەيدۇ. ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ بەزى ھەمراھلىرى ئەرەبچىنى ياخشى بىلمەيدىغان كىشى ئۈچۈن توغرا بولىدۇ دەيدۇ.

     ئۇلار بۇ قاراشقا مۇنۇ ئايەتنى دەلىل قىلىدۇ:  وأوحي إلي هذا القرآن لأنذركم به ومن بلغ  تەرجىمىسى: بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە (قىيامەتكىچە) قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىي قىلىندى. [سۈرە ئەنئام 1-ئايەت].

    ھەر بىر قەۋم پەقەت ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن ئاگاھلاندۇرىلىدۇ. بىزنىڭ دەلىلىمىز: ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق، (قۇرئان)ئوچۇق ئەرەبى تىلدا (نازىل بولدى)، چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ لەپزى ۋە مەنىسى مۆجىزىدۇر. ئەگەر باشقا تىلغا ئۆزگەرتىلسە مۆجىزىلىك قۇرۇلمىسىدىن چىقىپ كېتىپ مۆجىزىلىك ماھىيىتى يوقىغان بولىدۇ، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىمۇ بولمايدۇ، بۇ پەقەت قۇرئاننىڭ تەپسىرى بولىدۇ، ئەگەر قۇرئاننىڭ تەپسىرى قۇرئانغا ئوخشاش بولسا ئىدى، ئۇلار قۇرئان كەرىمگە جەڭ ئېلان قىلغاندا قۇرئاندىكىگە ئوخشاش سۈرە ياكى ئايەتتىن بىرنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلمىگەن بولاتتى. ۋەياكى ئاگاھلاندۇرۇش بولىدۇ، قۇرئاننى ئۇلارغا چۈشەندۈرسە ئاگاھلاندۇرۇش قۇرئاننىڭ ئۆزى بىلەن بولىدۇ تەپسىر بىلەن بولمايدۇ.

   -ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلمىگەن كىشى ئۈگىنىشى كېرەك، ئۈگۈنىشكە قادىر بولۇپ تۇرۇپ ئۆگەنمىسە، ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئۈگۈنۈشكە قادىر بولالمىسا ياكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرسە، پاتىھە سۈرىسىدىن بىر ئايەتنى بىلسە ئۇ ئايەتنى يەتتە قېتىم تەكرار ئوقۇيدۇ. ئەگەر پاتىھە سۈرىسىدىن ھېچ بىر ئايەتنى ياخشى ئوقۇيالمىسا، قۇرئاندىن باشقا سۈرىنى ياد قىلغان بولسا، ئۇ ئايەتتىن پاتىھە سۈرىسىنىڭ مىقدارىدا ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىنى ئوقۇسا توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا رىپائە ئىبنى راپىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: نامازغا تۇرغان ۋاقتىڭدا، قۇرئاندىن ئايەت بىلسەڭ شۇنى ئوقۇغىن، ئەگەر قۇرئاندىن ئايەت بىلمىسەڭ پەقەت سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ ۋە ئاللاھۇ ئەكبەر دېگىن، دەپ بۇيرۇغان. چۈنكى ئۇ زىكىرلەرمۇ قۇرئاننىڭ تۈرىدىندۇر، ئەڭ ياخشىسى قۇرئان كەرىمدىن پاتىھە سۈرىسىنىڭ مىقدارىدا ئايەت ئوقۇيدۇ.

    ئەگەر قۇرئان كەرىمدىن بىر نەرسە بىلمىسە، نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئۆگنىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ۋە لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋاللاھۇ ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەن زىكىرلەرنى ئېيتىدۇ. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن قۇرئان كەرىمدىن بىر نەرسە ئۈگۈنىشكە قادىر بولالمايمەن، ماڭا نامازدا ئوقۇشقا كۇپايە قىلىدىغان بىر نەرسە ئۈگۈتۈپ قويسىلا دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ۋە لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋاللاھۇ ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلا ھۆۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللاھ بىللاھ دېگىن دەيدۇ. ئۇ كىشى: بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئۆزۈم ئۈچۈن نېمە ئوقۇيمەن؟دەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەن: ئى ئاللاھ! مېنى كەچۈرگىن، ماڭا مەرھەمەت قىلغىن، ماڭا رىزىق بەرگىن، مېنى توغرا يولغا باشلىغىن، مېنى سالامەت قىلغىن دېگىن دېدى. ["ئەل مۇغنى"1-توم 350-بەت].

    ئەمما نامازدا پاتىھە سۈرىسىدىن زىيادە ئايەت ئوقۇش پەرىز ئەمەس. كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، تەكبىر، تەسبىھ ۋە تەشەھۇدنى ئۆگىنىشى ۋە ئۇنى ئەرەبچە ئادا قىلىشى پەرز بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، ئۆز تىلى بىلەن ئادا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە 3471-20953- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئىككىنچى: سىزنىڭ نامازدا قۇرئاننى ئىنگىلىز تىلىدا ئوقۇغانلىقىڭىزغا سىزگە ئاللاھ تائالادىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىنىدۇ، ھۆكۈمنى بىلمىگەنلىكىڭىز ۋە قىرائەتنى ئەرەب تىلىدىن باشقا تىل بىلەن ئوقۇسىمۇ توغرا بولىدۇ دېگەن مەزھەپ قارىشىغا رىئايە قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن جازالانمايسىز.

    سىزنىڭ نامازدا قىرائەتنى ئەرەب تىلىدىن باشقا تىلدا ئوقۇشنى توختىتىپ، پاتىھە سۈرىسى ۋە بەزى قىسقا سۈرىلەرنى ياكى سىزنىڭ ئۈگۈنىشىڭىز مۇمكىن بولىدىغان ۋە ناماز ئۇنىڭ بىلەن بولىدىغان ئايەتلەرنى ئۈگىنىشىڭىز زۆرۈر بولىدۇ.

    نامازنىڭ سىرتىدا قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى ئوقۇش چەكلەنمەيدۇ، بەلكى قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ۋە ئىلىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنى كۆپ ئوقۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. 1690- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى