دۇشەنبە 3 سەپەر 1442 - 21 سىنتەبىر 2020
Uygur

يۇقۇملۇق كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن ۋاپات بولغان كىشىگە غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش توغرىسىدا

سۇئال

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا يۇقۇملۇق كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن ۋاپات بولغان كىشىنى بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قىلىش كېرەك بولغان: يۇيۇش، جىنازا نامىزى ئوقۇش ۋە دەپنە قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلماستىن دەپنە قىلىۋېتىدىكەن دېگەن ئۇچۇرلار كۆپ تارقىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن يۇقۇملۇق كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن جامائەت بولمىسىمۇ، يالغۇز غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇپ قويسام توغرا بولامدۇ؟، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.  

    بىرىنچى:

    ئۆلىمالارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا، غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش دېگەن ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن ئۆز يۇرتىدا جىنازا نامىزى ئوقۇلمىغاندا ئاندىن يولغا قويۇلىدۇ.

     ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ۋاپات بولغان ھەر قانداق بىر مېيىتكە غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ۋە تۇتۇپ ماڭغان يولى ئەمەس.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىمۇ مۇسۇلمانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەر باشقا جايلاردا ۋاپات بولغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇمىغان.

    سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنىشچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەبەشىستان پادىشاھى نەجاشى ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇغان بولۇپ، كىشىلەر بۇ توغرىدا ئىختىلاپلىشىپ ئۈچ تۈرلۈك قاراشتا بولدى:

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "توغرىسى: غايىپ بولغان كىشى ۋاپات بولغان شەھەردە ئۇ كىشى ئۈچۈن جىنازا نامىزى ئوقۇلمىغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامممۇ نەجاشى ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇغان چۈنكى ئۇ كىشى كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا ۋاپات بولغان بولۇپ، ئۇ يەردە ئۇ كىشىگە جىنازا نامىزى ئوقۇلمىغان، ئەگەر غايىپ بولغان كىشىگە ۋاپات بولغان يۇرتىدا جىنازا نامىزى ئوقۇلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن باشقا جايدا غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ۋاپات بولغان يۇرتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇشى بىلەن بۇ پەرز ئادا بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام غايىب بولغان كىشىگە ناماز ئوقۇغان ۋە بەزى كىشىلەرگە ناماز ئوقۇشنى تەرك قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنىمۇ سۈننەت، تەرك قىلغىنىمۇ سۈننەتتۇر، ئوقۇش كېرەك بولغان ئورۇندا ئوقۇغان، تەرك قىلىش كېرەك بولغان ئورۇندا تەرك قىلغان. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

     بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىدە ئۈچ تۈرلۈك قاراش بولۇپ، ئەڭ توغرىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەپسىلى چۈشەندۈرۈشتۇر". ["زادىل مىئاد" 1-توم 500-501-بەت].

   بۇنىڭ تەپسىلاتى 35853- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

   ئەگەر سىز مۇسۇلمانلاردىن مەلۇم بىر كىشىنىڭ مۇشۇ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولۇپ جىنازا نامىزى ئوقۇلماي دەپنە قىلىنغانلىقىنى بىلسىڭىز، بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشى ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش كېرەك بولىدۇ. ئەمما مەلۇم بىر كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئېنىق بىلمەستىن، پەقەت شۇ كۈندە مۇشۇ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان كىشىنى نىيەت قىلىپ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ، ئەسلىدە ئىبادەت دەلىل بىلەن بولىدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەر كۈنى بىز بىلمەيدىغان جايلاردا ۋاپات بولغان كىشىلەر ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلمايدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا دەلىل بايان قىلىنمىغان.

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىمۇ بۇ قاراشنى كۇچلاندۇرىدۇ: نەججاشىنىڭ ۋەقەلىكىگە ئاساسەن ئەگەر ياخشى كىشىلەر ۋاپات بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلىدۇ. ئەمما ھازىر بەزى كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنىدە ۋاپات بولغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن  شۇ كېچىدە غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇشى ئېنىق بىدئەت ئىشتۇر".  ["چوڭ پەتىۋالار"5-توم 360-بەت].

    ئىككىنچى: ئەسلىدە جىنازا نامىزى ئوقۇش بولسا، مېيىتنىڭ جەسىتى ھازىر بولغان جايدا بولىدۇ، غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش بولسا، مېيىتنىڭ جەسىتى باشقا يۇرتتا بولسا، ئۇ يەرگە بېرىش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئايرىم يولغا قويۇلغان، ئەمما مېيىتنىڭ جەسىتى شۇ شەھەرنىڭ ئۆزىدە بولسا، مېيىت چىقىرىلغان جايغا بېرىپ جىنازا نامىزىغا ھازىر بولۇش سۈننەت ھېسابلىنىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ مەزھىبىمىزدە، مېيىتنىڭ جەسىتى بىز تۇرىۋاتقان يۇرتتا بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا شۇ مەيىتكە غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش توغرا بولىدۇ، ئەمما، مېيىت بار يۇرتتا بولغان كىشىنىڭ چوقۇم جىنازا نامىزى ئوقۇلىدىغان جايغا بېرىپ ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزى مەدىنىدە بار ۋاقىتتا ۋاپات بولغان كىشىلەرنىڭ جىنازا نامىزىغا ھازىر بولغان، يۇرتنىڭ ئۆزىدە بولسا، جىنازا نامىزىغا ھازىر بولۇش قېيىن بولمايدۇ". ["ئەلمەجمۇ"5-توم 252-253-بەت].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "غائىب دېگەن، شۇ يۇرتتا يوق دېگەن بولۇپ، ئەگەر شۇ يۇرتتا بار كىشى ۋاپات بولغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ، بەلكى قەبرىستانلىققا چىقىپ ئۇ كىشى ئۈچۈن جىنازا نامىزى ئوقۇلىدۇ.

     شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى نادان كىشىلەر خاتالىشىپ ئۆزى شەھەرنىڭ بۇ تەرىپىدە بولسا، شەھەرنىڭ ئۇ تەرىپىدە ۋاپات بولغان كىشىگە غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇيدۇ. بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپتۇر. ئەسلى سۈننەت بويىچە قەبرىستانلىققا چىقىپ مېيىت ئۈچۈن جىنازا نامىزى ئوقۇش كېرەك بولىدۇ". ["شەرھىل مۇمتىئ"5-توم 345-بەت].

    باشقا يۇرتتا بولغان مېيىت ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش بولسا، ئىمام نەۋەۋىينىڭ يۇقىرىقى سۆزىدە بايان قىلىنغاندەك، مېيىت نامىزى ئوقۇلىدىغان جايغا بېرىش قېيىن ياكى يىراق بولسا ئۇ ۋاقىتتا غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش توغرا بولىدۇ.

     "مۇغنى مۇھتاج ئىلا مەرىپەتى مەئانىل ئەلپاز ئەلمىنھاج" ناملىق ئەسەرنىڭ 2-توم 27-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئەگەر مېيىت بار شەھەردە بولسىمۇ، كېسەللىك ياكى تۈرمىگە كىرىپ قىلىش سەۋەبىدىن جىنازا نامىزىغا ھازىر بولۇش مۇمكىن بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش توغرا بولىدۇ.

    ئەبادىي "ھاشىيەتى ئەلا تۆھپەتىل مۇھتاج" ناملىق ئەسەر 3 -توم 150-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئاساسلىق ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئىش" قېيىن بولۇش ياكى قېيىن بولماسلىق بولۇپ، ئەگەر بىر شەھەردە بولسىمۇ لېكىن شەھەرنىڭ چوڭ بولغانلىقى سەۋەبىدىن جىنازا نامىزى ئوقۇلىدىغان جايغا بېرىش قېيىن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش توغرا بولىدۇ، ئەمما گەرچە مېيىت شەھەرنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ، ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىش قېيىن بولمايدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش توغرا بولمايدۇ.

     ئەگەر يۇقۇملۇق كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن ۋاپات بولغان مېيىت گەرچە شەھەرنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا، شەھەردە مېيىت ئۈچۈن مۇتلەق جىنازا نامىزى ئوقۇلمىغاندا، ئۇ ۋاقىتتا يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن، مېيىتكە غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش توغرا بولىدۇ.

    ئەگەر مېيىتنىڭ بەزى يېقىنلىرى ياكى تىببى خادىملار دوختۇرخانىدا جىنازا نامىزى ئوقۇغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇشى كېرەك بولمايدۇ.

لېكىن مەيىتكە جىنازا نامىزى ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان بولسا، سىرتقا چىقىش چەكلەنمىگەن ۋاقىتتا ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىك كرىزىسى ئاخىرلاشقاندا، ئۇ كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ جىنازا نامىزى ئوقۇپ كەلسە بولىدۇ. [بۇ ھەقتە 90030- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن].

     ئاللاھ تائالادىن بارلىق مۇسۇلمانلاردىن بۇ يۇقۇملۇق ۋابا كېسىلىنى كۆتۈرۈۋېتىشنى سورايمىز.

     ئۈچىنچى: جىنازا نامىزىنى بىر كىشى يالغۇز ئوقۇسىمۇ توغرا بولىدۇ، توغرا قاراشتا جىنازا نامىزى ئۈچۈن جامائەت بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى 152888- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

    تۆتىنچى: ئەسلىدە مېيىت يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا جىنازا نامىزى ئوقۇلىدۇ، لېكىن كېسەل تارقىلىشتىن ئەنسىرەش سەۋەبىدىن يۇيۇش مۇمكىن بولمىسا، يۇيۇلماستىن دەپنە قىلىنغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن جىنازا نامىزى ئوقۇش بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:  فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ  تەرجىمىسى: كۈچىڭلارنىڭ يىتىشچە ئاللاھدىن قورقۇڭلار. [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].

    ئىززىددىن ئىبنى ئابدۇسالام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇنداق قائىدە بار: بىر كىشى تائەت-ئىبادەتتىن بىر ئىشقا بۇيرۇلسا، ئۇنىڭ بەزىسىنى قىلىشقا قادىر بولۇپ، بەزىسىنى قىلىشتىن ئاجىز كەلسە، ئۇ كىشى قىلىشقا قادىر بولغانلىرىنى ئادا قىلىدۇ، قىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلىرى ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ...". ["ئەھكام قائىدىلىرى" 2-توم 7-بەت].

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان ۋە سۈننەتتە بايان قىلىنغان دەلىللەرنى ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن شۇ ئايان بولىدۇكى، ھەقىقەتەن بىر ئىشنى قىلىش ئۇنى بىلىش ۋە ئەمەل قىلىشقا قادىر بولۇش بىلەن ئادا قىلىش شەرت قىلىنىدۇ، ئىككىدىن بىرىنى قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشى ئۈچۈن قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن ئىش چۈشۈپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساننى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرىمايدۇ...". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"21-توم 634-بەت].

   بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 209408- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 334084- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى