جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

رۇخسەت سوراش زورۈر بولىدىغان ئورۇنلار ۋە رۇخسەت سورالمايدىغان ۋاقىتلار

سۇئال

بىز ئۆينىڭ ئېچى ۋە سىرتىدا ئىزنە سورايدىغان ئورۇنلارنى بىلدۇق، مۇشۇ ئورۇنلارنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەرگەن بولساڭلار؟، تاماق ئېتىدىغان جايغا كىرگەندىمۇ ياكى مېھمانخانىغا كىرگەندىمۇ ياكى ئۆيگە كىرگەندىمۇ؟. بىر كىشى ياخشىلىق قىلغان بولسا، پالانىنى ماختايمەن دېسەك توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَدْخُلُوا بُيُوتًا غَيْرَ بُيُوتِكُمْ حَتَّى تَسْتَأْنِسُوا وَتُسَلِّمُوا عَلَى أَهْلِهَا ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگۈچە كىرمەڭلار، ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىڭلار (يەنى بۇ گۈزەل ئەخلاق ـ ئەدەبكە ئەمەل قىلىشىڭلار) ئۈچۈن بۇ (يەنى ئىجازەت سوراپ ۋە سالام بېرىپ كىرىش ئۇشتۇمتۇت كىرىشتىن) سىلەرگە ياخشىدۇر.» [سۈرە نۇر 27-ئايەت].

    شەيخ سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا مۇئمىن بەندىلىرىنى باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئىزنىسىز كىرمەسلىك توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر قانچە تۈرلۈك يامان ئاقىۋەتلەر بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىزنى ۋە رۇخسەت سوراشتىكى مەقسەت؛ قاراش لايىق بولمايدىغان ئورۇنلارغا قاراپ سالماسلىق ئۈچۈندۇر».

    بۇنىڭغا سەل قارىغاندا، ئىنساننىڭ كۆزى ئۆينىڭ ئېچىدىكى چەكلەنگەن ئورۇنلارغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئىنسانغا نىسبەتەن ئۆي دېگەن: ئېچىدىكى نەرسىلەرنى ئوراشتا بەدەننى ئورايدىغان كيىمگە ئوخشاشتۇر.

    يامان ئاقىۋەتلەردىن بىرى: ئۆيگە ئىزنىسىز كىرىش ئۇ كىشىگە ئىشەنمەسلىك ۋە شەكلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇ كىشىنى ئوغرىلىق قىلغىلى ياكى باشقا يامان ئىش قىلغىلى كىردى دەپ تۆھمەت قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۆيگە مەخپى كىرىش نىيەتنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە رۇخسەت سورىماستىن كىرىشنى چەكلىدى.

    رۇخسەت سوراش كۆندۈرۈش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى رۇخسەت سوراش بىلەن كۆنۈشۈش ھاسىل بولىدۇ، رۇخسەت سورىمىغان ۋاقىتتا كۆنۈشەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: «ئۆي ئەھلىگە سالام بېرىپ كىرىڭلار دېگەن». پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «بىرسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كىرسەم بولامدۇ؟» دېيىش كېرەك دېگەن. 

    سىلەرگە رۇخسەت سوراشتىن ئىبارەت بولغان مۇھىم ئىشنى بىلدۈرۈپ قوياي، بۇ ئىش بىر قانچە پايدىلارنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن سىلەرنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر. بۇ زۆرۈر بولغان ئېسىل ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەگەر ئۆي ئىگىسى رۇخسەت بەرسە رۇخسەت سورىغۇچى كىرسە بولىدۇ". ["تەپسىر سەئدىي" 565-بەت].

     ئىككىنچى: رۇخسەت سورىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ تەپسىلاتى "كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى"3-توم 145-بەت ۋە كىيىنكى بەتلەردە بۇنىڭ تەپسىلاتى بايان قىلىنغان، بىز بۇنى قىسقىچە بايان قىلىمىز ۋە تۆۋەندىكى مۇھىم نۇقتىلارنى زىيادە قىلىپ ئوچۇقلاشتۇرىمىز:

   1-ھەر قانداق بىر كىشى بىرەر ئۆيگە كىرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، كىرمەكچى بولغان ئۆي ئۆزىنىڭ ئۆيى ياكى باشقىلارنىڭ ئۆيى بولىدۇ، ئەگەر ئۆزىنىڭ ئۆيى بولسا، ئۇ ئۆيدە ئۆزىدىن باشقا كىشى بولمايدۇ ياكى ئايالى بولىدۇ ياكى ئايالى بىلەن بىرگە ئانىسى، ھەمشىرىلىرى ۋە قىزى قاتارلىق مەھرەملىرى بولىدۇ.

    ئەگەر ئۆي ئۆزىنىڭ بولۇپ، ئۆيدە تۇرىدىغان ئۆزىدىن باشقا كىشى بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۆيگە رۇخسەتسىز كىرىدۇ، چۈنكى رۇخسەت سورىغىچىمۇ ۋە رۇخسەت بەرگۈچىمۇ ئۆزىدۇر، بۇ ۋاقىتتا رۇخسەت سوراش بىكار ئىشتۇر، ئىسلام شەرىئىتى بۇنداق بىكار ئىشلاردىن پاكتۇر.    

    2- ئەگەر ئۆيىدە ئايالىدىن باشقا ھېچ كىم بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە رۇخسەت سوراش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ ئايالىنىڭ ھەممە يېرىگە قارىشى توغرا بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇدۇللا كىرمەي، رۇخسەتنىڭ ئورنىدا، ھۆتۈلۈپ قويۇش، ئاياغ تاۋۇشىنى بىلدۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن كىرسە ياخشى بولىدۇ، چۈنكى ئايالمۇ ئۆزىنىڭ بەزى ھالىتىنى يولدىشىنىڭ تۇيۇقسىز كۆرۈپ قىلىشىنى خالىمايدۇ.

   3-ئەگەر ئۆيىدە ئانىسى، ھەمشىرىسى قاتارلىق باشقا مەھرەملىرى بولۇپ قالسا، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ئۇ كىشىنىڭ يالىڭاچ كۆرۈپ قىلىشى ياخشى بولمايدىغان يېقىنلىرى بولسا، بۇ يەردە ئۇنىڭ بەزى شەكىللىرىنى تەپسىلى بايان قىلىمىز.

   4-ئەگەر كىرمەكچى بولغان ئۆي باشقىلارنىڭ ئۆيى بولۇپ قالسا، ئۆيگە چوقۇم رۇخسەت ئىلىپ كىرىش كېرەك، ئەمما رۇخسەت قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆينىڭ ئېشىكى ئوچۇق بولسۇن ياكى ئوچۇق بولمىسۇن كىرىشى بىردەك توغرا بولمايدۇ. تۆۋەندە بايان قىلىنغان ئۆيلەرگە كىرىش ئۈچۈن رۇخسەت سوراش كېرەك بولمايدۇ:

   -كىشىلەرنىڭ يۈك-تاقىلىرى تۇرىدىغان، ئادەم تۇرمايدىغان ئۆيلەرگە كىرىشتە رۇخسەت سوراش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن بۇ تۈردىكى ئۆيلەرنى بېكىتىشتە ئىختىلاپ مەۋجۇت.

    -باشقىلارنىڭ مېلىنى ۋە جېنىنى قۇتقۇزىدىغان ئەھۋالدا رۇخسەت سوراش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا رۇخسەت سوراپ بولغىچە باشقىلارنىڭ جېنى ۋە مىلى زىيانغا ئۇچرايدۇ.  

    5-ئەسلىدە ئىنساننىڭ باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىدە تەسەررۇپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ، پەقەت شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى ياكى ھەق ئىگىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەسەررۇپ قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغان بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ  يېمەكلىكىنى زۆرۈر بولمىغاندا رۇخسەتسىز يېيىش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرۇش توغرا بولمايدۇ.

    6- ئۆرپ-ئادەت بويىچە رەھبەرلەرنىڭ ئىشخانىسىغا، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشخانىسىغا رۇخسەت سوراپ كىرىشى كېرەك، چۈنكى رەھبەرلىك ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قوغداش ئۈچۈن تۇرغۇزۇلدى، ئىشلارنىڭ توغرا بولىشى، قالايمىقانچىلىقنىڭ بولماسلىقى ئۈچۈن ھەر كىشى ئۆز دائىرىسىدە بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك، بۇ كەڭرى يولدۇر.

   7-مېھمان قايتىشتىن ئىلگىرى ساھىبخاندىن ئىزنە ئىلىشى كېرەك بولىدۇ.

   8- بىر كىشى ئىككى ئادەمنىڭ ئارىلىقىغا كىرىپ ئولتۇرماقچى بولسا، چوقۇم ئىزنى ئىلىشى كېرەك بولىدۇ.

   9-باشقىلارنىڭ خۇسۇسىي كىتابىغا قارىماقچى بولغان كىشى، كىتابنىڭ ئىگىسىدىن ئىزنە ئىلىپ قارىشى كېرەك.

    ئۈچىنچى: رۇخسەت سوراش بەزى بىر سەۋەبلەر بىلەن چۈشۈپ كېتىدۇ:

    1-ئىزنە سوراش ئۈزۈرلۈك بولغاندا: ئىزنە سورايدىغان كىشىنىڭ ۋاپات بولۇپ كېتىشى ياكى يىراق سەپەرگە چىقىپ كېتىشى ياكى تۇرمىغا سولىنىپ باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن چەكلىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئىزنە سوراش چۈشۈپ كېتىدۇ، چۈنكى تەسەررۇپ قىلىشنى ئۇ كىشىنىڭ سەپەردىن قايتىپ كېلىشىگە ياكى تۇرمىدىن چىقىشىغا كېچىكتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ.

   2-زىياندىن ساقلىنىش: رۇخسەت سوراش ئارىلىقىدا نەرسىلەر بۇزىلىدىغان ئەھۋالدا، رۇخسەت سورىماستىن ئۇ نەرسىلەرنى سېتىۋەتسە بولىدۇ، جىنايەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئىزنىسىز كىرسە توغرا بولىدۇ.

   3-ئىزنە سوراش بىلەن ھەققىنى ئالالمىغاندا، ئىزنە سورىماستىن ئىلىش كېرەك بولىدۇ.

    ھەق ئىگىسى ئىزنە سوراش بىلەن ھەققىنى يوقىتىپ قويىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئىزنە سوراش چۈشۈپ كېتىدۇ، ئەگەر ئايال كىشىگە ئېرى يېتەرلىك خىراجەتلىرىنى بەرمىگەندە، ئېرىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئىزنىسىز ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ خىراجىتىگە يەتكۈدەك بىر نەرسە ئالسا بولىدۇ.

     ئىزنە سوراش ۋە ئۇنىڭ ئەدەپلىرى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن https://almunajjid.com/9272 بۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    تۆتىنچى: ئىنساننىڭ "پالانىغا رەھمەت"دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: پالانىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا، گۈزەل ئىشلىرىغا رەھمەت دېمەكتۇر، بۇنداق دىسە توغرا بولىدۇ. بىر ئىنساننى قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن ماختىغاندا، پالانىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن دىيىلىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىغا رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتمىغان كىشى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگىمۇ شۈكۈر قىلمايدۇ،» دېيىلگەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 7939-ھەدىس].

     ئەمما مۇتلەق رەھمەت-تەشەككۈنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئېيتىش توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 146025 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى