سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

بىدئەت دېگەن نېمە؟ تەراۋىھ نامىزىنى زىيادە ئوقۇشنىڭ ھۆكمى قانداق؟

سۇئال

بىدئەتنى ئىنچىكە تونۇش مۇمكىن بولامدۇ؟، بۇ ئىش مېنى بەك تەشۋىشكە سىلىپ قويدى، تەراۋىھ نامىزىنى سەككىز رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇشىمىزمۇ بىدئەت بولامدۇ؟ چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن ئارتۇق ئوقۇمىغان تۇرسا؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىدئەت دېگەن سۆز لۇغەتتە بىر قانچە مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ: ئىلگىرىكى ئۆرنەكسىز بىر نەرسىنى پەيدا قىلىش، بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ:  بَدِيعُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَإِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُن فَيَكُونُ  تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئاسمانلار ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر. بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، ۋۇجۇدقا كەل دەيدۇ - دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 117-ئايەت].

    شەرئى ئىستىلاھتا بىدئەتتىن: ئاللاھنىڭ دىنىدا ئومۇمى ۋە خۇسۇسى تەرەپتىن ھېچ قانداق ئەسلى بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىش دېمەكتۇر. بۇنىڭ مىسالى: ئاللاھ، ئاللاھ، ئاللاھ دەپ يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ياكى ھۇ، ھۇ، ھۇ دەپ ئىسىمگە قايتىدىغان ئالماش بىلەن ئاللاھنى زىكىر قىلىدىغان ئىشلار بىدئەت زىكىر بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش مەقسەت قىلىپ دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان يېڭى ئىشتۇر، بۇ شەكىلدە زىكىر ئېيتىشقا ئومۇمى ياكى خۇسۇسي بىر شەكىلدە ھېچ بىر دەلىل يوقتۇر، ئۇنداق بولىدىكەن بۇ بىدئەت بولىدۇ.

     تەراۋىھ نامىزىنى سەككىز رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇش بولسا: سەھىھ ھەدىسلەردە ئىسپاتلانغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆپ ۋاقىتلاردا ئۈزۈلدۈرمەي ئادا قىلغان كېچىلىك نامىزى بولسا ئون بىر رەكەت بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆپ ۋاقىتلاردا ھەر ئىككى رەكەتتە سالام بېرىپ سەككىز رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ئۇنىڭغا يەنە ئىككى رەكەت قېتىپ ئوقۇيتتى، ئاندىن بىر رەكەت ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەزى ۋاقىتتا ئون ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، بۇ ئائىشە ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ھەدىسىدە ئىسپاتلانغان. بۇنىڭدىن ئارتۇق ئوقۇش دۇرۇس بولسىمۇ لېكىن ئۇ سۈننەتكە خىلاپتۇر، ئارتۇق ئوقۇشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزى ئىپادىلەيدۇ: كېچىلىك ناماز ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەتتىن بولىدۇ دېدى لېكىن ئۇنىڭ سانىنى بىكىتمىدى.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد