شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەج ياكى ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ ئېھراملىق كىيگەن ئايالدىن دۇغ نەرسىلەر كەلگەن بولسا، بۇنىڭ ھەج ياكى ئۆمرىگە تەسىرى بولامدۇ؟

سۇئال

    مەن ھامىلدار بولۇپ ئىككىنچى ئايدا ھەج قىلىش ئۈچۈن يولغا چېقىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن تۆرەلمە چۈشۈپ كەتتى، مەن مەككىگە بارغاندا پاك ئېدىم، لېكىن تەرۋىيە كۈنى كېچىسى يەنى زۇلھەججىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى كېچىدە ئايلىق ئادىتىمنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى كېلىدىغان نەرسىلەرگە ئوخشايدىغان بىر نەرسىلەر كېلىپ قاپتۇ، لېكىن ئۇ قان ئەمەس بەلكى سۇس قوڭۇر رەڭ نەرسىلەر ئىكەن، مەن ھەج پائالىيەتلىرىنى تاماملىدىم، قىلغان ھەججىم توغرا بولغاندىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىزدىن كەلگەن ئۇ ئاجرالمىلار سىزنىڭ ھەججىڭىز ۋە ئۆمرىڭىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بۇ ھەيزمۇ ئەمەس ۋە نىپاسمۇ ئەمەس، بۇ ئاجرالمىلار "دۇغ" نەرسە دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئاجرالمىلارنىڭ ھۆكمى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا تاھارەتنى ۋاجىپ قىلىدىغان نەرسىدۇر، پەرز تاۋاپ قىلىدىغان ۋاقىتتا تاھارەت ئالغان بولسىڭىز كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا قىلغان تاۋاپىڭىز توغرا بولىدۇ، ئەگەر تاھارەت ئالمىغان بولسىڭىز بۇ توغرىدا ئالىملارنىڭ پەرقلىق قارىشى بار: تاھارەتسىز تاۋاپ قىلغان بولسا توغرا بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟. بۇنىڭ تەپسىلاتى 34695- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ تاللىغان قارىشىغا كۆرە: تاھارەت شەرت قىلىنمايدۇ.

   شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پاك بولغاندىن كېيىن كەلگەن دۇغ، سېرىق، تامچە ياكى نەملىكلەر بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەيز ئەمەس، نامازدىن، روزىدىن، ئەر-ئاياللىق، جىنسى مۇناسىۋەت قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ھەيز ئەمەس.

   ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىز سېرىق، دۇغ نەرسىلەرنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق» [بۇخارى رىۋايىتى. ئەبۇ داۋۇد: «پاك بولغاندىن كېيىن» دېگەن سۆزنى زىيادە قىلغان، ئىسنادى سەھىھ. شۇنىڭغا ئاساسەن دەيمىزكى: ئىشەنچ بىلەن پاك بولغاندىن كىيىن يۈز بەرگەن مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئايالغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ، ئايالنى ناماز، روزا ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلىمەيدۇ. لېكىن تولۇق پاكلىقنى كۆرگۈچە ئالدىرىماسلىق كېرەك، چۈنكى بەزى ئاياللار ھەيز قۇرۇغاندىن كېيىن تولۇق پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇشقا ئالدىرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال ساھابىلەرنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىتىدىغان قان يۇقى پاختىلىرىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدىن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى سورايتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلارغا: «تولۇق ئاق نەرسىنى كۆرمىگۈچە ئالدىرماڭلار»دەيتتى. "ھەيز ھۆكۈملىرىدىن ئاتمىش سوئال" ناملىق ئەسەردىن 24-سوئال.

    سۆزىنىڭ خۇلاسىسى: ئاللاھ خالىسا سىزنىڭ قىلغان ھەججىڭىز سەھىھدۇر. سىزدىن كەلگەن بۇ ئاجرالمىلار ھەيزمۇ ئەمەس ۋە نىپاسمۇ ئەمەس.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى