شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەمشىرەمنىڭ قىين ئانىسى، ئوغلىغا تىلىپۇندا ئايالىڭنى تالاق، تالاق، تالاق، دېگىن دەپتۇ، بۇ قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

   ھەمشىرەم ھامىلدار بولۇپ، قېيىنئانىسى ئوغلىغا ئايالىڭنى تالاق، تالاق، تالاق، دېگن دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەمشىرەمنىڭ ئېرى ئاچچىغىدا ھەمشىرەمنى تىلىپۇندا تالاق قىلىپتۇ، بۇ تالاق كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟. چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەرنىڭ سۆزىنىڭ كۆرۈنىشىدىن ئۇ ھەقىقەتەن ئايالىنى تالاق قىلىپتۇ، ھەقىقەتەن بۇ تالاقنى ئايالىغا ئانىسىنىڭ تىلىغا ئاساسەن يەتكۈزۈپتۇ.

    شۇنىڭغا ئاساسەن: گەرچە ئەرنىڭ ئانىسى تالاق دېگەن بۇ سۆزنى كېلىنىگە ئۆزى  يەتكۈزمىسىمۇ، ئەر ئۆز ئېغىزى بىلەن تالاق دېگەنلىكى ئۈچۈن ئايالىغا تالاق چۈشىدۇ.

   ئىمام سەرىخسىنىڭ"ئەلمەبسۇت" ناملىق ئەسىرى 6-توم 141-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئەر كىشى باشقا بىرىگە: ئايالىمغا خەۋەر بېرىپ قوي، مەن ئۇنى تالاق قىلىۋەتتىم دېگەن بولسا، ئۇ كىشى تالاق قىلىنغان ئايالغا خەۋەر قىلسۇن ياكى خەۋەر قىلمىسۇن ئۇ ئايال ئوخشاشلا تالاق بولىدۇ".

    "ئەلمۇدەۋۋەنە"2-توم 78-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئەر كىشى باشقا بىرىگە: ئايالىمغا خەۋەر قىلىپ قوي مەن ئۇنى تالاق قىلىۋەتتىم دېگەن بولسا، ئۇ ئايال قاچان تالاق بولغان بولىدۇ؟ ئېرى تالاق قىلدىم دېگەن كۈندىمۇ ياكى تالاق قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان كۈنىدىمۇ؟ دەپ سورىسام، بۇنىڭغا جاۋابەن: ئۇ ئايالغا، ئېرىنىڭ بىرىگە ئايالىمغا خەۋەر قىلىپ قوي مەن ئۇنى تالاق قىلىۋەتتىم دېگەن كۈنىدە تالاق چۈشىدۇ دېدى، مەن: ئەگەر ئۇ ئايالغا تالاق قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنمىسىچۇ؟ دېسەم، گەرچە ئۇ ئايالغا تالاق قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنمىسىمۇ تالاققا ئىگە بولغۇچىنىڭ سۆزى كۈچكە ئىگە بولىدۇ، چۈنكى ئەر بىر كىشىگە: ئايالىمغا ئۇنىڭ تالاق قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ قوي دېدى، ئۇ كىشى بۇ خەۋەرنى ئايالدىن يوشۇردى يەنى خەۋەر قىلمىدى، شۇنداقتىمۇ ئايالغا خەۋەر قىلمىغاننىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى بولمايدۇ، ئۇ ئايال تالاق بولىدۇ، دېدى". بۇ توغرىدا 195336- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئىككىنچى: ئەگەر ئەر كىشى ئايالىغا: سەن تالاق، تالاق، تالاق دېگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا بىر تالاق چۈشىدۇ. بۇ توغرىدا 96194- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 285881-نومۇرلۇق سوئالنىڭمۇ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئۈچىنچى: ئاچچىغى كەلگەندە تالاق قىلىشنىڭ تەپسىلاتى بولىدۇ، ئەگەر ئىنسان ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلمىسە ياكى بىلسىمۇ ئەمما ئاچچىغى بەك كەلگەنلىكى ئۈچۈن تالاق دېۋەتكەن بولسا، ئەگەر ئاچچىغى كەلمىگەن بولسا تالاق قىلمايدىغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا تالاق چۈشمەيدۇ. بۇ توغرىدا 45174- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئەگەر سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردا شەرئى سوت ئورنى بولۇپ قالسا، باش سوتچىنىڭ بۇ شەكىلدىكى تالاق قىلىشنىڭ ھۆكمىگە قاراپ چىقىشى ئۈچۈن شۇ يەرگە بېرىشىلار كېرەك بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى