يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

بىز نۇقتىغا ئېرىشىش ياكى باھادا ئېتىبارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلىكتۇرۇنلۇق تىجارەت دىتاللىرىغا كېرىشكە دوستلىرىمىزنى دەۋەت قىلساق قانداق بولىدۇ؟

393766

تارقاتقان ۋاقىت : 20-06-2023

كۆرگۈچىلەر : 443

سۇئال

بىز توردا ئورۇن ۋە دىتالدىن تەركىب تاپقان ئىلىكتىرۇنلۇق تىجارەت يولىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىمىز، ھازىر بۇنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى: بۇنىڭغا باشقىلارنى قاتالايمىز، بۇنى ئىشلىتىۋاتقان كىشى دىتالنى ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىدىغان كىشىگە مۇئەييەن كود بىلەن دەۋەت ئۈلىنىشىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇ كىشىنى قېتىۋالالايدۇ، دىتال ئېشلىتىشكە چاقىرىلغان كىشى كود بىلەن دەۋەت ئۈلىنىشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، مۇشۇ ئۈلىنىش ئارقىلىق دىتالغا كېرىشكە تىزىملىتالايدۇ، بىز دەۋەت ئەۋەتىلگەن كىشىگە توپلانغان نۇقتىلاردىن بېرىشنى مەقسەت قىلىمىز، بۇ نۇقتىلارنىڭ سانىغا كۆرە تەلەپ قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ ئېلىش مۇمكىن بولىدۇ، بىز شۇنداق قىلساق توغرا بولامدۇ؟ بىز مۇشۇ دەۋەتتىن قايتقان نەرسىنى نۇقتىنىڭ ئورنىدا قىلساق، تەلەپ قىلغان نەرسىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈشكە مۇمكىن بولىدۇ، ئۇنى خېرىدار غا دوستلىرىنى چاقىرغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپات قىلىپ بېرىدۇ، ۋە باھانى چۈشۈرۈشنىڭ نىسبىتىنى ئوچۇقلاشتۇرۇش تامام بولىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ ئەگەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يوللارنىڭ ھەممىسى ھارام بولسا، بىز خېرىدارنى ئۆزىنىڭ دوستلىرىنى دەۋەت قىلغانلىقىغا ئاساسەن مۇكاپاتلاشقا قادىر بولالايدىغان شەرىئەتكە ئۇيغۇن يەنە بىر يول تېپىلامدۇ؟ ئەگەر بىز نۇقتىلارنى بىكار قىلىۋەتسەك، دەۋەتنى ھېچقانداق بىر نەرسە قايتمايدىغان قىلساق بۇ بىزگە توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    باھانى چۈشۈرۈش ياكى نۇقتىغا ئېرىشىش ياكى نەخ پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن دىتال ئېشلىتىشكە دوستلارنى دەۋەت قىلسا بولىدۇ، لېكىن بۇ ئىككى شەرت بىلەن بولىدۇ:

    بىرىنچى: دىتالغا شېرىك بولىشى بىكارلىق بولىشى كېرەك، ئەگەر شېرىك بولىشى مالنىڭ بەدىلىگە بولسا بۇ قىمار بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بەرگەن مېلى ئۈچۈن ھەقىقى جەرىمانە تۆلىگەن بولدى، ئۇ كىشى دوستلىرىنى دەۋەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئارزۇ قىلغاندىنمۇ كۆپرەك بىر نەرسىگە ئېرىشمەكچى، بۇ ئېھتىماللىقى بولغان غەنىمەت ئېدى. قىمار دېگەن:  ئەمەلىيلەشكەن جەرىمانە ۋە ئېھتىماللىقى بولغان غەنىمەتتىن ئىبارەتتۇر.

    بۇجەيرىمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " مەيسەر دېگەن قىمار دېگەن بولۇپ، ئۇ غەنىمەت ئېلىش بىلەن جەرىمانە تۆلەشنىڭ ئارىسىدا ئىككىلىنىپ قالغاندا بولىدىغان ئىش". ["بۇجەيرىمىينىڭ مىنھاجنىڭ شەرھىسىگە يازغان ھاشىيىسى"  4 -توم 376 -بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ قىماردۇر، غەنىمەت بىلەن جەرىمانىنىڭ ئارىسىدا بولغان ھەر قانداق مۇئامىلە قىماردۇر، بۇ ئىشتا مۇئامىلە قىلغۇچى غەنىمەت ئالامدۇ ياكى جەرىمانە تۆلەمدۇ بۇنى بىلمەيدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر، بەلكى ئۇ چوڭ گۇناھدۇر، ئەگەر ئىنسان بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇت، ھاراق ۋە پال ئوقلىرىغا جۈپلاپ كەلتۈرگىنىگە قارىسا، بۇنىڭ قەبىھ ئىش ئىكەنلىكى مەخپى قالمايدۇ". "[ئىسلام پەتىۋالىرى"  4 -توم 441 -بەت. ]

    ئىككىنچى: ئەگەر ئۇ مەلۇم بىر پۇل بولسا، بۇ بىر ئىشنى قىلغانغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتقا ئوخشاش بولاتتى، ئۇ ۋاقىتتا بۇنىڭ مەلۇم بولىشى شەرت قىلىنىدۇ.

   "پىقھى توپلاملىرى"  15 -توم 216 -بەتتە:  بىر نەرسىنىڭ مۇكاپاتنىڭ ئورنىدا قىلىپ بىرىشنىڭ مۇنداق شەرتلىرى بولىدۇ:  ئۇ نەرسىنىڭ مەلۇم بولىشى:  مالىكى، شافىئى ۋە ھەنبەلىي مەزھەپ ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "بىر نەرسىنى مۇكاپاتقا ئوخشاش قىلىپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن قىلىنغاندا مالنىڭ تۈرى، مىقدارى مەلۇملۇق بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، چۈنكى بېرىلىدىغان نەرسىنىڭ ئېنىقسىزلىقى بۇ كېلىشىمدىن بولغان مەقسەتنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى كېلىشىمدە ئېنىقسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھاجەت بولمىغاننىڭ سىرتىدا، ئېنىقسىز نەرسىگە ھېچ كىشى قىزىقمايدۇ، ئىش بىلەن ئىش قىلغۇچى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئىز بىلەن ئەمەلنىڭ ئېنىقسىزلىقى بولسا ئۇنىڭغا ھاجەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ قېلىنىدۇ.

    ئۇنىڭ مەلۇم ياكى ئېنىق ئىكەنلىكى ئۇنى كۆرۈش بىلەن ياكى سۈپىتى بىلەن ھاسىل بولىدۇ".

    "شەرىئەت ئۆلچىمى" ناملىق ئەسەرنىڭ 261 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "بېرىلىدىغان نەرسىنىڭ مەلۇملۇق بولىشى، شەرىئەتتە قىممىتى بولىشى، تاپشۇرۇپ بېرىشكە قادىر بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، ئەگەر قىلىنغان نەرسە ئېنىق بولمىسا ياكى شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان نەرسە بولسا ياكى تاپشۇرۇپ بېرىشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسە بولسا، بېرىلىدىغان نەرسىنىڭ ئاشۇنىڭ ئوخشىشىدا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ".

    بېرىلىدىغان نەرسە ئېنىق بولمىغان ھەدىيەلەر تەرتىپلىنىدىغان نۇقتىلاردىن بولسا ياكى مەلۇم بولمىغان باھانى چۈشۈرۈش بولسا توغرا بولمايدۇ.

    بەلكى ئۇنى شېرىكلەرگە بايان قىلىپ بېرىش، نۇقتىنىڭ مۇنچىلىك مالغا باراۋەر كېلىدىغانلىقى ياكى مۇنچىلىك باھانىڭ چۈشۈشىگە باراۋەر كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

   ئەگەر نۇقتىلارنى بىكار قىلىۋەتسەڭلار، دەۋەت بىكارلىق بولىدۇ، ئاخىرىدىكى سوئالىڭىزغا ئوخشاش، بۇمۇ ھەم دۇرۇس، ئىش ئېنىق بولىشى كېرەك، ھەر قانداق بىر كىشى باشقا بىرىنى دەۋەت قىلسا ئۆزىنىڭ بۇ ئىشنى خالىس قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۆزىگە قايتىدىغان بىر پايدىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى