سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قىز-خانىملارنىڭ ئۆيدە قىلغان ئىېتىكاپى توغرا بولمايدۇ

سۇئال

ئايال كىشى ئۆز ئۆيىدە ئېتىكاپ قىلسا بولامدۇ؟، تاماق تەييارلايدىغان ئىش بولسا قانداق قىلىدۇ؟، بۇ توغرىدىكى ھۆكۈملەرنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

مەسچىتتىن باشقا جايدا ئېتىكاپ قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تُبَاشِرُوهُنَّ وَأَنتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ﴾ تەرجىمىسى: سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن)، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. [سۈرە بەقەرە 187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

بۇ ھۆكۈمدە ئەر-ئايال ئوخشاش بولىدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەل مۇغنى" ناملىق ئەسەر 4-توم 464-بەتتە مۇنداق بايان قىلىدۇ: "ئايال كىشى ھەر قانداق مەسجىدتە ئېتىكاپ قىلسا بولىدۇ، جۈمە ئوقۇيدىغان ياكى بەش ۋاقىت نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇيدىغان مەسجىد شەرت قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئاياللارغا جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش ۋاجىپ ئەمەس. بۇ ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر".

قىز-خانىملارنىڭ ئۆيىدە ئېتىكاپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تُبَاشِرُوهُنَّ وَأَنتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ﴾ تەرجىمىسى: سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن)، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. [سۈرە بەقەرە 187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن مەسچىتتە ئېتىكاپ ئۈچۈن رۇخسەت سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا رۇخسەت قىلغان.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەل مەجمۇئە" ناملىق ئەسەر 6-توم 480-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەر ياكى ئاياللارنىڭ مەسچىتتىن باشقا جايلاردا ئېتىكاپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ".

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھمۇ "شەرھىل مۇمتىئ" ناملىق ئەسەردە يۇقىرىقى قاراشنى تاللىغان.

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى