جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ناماز ئوقۇۋاتقاندا ھىجابىنىڭ يانلىرىدىن چاچلىرىنىڭ ئەتراپى ئېچىلىپ قالسا قانداق بولىدۇ؟

340275

تارقاتقان ۋاقىت : 14-10-2022

كۆرگۈچىلەر : 703

سۇئال

    مەن دائىم ناماز ئوقۇغاندا چېچىمنى نامازلىق كىيىم بىلەن يوشۇرۇشقا تىرىشىمەن، لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا، ئارقا تەرەپتىن چېچىم ئېچىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىمەن، مۇشۇنداق ھالەتتە نامىزىم توغرا بولامدۇ ياكى توغرا بولمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ئەۋرەتنى يېپىش ئەر-ئاياللارنىڭ ھەققىدە ئوخشاشلا نامازنىڭ  توغرا بولىشىنىڭ شەرتىدۇر. بۇ ھەقتە  1046 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

     نامازنى ئادا قىلغۇچى نامازنى باشلاشتىن بۇرۇن نامىزىنى مۇھاپىزەت  قىلىشتىن ئەنسىرەيدىغان كىيىملەرنى كەيمەستىن، ئەۋرىتىنى تولۇق يېپىشقا ئىشەنچ قىلىدىغان كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك.

   قىز-خانىملارنىڭ چېچى بولسا ئوراش زۆرۈر بولغان ئەۋرەتتۇر، شۇنىڭدەك يۈزى بىلەن قولىدىن باشقا بارلىق ئەزالىرىنى ئوراش زۆرۈردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن چېچىنى ناماز باشلاشتىن بۇرۇن ياغلىق بىلەن چىڭ ئوراشقا، چېچىنىڭ ھېچ يېرىنى ئوچۇق قويماسلىققا ئادەتلىنىش كېرەك، بەدىنىنى ياكى چېچىنى ئورايدىغان ياغلىق ياكى كىيىملەر بەك نىپىز بولماسلىقى ۋە چاچلىرى چېقىپ قالىدىغان شەكىلدە تۆشۈك بولماسلىقى كېرەك.

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بالاغەتكە يەتكەن خانىم-قىزلارنىڭ لېچەكسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 465-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا(596) كەلتۈرگەن].

     شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "خانىم-قىزلار گەرچە يالغۇز ناماز ئادا قىلسىمۇ لىچەك بىلەن ئوقۇشقا بۇيرۇلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ناماز ئادا قىلغۇچى نامازنى ئادا قىلمىغان ۋاقىتتا ئوچۇق قويۇش توغرا بولغان جايلارنىمۇ نامازنى ئادا قىلغاندا ئورايدۇ". ["پەتىۋالارمەجمۇئەسى"22-توم 109-بەت].

     ئىككىنچى: نامازنى ئادا قىلىش جەريانىدا، لېچەكنىڭ كېچىك تۆشۈكلىرىدىن ئازراق چاچ چىقىپ قالسا، بۇ نامازنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ، چۈنكى بۇ بەك ئاز چاچ، كۆپچىلىك ئالىملار: نامازدا ئەۋرەتتىن ئازراق ئېچىلىپ قالسا ئەپۇ قېلىنىدۇ دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە "ئەل مۇغنى" 2-توم 287-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام ئەبۇ ھەنىپە قاتارلىق ئالىملاردىن: "ناماز جەريانىدا ئەۋرەتتىن ئازراق ئېچىلىپ قالسا بۇنىڭ بىلەن ناماز بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ دەپ دەلىل بايان قىلىنغان. 

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 22-توم 123-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "كۆپچىلىك ئالىملار، ناماز جەريانىدا بەدىنىدىن ۋە چېچىدىن ئازراق ئېچىلىپ قالسا، ئۇ نامازنى قايتا ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ دېگەن قاراشتا بولۇپ، بۇ قاراش ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىدىمۇ كۈچكە ئىگىدۇر". 

    "كەشاپۇل قىنا"1-توم 269-بەتتە مۇنداق دېگەن:"ئەۋرەتتىن مەقسەتسىز ئازراق ئېچىلىپ قېلىش بىلەن گەرچە ئۇزۇن ۋاقىت ئېچىلىپ قالسىمۇ  ناماز بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ".

     ئەمما چاچنىڭ كۆپ قىسمى ئېچىلىپ قالغان بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى خىل ھالەت بار:

     بىرىنچى ھالەت: ئايال كىشى چېچىنىڭ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى نامازدىن كېيىن بىلگەن بولسا بۇ ھالەتتە ناماز بۇزۇلمايدۇ.

    ئىككىنچى ھالەت: ئايال كىشى نامازنى ئادا قىلىۋېتىپ چېچىنىڭ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى بىلگەن ھامان لېچىكى بىلەن ئورىۋەتكەن بولسا بۇ ھالەتتىمۇ ھەم ناماز بۇزۇلمايدۇ.

     "ئەل مەجمۇ شەھرى مۇھەززەب"4-توم 76-بەتتە مۇنداق كەلگەن: " شامال كىيىمنى كۆتۈرۈپ ئەۋرەتنى ئېچىۋېتىپ ئاندىن يەنە يېپىلغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن ناماز بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى بۇ ھالەتتە ئۇ كىشى ئۈزۈرلۈك بولدى ۋە نامىزىنى بۇزمىدى.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەۋرىتىدىن كۆپرەك ئورۇن ئېچىلىپ قىلىپ ئۇنى قىسقا ۋاقىتتا ياپقان بولسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى بۇزۇلمايدۇ، مەسىلەن: ئويلاپ باقايلى، ئەگەر نامازنى ئادا قىلغۇچى رۇكۇ قىلغان ۋاقىتتا شامال چېقىپ كىيىمىنى ئېچىۋېتىپ، يەنە دەرھال ياپقان بولسا، بەزى كىشىلەرنىڭ سۆزىگە كۆرە ناماز بۇزۇلىدۇ دېگەنلىك ئىپادىلىنىدۇ، توغرىسى ئۇنداق ھالەتتە ناماز بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى تىز ۋاقىتتا يېپىۋالدى، ھەمدە قەستەن ئاچمىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ تەرجىمىسى: «تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.» [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت. "شەرھىل مۇمتى"2-توم 75-بەت].

     ئۈچىنچى: ئايال چېچىنىڭ ئىچىلىپ قالغانلىقىنى بىلسىمۇ دەرھال ئورىماستىن نامازنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، بۇنداق ھالەتتە ئۇ ئايالنىڭ نامىزى بۇزۇلىدۇ، قايتىدىن ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 22-توم 123-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئەۋرىتىدىن كۆپ جايلىرى ئېچىلىپ قالغان بولسا، شۇ ۋاقىتتا نامازنى قايتىدىن ئادا قىلىدۇ، بۇ تۆت مەزھەپ ئالىملىرى ۋە باشقا بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر".

    ئەمما سوئالدا بايان قىلىنغىنى بولسا: چاچتىن ئازراق ئېچىلىپ قالغان بولسا ناماز بۇزۇلمايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى