شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

دۇكاننى تەييار قىلىشقا سەرپ قىلغان پۇلغا ۋە يوقاپ كەتكەن ماللارغىمۇ زاكات ۋاجىپ بولامدۇ؟

سۇئال

مېنىڭ تىجارەت قىلىدىغان دۇكىنىم بولۇپ، ئۇنىڭدا (80000) رىياللىق سايمان بار، كىشىلەردىن ئالىدىغان (80000) قەرز بار، ئالتە ئاي ئىلگىرى بۇ دۇكانغا ئوت كەتتى، دۇكاننى رېمونت قىلىش بىلەن مالنى يېڭىلاشقا (40000) رىيال پۇل كەتتى، ئۇنىڭدىن (35000) دۇكاندىن ھەر ئايدا ئۆتەيمىز. مېنىڭ بىرىنچى سوئالىم: بىز ئوت كېتىشتىن بۇرۇن دۇكاندا بار بولغان سايمانلارنىڭ ھەممىسىنى ھېسابلاپ ئۇنىڭغا زاكات بېرىمىزمۇ؟(يەنى تولۇق خىراجەتكە قەرزنى قېتىپ، ئۇنىڭدىن يېڭىلاش ھەققىنى چىقىرىۋېتىپ، ئاشقىنىغا زاكات بىرىمىزمۇ؟).

    ئىككىنچى سوئال: يېڭىلىغىلى بىر يىل بولمىدى، بىر يىل بولمىسىمۇ زاكات بېرىمىزمۇ؟ ياكى كىشىلەردىن ئالىدىغان قەرزنى قېتىپ دۇكاننىڭ ھەممىسىگە زاكات بېرىمىزمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     تىجارەت ئورۇنلىرىدا مەۋجۇت بولغان نەرسىلەر ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ:

   بىرىنچى قىسىم: تىجارەتكە تەييارلىغان نەرسىلەر زېمىن بولسۇن، يېمەكلىك ماددىلىرى بولسۇن، كېيىم-كىچەك ۋە باشقا سېتىلىدىغان نەرسىلەر.

    ئىككىنچى قىسىم: تىجارەتكە تەييارلانمىغان بەلكى ئىشلەپ چىقىرىش ياكى ئىشلىتىلىدىغان زاۋۇت سايمانلىرى، ماشىنىلار، ئۆي جاھازلىرى، پوتۇسۈرەت سايمانلىرى، ھېسابلاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلار. 

    بىرىنچى قىسىم: تىجارەت ماللىرى دېيىلىدۇ، ئۇنىڭغا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ، ئىككىنچى قىسىم: تۇراقلىق مۈلۈك دېيىلىدۇ، بۇنىڭغا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ.

    ئىلگىرى42072-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تىجارەت ماللىرىغا زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، ئۇنىڭدا زاكاتنىڭ ئۆلچىمىمۇ بايان قىلىنغان، سېتىشقا تەييارلانمىغان تۇراقلىق ماددىلارغا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ.

   22449- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تىجارەت ماللىرىدىن زاكاتنى چىقىرىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى پەقەت نەخ پۇللا چېقىرىشنىڭ ۋاجىپ بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

    تىجارەت ماللىرىدا زاكات ھېسابىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن 26236- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن، ئۇنىڭدا تىجارەت ماللىرىغا كېلىدىغان زاكاتنىڭ سېتىۋالغان باھاغا ئەمەس بەلكى سېتىش باھاسىغا كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: دۇكىنىڭىزدىن زاكات ئايرىيدىغان ۋاقىت كەلگەندە، تىجارەت ئورنىدا بار بولغان ماللارنى ئايرىسىز ئۇنى بار بولغان نەخ پۇلغا قاتىسىز، ئۇنىڭغا ئېلىش مۇمكىن بولىدىغان قەرزلەرنى قاتىسىز، ئۇنىڭدىن 2.5% مىقدارىدا ھەممىسىنىڭ زاكىتىنى ئايرىسىز.

    ئەمما ھازىرچە ئېلىش مۇمكىن بولمايدىغان قەرزلەر بولسا ياكى قەرزدار كەمبەغەل بولسا، ئۇنى تاپشۇرۇپ ئالمىغۇچە ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ، تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن شۇ كۈندىن باشلاپ ھېسابلاپ بىر يىل ھېسابلايسىز، ئېھتىياتەن تاپشۇرۇپ ئالغاندا گەرچە بىر قانچە يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭدىن بىر يىللىق زاكاتنى ئايرىۋەتسىڭىز ياخشى بولىدۇ. بۇ ھەقتە 1346- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىغا كۆرە، سىزنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان قەرزىڭىز بولسا ئۇنى ئادا قىلمىغان بولسىڭىز ئۇنى زاكات بېرىدىغان مالدىن ئايرىۋەتمەستىن زاكىتىنى بېرىسىز. بۇ ھەقتە 22426- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    تىجارەت ئورنىدا كۆيۈپ كەتكەن مال ھازىر بار بولغان مالغا قېتىلمايدۇ.  دۇكانغا ئوت كەتكەندىن كېيىن يېڭىلاش ئۈچۈن قىلغان نەرسىلەر دۇكان سايمانلىرى، دىكۇر ۋە تۇراقلىق نەرسىلەر بولسا، بۇنىڭغا زاكات كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى بايان قىلدۇق، بۇ تىجارەت ئورنىدا مەۋجۇت بولغان زاكات بېرىدىغان ماللار بىلەن بىرگە ھېسابلانمايدۇ. دۇكاننىڭ پۇلىدىن سېتىۋالغان ماللار سېتىلغان بولۇپ ئۇنىڭدىن پايدا چىققان بولسا، ئۇ پايدىغا يىل توشمىغان بولسىمۇ ئومۇمى مال بىلەن قېتىپ ئۇنىڭ زاكىتى بېرىلىدۇ، ئەگەر دۇكاننىڭ پۇلىدىن باشقا بىر پۇلغا مال سېتىۋالغان بولسا ئۇنىڭغا يىلنىڭ توشىشى ئۇنى سېتىۋالغان پۇلغا يىلنىڭ توشىشىدۇر، ئۇ مالنىڭ يىلى ئاشۇ پۇلنىڭ يىلىغا ئاساسەن توشىدۇ.

     ئاللاھ تائالادىن سىزگە ياخشىلىقنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشىنى ۋە سىزگە گۈزەل، ھالال رىزىق بېرىشنى سورايمىز.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى