سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قۇربانلىق قىلىدىغان ئۇلاغ ئۈچۈن رائىيە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ياش ئۆلچىمى توغرىسىدا

سۇئال

قۇربانلىق قىلىنىدىغان ئۇلاغنىڭ ياش بەلگىلىمىسى بارمۇ؟ بىر يىرىم ياشلىق كالىنى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى بويىچە، شەرىئەت قۇربانلىق قېلىنىدىغان ماللارنىڭ يېشىنى بېكىتتى، ئۇ ياشقا توشمىغان ماللارنى قۇربانلىق قىلىش توغرا بولمايدۇ. ["ئەلمەجمۇئ'1-توم 176-بەت].

    بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھەدىسلەردىن: ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 5556-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1961-ھەدىس. بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ئەبۇ بۇردە ئىسىملىك تاغام ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن قوينى قۇربانلىق قىلغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: سېنىڭ ئۆلتۈرگىنىڭ يەيدىغان گۆش بولۇپتۇ دېدى، تاغام: ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ بىر ئوغلىقىم بار دېدى، بۇخارىنىڭ  5563- نومۇرلۇق رىۋايىتىدە: مېنىڭ ئىككى ياشقا كىرگەن قويدىنمۇ ياخشىراق بىر ئوغلىقىم بار، شۇنى قۇربانلىق قىلايمۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قۇربانلىق قىلغىن، بۇنى سەندىن باشقا كىشى قۇربانلىق قىلسا توغرا بولمايدۇ دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: سەندىن كېيىن ھېچ كىشىگە دۇرۇس بولمايدۇ دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن ئۆلتۈرگەنلەر، ئۆزى ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن بولىدۇ، نامازدىن كېيىن ئۆلتۈرگەنلەر بولسا قۇربانلىق قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى تۇتقانلار بولىدۇ.

    مۇشۇ ھەدىستە ئۆچكىنىڭ ئوغلىقىنىڭ قۇربانلىققا يارىمايدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ، ئوغلاقنىڭ نەچچە ئايلىق ئىكەنلىكىنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز.

ئىبنى قەييىم "تەھزىب ئەسسۈنەن"دە مۇنداق دەيدۇ: سەندىن كېيىن ھېچ كىشىگە دۇرۇس بولمايدۇ دېگەن سۆز كەسكىن بولۇپ، بۇ كىشىدىن كېيىن ھەر قانداق كىشى ئوغلاقنى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولمايدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

   جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: يېشىغا توشمىغان ماللار قۇربانلىقتا دۇرۇس بولمايدۇ، ئەگەر بۇنى تېپىش قېيىن بولۇپ قالسا، ئۆچكىنىڭ ئوغلىقى بولسىمۇ بولىدۇ. [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 1963-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ياشقا توشقان دېگەنلىك، تۆگە، كالا، قوي قاتارلىق ھايۋانلاردىن ياشقا توشۇپ ئاشقانلىرىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۆچكىنىڭ ئوغلىقى ھەرقانداق ھالەتتە قۇربانلىق قىلىشقا يارىمايدۇ دېگەنلىك ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ".

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر"ئەتتەلخىس"4 -توم 285-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ھەدىسنىڭ كۆرۈنۈشىدىن ياشقا توشقان ئۇلاغ تاپالمىغاندا ئۆچكىنىڭ ئوغلىقىنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بۇنىڭ قارشىسىدا بولۇپ، بۇنى چۈشەندۈرۈپ ياخشى تەرەپكە كۆتۈرۈش كېرەك، ياخشىسى ياشقا توشقان مالنى قۇربانلىق قىلىش كېرەك".

    شۇنىڭدەك ئىمام نەۋەۋى مۇسلىم شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: ئەۋنۇل مەبۇدتا: بۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش دەيدۇ.

     ئاندىن ئۆچكىنىڭ ئوغلىقىنى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى ئىسپاتلايدىغان بەزى ھەدىسلەرنى زىكىر قىلدى، ئۇ ھەدىسلەردىن: ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتتا ئۆچكىنىڭ ئوغلىقىنى قۇربانلىق قىلغان. [نەسائى رىۋايىتى 4382-ھەدىس. ھاپىز ئىبنى ھەجەر: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى كۈچلۈك دېگەن، شەيخ ئەلبانى نەسائىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   "پىقھى توپلاملىرى"5-توم 83-بەتتە قۇربانلىقنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا مۇنداق كەلگەن: ئىككىنچى شەرتى: قۇربانلىق قېلىنىدىغان مال ياشقا توشقان بولۇشى كېرەك، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە ياكى ئوغلاق بىر ياش ياكى ئىككى ياشنىڭ ئۈستىدە بولۇشى كېرەك، ئۆچكىدىن يېشىغا توشمىغان ۋە ئوغلاقتىن ئالتە ئايلىقتىن كېچىك بولغىنى قۇربانلىققا يارىمايدۇ، بۇ پىقھى ئۆلىمالىرى ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن شەرت بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ياشقا توشۇش دېگەن سۆز بىلەن ئوغلاقنى چۈشەندۈرۈشتە بىرلىككە كېلەلمىدى.

    ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قوينىڭ قوزىسىدىن باشقا ئۆچكىنىڭ ئوغلىقى ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ بالىلىرى قۇربانلىققا يارايدۇ، ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى ياشقا توشسا ياكى ئاشسا دۇرۇس بولىدۇ، قوينىڭ قوزىسى ياشقا توشسا قۇربانلىققا يارايدۇ". ["تەرتىب تەمھىد"10-توم 267-بەت].

    ئىمام نەۋەۋىي"ئەلمەجمۇئ"8-توم 366-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئۆلىمالار قۇربانلىقتا تۆگىدىن، كالىدىن قويدىن ياشقا توشقانلىرى، ئۆچكىدىن ئالتە ئايلىق بولغان ئوغلاقنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ماللار قۇربانلىقتا دۇرۇس بولسىمۇ لېكىن بەزى ھەمراھلىرىمىز ئىبنى ئۆمەر ۋە زۆھرىدىن نەقىل قىلىپ قوينىڭ قوزىسى قۇربانلىققا يارىمايدۇ دېگەننى بايان قىلغان. ئەتا ئىبنى رەباھ ۋە ئەۋزائى قاتارلىق ئۆلىمالار: تۆگىنىڭ بوتىلىقى، كالىنىڭ موزىيى، ئۆچكىنىڭ ئوغلىقى ۋە قوينىڭ قوزى قۇربانلىققا يارايدۇ دەيدۇ".

    ئىككىنچى: قۇربانلىق قېلىنىدىغان ماللاردا شەرت قىلىنىدىغان ياشنى بىكىتىشتە ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشتى:

    قوينىڭ قوزىسى: ھەنەپى ۋە ھەنبەلى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا ئالتە ئاينى تولۇقلىغان بولسا بولىدۇ، مالىكى ۋە شاپىئى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا بىر ياشقا توشقان بولىشى كېرەك.

    ئۆچكىدىن ياشقا توشقىنى: ھەنەپى، مالىكى ۋە ھەنبەلى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا بىر ياشقا توشقان بولىشى كېرەك، شاپىئى مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا ئىككى ياشنى تولۇقلىغان بولىشى كېرەك.

    كالىدىن ياشقا توشقىنى: ھەنەپى، شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا، ئىككى ياشنى تولۇقلىغان بولىشى كېرەك، مالىكى مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا، ئۈچ ياشنى تولۇقلىغان بولىشى كېرەك.

    تۆگىدىن ياشقا توشقىنى: ھەنەپى، مالىكى، شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا بەش ياشنى تولۇقلىغان بولىشى كېرەك. ["بەدائىئ سەنائىئ" ناملىق ئەسەر 5-توم 70-بەت. "بەھرۇررائىق"8-توم 202-بەت. "ئەتتاج ۋەل ئىكلىيل"4-توم 363-بەت. "شەرھى مۇختەسەر خەلىل"3-توم 34-بەت. "ئەلمەجمۇئ"8-توم 365-بەت. "ئەلمۇغنى"13-توم 368-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "قۇربانلىق ئەھكاملىرى"ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "تۆگىنىڭ ياشقا توشقىنى: بەش ياشنى تولۇقلىغان، كالىدىن ياشقا توشقىنى: ئىككى ياشنى تولۇقلىغان، قويدىن ياشقا توشقىنى: بىر ياشنى تولۇقلىغان، ئوغلاقتىن: ئالتە ئايلىققا توشقانلىرىدۇر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ياش ئۆلچىمىدىن كېچىك بولغانلىرى قۇربانلىققا يارىمايدۇ".

    دائىمى كومىتېتى پەتىۋاسى 11-توم 377-بەتتە مۇنداق كەلگەن: شەرئى دەلىللەر بويىچە، ئۆچكىدىن  ئالتە ئايغا توشقان، قويدىن بىر ياشقا توشقان، كالىدىن ئىككى ياشقا توشقان ۋە تۆگىدىن بەش ياشقا توشقانلىرى قۇربانلىققا يارايدۇ، ئۇنىڭدىن كىچىكلىرى بولسا قۇربانلىققىمۇ ۋە ھەجنىڭ ھەدىيەلىرىگىمۇ يارىمايدۇ، مانا بۇ ھەدىينىڭ ئاسان يوللىرى، چۈنكى كىتاپ-سۇننەتنىڭ دەلىللىرى بىر-بىرىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    ئىمام كاسانى"بەدائىئ سەنائىئ"5-توم 70-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "مۇشۇ ياشلارنى بىكىتىشتە بىر ئۆلچەمگە توشمىغانلىرىنى چەكلىدۇق، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىنى چەكلىمىدۇق، مۇشۇ ياش ئۆلچىمىدىن كېچىك بولغانلىرىنى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولمايدۇ، بۇ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىنى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولىدۇ ۋە ياخشى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قوزا، ئوغلاق، موزاي ۋە بوتىلاقلار قۇربانلىققا يارىمايدۇ، چۈنكى شەرىئەت يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ياش ئۆلچىمىنى بېكىتتى، بۇلار ئۇ ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ".

    بۇنىڭدىن بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، كالىنىڭ ئىككى ياشقا توشمىغانلىرىنىڭ قۇربانلىققا يارىمايدىغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى