جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھېچ بىر كىشىنىڭ مەلۇم بىر كېچىنى قەدىر كېچىسى دەپ تەيىن قىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ.

سۇئال

باشقا كېچىلەردە ئوقۇماي پەقەت قەدىر كېچىسىدە تەھەججۈت نامىزى ئوقۇسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: قەدىر كېچىسىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ پەزىلىتىنىڭ كاتتا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىندى، ئاللاھ تائالا بۇ كېچىنى مېڭ ئايدىن ياخشى دەپ زىكىر قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ كېچىدە ئاللاھنىڭ ساۋاپ بېرىش ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةِ الْقَدْرِ . وَمَا أَدْرَاكَ مَا لَيْلَةُ الْقَدْرِ . لَيْلَةُ الْقَدْرِ خَيْرٌ مِنْ أَلْفِ شَهْرٍ . تَنَزَّلُ الْمَلائِكَةُ وَالرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِمْ مِنْ كُلِّ أَمْرٍ . سَلامٌ هِيَ حَتَّى مَطْلَعِ الْفَجْرِ  تەرجىمىسى: بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق، شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟، شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر، پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن (زېمىنغا) چۈشىدۇ، شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر. [سۈرە قەدىر 1-5-ئايەتكىچە].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قەدىر كېچىسىدە ئاللاھنىڭ ساۋاپ بېرىش ۋەدىسىگە ۋە بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتىگە ئىشىنىپ، ئىخلاس بىلەن ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋاىيىتى 1901-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى  760-ھەدىس].

    ئىككىنچى: قەدىر كېچىسىنى بىكىتىشتە ئۆلىمالار بىر قانچە تۈرلۈك قاراشتا بولدى، ھەتتا پەتھۇل بارىيدا بايان قىلىنغاندەك قىرىق خىلدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ سۆزلەرنىڭ توغرىغا ئەڭ يېقىن بولغىنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ تاق كېچىلىرىدە بولىشىدۇر.

    ئائىشە رەھىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قەدىر كېچىسىنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن ئىزدەڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى 2017-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1169-ھەدىس].

    بۇخارى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى ئايرىم بىر باپ قىلىپ: "رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ تاق كېچىلىرىدە قەدىر كېچىسىنى ئىزدەشنىڭ بابى" دەپ ئاتىدى.

    قەدىر كېچىسىنىڭ ۋاقتىنى مەخپى قىلىشتىن بولغان ھېكمەت، مۇسۇلماننى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەت قىلىش، دۇئا قىلىش ۋە زىكىر-تەسبىھ ئېيتىشقا  پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بولۇپ، بۇ جۈمە كۈنى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى ئېنىق بېكىتمىگەن ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى پەقەت توقسان توققۇزغا بېكىتمىگەندىكى ھېكمەتنىڭ ئۆزىدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى توغرىسىدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ئۇ ئىسىم-سۈپەتلەرنى ئېسىدە تۇتسا، ئۇلۇغلىسا، تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلسا جەننەتكە كېرىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 2736-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2677-ھەدىس].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھنىڭ ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھنىڭ "  قەدىر كېچىسىنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن ئىزدەش"دېگەن سۆزىگە ئىشارەت قىلىپ، بۇنىڭدىن قەدىر كېچىسىنىڭ پەقەت رامىزان ئېيىدا بولىدىغانلىقى، ئاندىن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە بولىدىغانلىقى، ئاندىن ئۇ كېچىلەردىن تاق كېچىلەردە بولىدىغانلىقى ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر كېچىدە بولمايدىغانلىقىنى كۇچلاندۇرىدۇ، بۇ توغرىدا كەلگەن خەۋەرلەرنىڭ جۇغلانمىسىمۇ شۇنى كۇچلاندۇرىدۇ دەيدۇ". ["پەتھۇل بارى"4-توم 260-بەت].                                                                       يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: "قەدىر كېچىسىنى مەخپى قىلىشتىن بولغان ھېكمەت، بۇ كېچىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىش دېمەكتۇر، ئەگەر مۇئەييەن بىر كېچىنى بىكىتىۋەتسە بۇ كېچىنى تېپىشقا ھېچ قانداق تىرىشچانلىق كەتمەيدۇ. يۇقىرىدا جۈمە كۈنىدە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنىڭ مەخپى قىلىنغانلىقىغا ئوخشاشتۇر". ["پەتھۇل بارى" 4-توم 266-بەت].

ئۈچىنچى: شۇنىڭغا ئاساسەن بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ كېچە توغرىسىدا ئۈممىتىگە خەۋەر بېرىش ئۈچۈن چىققانلىقىنى، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كېچىنىڭ ئىلمىنى كۆتىرۋەتكەتلىكىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە ھېچ كىشىنىڭ رامزاندىن مەلۇم بىر كېچىنى قەدىر كېچىسى دەپ تەيىن قىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ.

ئۇبادەتە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى قەدىر كېچىسى توغرىسىدا خەۋەر بېرىش ئۈچۈن چىققاندا، مۇسۇلمانلاردىن ئىككى كىشىنىڭ تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە قەدىر كېچىسى توغرىسىدا خەۋەر بېرىش ئۈچۈن چىققان ئىدىم، مۇسۇلمانلاردىن پالانى ۋە پالانى تالاش-تارتىش قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ ئىلمى كۆتۈرلۈپ كەتتى، بۇنداق بولىشى سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، بۇ كېچىنى ئاخىرقى ئون كۈننىڭ بەشىنچى، يەتتىنچى ۋە توققۇزىنچى كېچىلىرىدىن ئىزدەڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى 49-ھەدىس].

    دائىمىي كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ:"رامزاندىن مەلۇم بىر كېچىنى قەدىر كېچىسى دەپ بېكىتىش بولسا بۇنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان دەلىل-ئىسپاتقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەمما ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن ئىزدەش بولسا باشقىلىرىدىن بەك لايىقتۇر، يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسى بولسا قەدىر كېچىسى دېيىشكە باشقا كېچىلەردىن بەك لايىقتۇر، چۈنكى بىز سۆزلىگەن بۇ كېچىلەر توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىنغان". ["ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى"10-توم 413-بەت].

    شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ مەلۇم بىر كېچىسىنى قەدىر كېچىسى دەپ بېكىتىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا كەسكىن بولمىغان بىر ئىشنى كەسكىنلەشتۈرگەنلىك كېلىپ چىقىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى كۆپ ياخشىلىقتىن مەھرۇم قويىدۇ، قەدىر كېچىسى بەزى يىگىرمە بىرىنچى كېچىسى ياكى يىگىرمە ئۈچىنچى كېچىسى ياكى يىگىرمە توققۇزىنچى كېچىسى بولىشى مۇمكىن، ئەگەر يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسىنى قەدىر كېچىسى دەپ شۇ كېچىدىلا تۇرۇپ، باشقا كېچىلەردە تۇرمىسا، نۇرغۇن ياخشىلىقنى يوق قىلىۋېتىدۇ ۋە شۇ بەرىكەتلىك كېچىگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم بىر كېچىنى قەدىر كېچىسى دەپ بېكىتىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ كېچە كەسكىن بېكىتىلمىگەن، مۇسۇلمان كىشى رامىزاننىڭ ھەممىسىدە بولۇپمۇ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئاللاھقا قىلىدىغان تائەت-ئىبادەتكە بەك تىرىشچانلىق قىلىشى كېرەك. بۇ بولسىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر.

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىبادەتكە تىرىشچانلىق قىلىپ، كېچىلەرنى تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ ئىبادەتكە ئويغىتاتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 2024-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1174-ھەدىس].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى