جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

روزىدار كىشى ئازراق قۇسقان بولسا بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

    ئازراق قۇسسا روزا بۇزۇلامدۇ؟، يەنى تۈپرۈك بىلەن قۇسۇقنىڭ ئارىلىقىدا بولسا قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا. ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   قۇسۇش دېگەن يۇتۇپ بولغان يېمەكلىك قاتارلىق نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەرەب لۇغىتىدە: "ئېچىدىكى نەرسىنى قەستەن چىقىرىۋېتىش"  دېمەكتۇر. ["لىسانۇل ئەرەب"  1 -توم 135 -بەت].

    بۇنىڭ روزىنى بۇزۇۋېتىش ياكى بۇزىۋەتمەسلىك توغرىسىدىكى ھۆكمى: ئەگەر قەستەن قۇسقان بولسا روزىسى بۇزۇلىدۇ، شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ. ئەمما قەستەن قۇسماستىن ئىختىيارسىز قۇسۇپ كەتكەن بولسا، روزىسى توغرا بولىدۇ، ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە بولمايدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتى 38023 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

   كېسەللىك سەۋەبىدىن قۇسۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، قۇسۇشنىڭ ساقىيىشقا ياردىمى بولسا، ئۇ ۋاقىتتا قۇسۇش توغرا بولىدۇ، رامزاندىن كېيىن شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‏فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ‏  تەرجىمىسى: «كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن» [سۈرە بەقەرە 185 -ئايەت.]

    توغرا قاراشتا قۇسۇقنىڭ ئاز-كۆپلىكىنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق، ئەگەر قەستەن قۇسۇپ ئازراق بىر نەرسە چىقسىمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ،" پۇرۇئدا" مۇنداق دەيدۇ:  قەستەن قۇسۇپ ھەرقانداق نەرسە چىقسا روزىسى بۇزۇلىدۇ، بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «ئىختىيارسىز قۇسقان كىشىگە ھېچ ئىش يوق، ئەمما قەستەن قۇسقان كىشى شۇ كۈندىكى روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ».  ["پۇرۇئ"  3 -توم 49 -بەت. ئەبۇ داۋۇد 2380-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 720-ھەدىس. تىرمىزى مۇنداق دېگەن:  ئالىملار مۇشۇ ھەدىس بويىچە ئەمەل قىلغان.  شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. ]

    لېكىن بۇ يەردە قۇسۇق بىلەن تۈپرۈكنىڭ ئارىسىدا پەرق بار، تۈپرۈك ۋە  بەلغەم قاتارلىقلار ئادەمنىڭ ئىچىدىن(يەنى ئاشقازاندىن) كەلمەيدۇ،  ئۇنى چىقىرىۋېتىشتە ھېچ قىيىنچىلىق بولمايدۇ، ئەمما قۇسۇق بولسا، بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك ئېچىدىكى نەرسىنى سىرتقا چىقىرىشتىن ئىبارەتتۇر.  

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار