شەنبە 23 رەبىئۇسسانى 1446 - 26 ئۆكتەبىر 2024
Uygur

كىيىم-كېچەكلەرنى سېتىۋالغۇچى ھالالغا ئىشلىتەمدۇ ياكى ھارامغىمۇ بۇنى بىلمەي تۇرۇپ سېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا؟

سۇئال

تىجارەت مەركىزىدە ئەرەنچە ۋە ئايالچە كىيىم-كېچەكلەرنى سېتىش دۇكىنىم بار، مەن سېتىش دۇرۇس بولىدىغان كىيىم-كېچەكلەر ۋە سېتىۋالغۇچىنىڭ بۇ كىيىم-كېچەكلەرنى ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلار ئۈچۈن سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلسە ئۇ كىشىگە سېتىشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى ئوقۇدۇم، لېكىن تىجارەتچى ياكى دۇكان خىزمەتچىسى سېتىۋالغۇچىنىڭ بۇ كىيىملەرنى ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟. ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىنىڭ نېمە ئىشلارغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان تۇرسا؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

دۇكانلاردا سېتىلىدىغان ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ھالەتتىن خالى بولمايدۇ:

بىرىنچى: كىيىم ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىنى بۇ كىيىملەرنى ئاساسەن دۇرۇس ئىشلارغا قوللىنىدۇ دەپ بىلسە ياكى شۇنداق قارىسا، سېتىۋالغۇچى گەرچە ئۇنى ھارام ئىشلارغا ئىشلەتسىمۇ بۇنى سېتىش دۇرۇس بولىدۇ.

ئىككىنچى: كىيىم ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىنى بۇ كىيىملەرنى ئاساسەن دۇرۇس بولمايدىغان ئىشلارغا قوللىنىدۇ دەپ بىلسە ياكى شۇنداق قارىسا، يەنى: ئايال يات ئەرلەر بار سورۇندا بۇ كىيىملەرنى كىيىپ ياسىنىپ يۈرۇيدىغان بولسا  بۇ ئايالغا ئۇ كىيىملەرنى سېتىش ھارام بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلا تَعَاوَنُوا عَلَى الإثْمِ وَالْعُدْوَانِ ‏ تەرجىمىسى: «گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

ساتقۇچى كىيىمنىڭ تۈرى ۋە سېتىۋالغۇچى ئايالنىڭ يۈرۈش-تۇرىشىغا كۆرە، نېمە ئۈچۈن سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلىشى مۇمكىن.

بەزى كىيىملەر بولۇپ، ئادەتتە ئايال ھەر قانچە يېرىم يالىڭاچ كىيىنىدىغان بولسىمۇ، ئۇنداق كىيىملەرنى پەقەت ئېرىنىڭ يېنىدىلا كىيىدۇ، ئۇ كىيىمنى كېيىپ يات ئەرلەر بار سورۇنغا چېقىشى ھەرگىز مۇمكىن بولمايدۇ. يەنە بەزى كىيىملەر بولۇپ ساتقۇچى بۇ كىيىملەرنى سېتىۋالغۇچىنىڭ بۇنى ھارام ئىشلار ئۈچۈن قوللىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ياكى جەزىم قىلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىم-كېچەك ساتقۇچى ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن سېتىۋالغۇچىنىڭ بۇنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىشى زۆرۈر بولىدۇ.

بەزى كىيىملەر بولۇپ بۇنى ھارام ئىشقىمۇ ۋە ھالال ئىشقىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ئاياللار ئىپپەتلىك كېيىنىپ، ھىجاپلىرىغا ئورايدىغان بولسا ياكى بۇنداق كىيىملەرنى ئوچۇق-ئاشكارا كىيىشتىن چەكلىنىدىغان بولسا، بۇنداق كىيىملەرنى ساتسا بولىدۇ.

ئۈچىنچى: كىيىم ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىنىڭ بۇ كىيىمنى ھالال ئىشلار ئۈچۈن قوللىنامدۇ ياكى ھارام ئىشلار ئۈچۈن قوللىنامدۇ؟ بۇنى بىلەلمىگەن بولسا، كىيىم ھەر ئىككى ھالەت ئۈچۈن قوللىنىشقا يارايدىغان بولسا، ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنى كۇچلاندۇرىدىغان پرىنسىپ -دەلىل بولمىسا، بۇ تۈردىكى كىيىملەرنى سېتىش دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى ئەسلى قائىدە سودىنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى، ھارام ئەمەسلىكىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ  تەرجىمىسى: «ھالبۇكى ئاللاھ سودا ـ سېتىقنى ھالال قىلدى» [سۈرە بەقەرە 275-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

كىيىمنى سېتىۋالغان كىشى بۇنى ئاللاھ تائالا ھالال قىلغان ئىشلار ئۈچۈن قوللىنىشى كېرەك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلار ئۈچۈن قوللىنىش توغرا بولمايدۇ.

تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان پەتىۋالار بەزى ئالىملارنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغان قارىشىنى كۈچلەندۈرىدۇ:

دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: ئاياللارنىڭ زىبۇ-زىنەتلىرىنى سېتىش تىجارىتى قىلىشنىڭ ھۆكمى، ساتقۇچى دۇكاندىن سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۇ زىبۇ-زىننەتلەرنى كوچىلاردا يات كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تاقايدىغانلىقىنى بىلسە، شۇنداقلا بەزى يۇرتلاردا بۇ ئومۇملىشىپ كەتكەنلىك توغرىسىدا سورالغاندا؟، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: ” ساتقۇچى دۇكاندىن سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۇ زىبۇ-زىننەتلەرنى ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان-چەكلىگەن شەكىلدە قوللىنىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇنداق كىشىگە سېتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ، ئەگەر ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمىسە ياكى كۆرۈنۈشىدىن يولدىشى ئۈچۈن زىننەتلىنىدىغانلىقىنى بىلسە ئۇنداق كىشىلەرگە ساتسا توغرا بولىدۇ”. [“سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى” 13-توم 67-بەت].

يەنە دائىمىي كومىتېتي ئالىملىرىدىن: ئاياللارغا خاس بولغان گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىشنىڭ ھۆكمى، ئۇنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىپ، يېرىم-يالىڭاچ يۈرۇيدىغان، يەنى ئېرىنىڭ غەيرى ئۈچۈن گىرىم قىلىدىغان پاجىر-پاسىق ئاياللار ئىكەنلىكى توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: “ئەمەلىي ۋەقەلىك سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، بۇنداق ھالەتتىكى ئاياللارغا گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ تۈردىكى قىلمىشلاردىن چەكلەپ مۇنداق دېگەن: وَلا تَعَاوَنُوا عَلَى الإثْمِ وَالْعُدْوَانِ  تەرجىمىسى: «گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت]. “سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى” 13-توم 105-بەت.

يەنە دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: ئاياللارغا خاس بولغان تۈرلۈك شەكىلدىكى پادىچىلار ئىشتىنى ۋە سوزما ئىشتانلارنى ، بىر تو بولغان تار كوپتا يوپكىلارنى ۋە ئىگىز پاشنىلىق ئاياغلارنى شۇنىڭدەك ئاياللار قوللىنىدىغان تۈرلۈك چاچ بوياقلىرى، ئاياللارنىڭ نىپىز كىيىملىرىنى ۋە يىرىم-يالىڭاچ كىيىدىغان كالتە يەڭ، قىسقا مۇراسىم كىيىملىرىنى ۋە قىسقا يوپكىلارنى سېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: “ئومۇمەن چەكلەنگەن ئىشلارغا قوللىنىش ياكى كۈچلۈك گۇماندا شۇنداق قىلىدۇ دەپ قارالسا، ھەقىقەتەن بۇنداق نەرسىلەرنى ئىشلەپ چېقىرىش، سىرتتىن كەلتۈرۈش، سېتىش ۋە مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىدە كەڭ تارقىتىش ھارام بولىدۇ ۋە چەكلىنىدۇ. شۇنىڭ جۈملىسىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى ئاياللاردا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللاردىن: (ئاللاھ ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىغاي) نىپىز، تار، قىسقا كىيىملەرنى كىيىش، بۇنىڭ ھەممىسى: ئۆزىنىڭ بەدەن پىگۇرلىرىنى، زىبۇ-زىننەت، گىرىملىرىنى يات ئەرلەرگە ئاشكارا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.  شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ھەر قانداق كىيىمنى توغرا بولمىغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن شەكىلدە كىيىدىغانلىقى بىلىنسە ياكى شۇنداق قىلىدۇ دېگەن كۈچلۈك گۇماندا بولسا، بۇنى سېتىش ۋە تىكىپ تەييار قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭ جۈملىسىدىن؛ ھاراق ئىچىدىغانلىقى ئېنىق بولغان كىشىگە نان بىلەن گۆش سېتىپ بېرىشمۇ توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ھاراق سورۇنى ۋە پاھىشە ئىشلارغا قوللىنىدىغان كىشىگە شامالدۇرغۇچ دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىشمۇ توغرا بولمايدۇ. خۇلاسە: ئەسلىدە ساتسا دۇرۇس بولىدىغان نەرسىلەرنى گۇناھ-مەسىيەتكە ئىشلىتىدىغان كىشىلەرگە سېتىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ”.

ھەر بىر مۇسۇلمان تىجارەتچىنىڭ ھەقىقى رەۋىشتە ئاللاھدىن قورقۇشى، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا نەسىھەت قىلىشى، پەقەت كىشىلەرگە مەنپەئەتلىك ياخشى بولغان نەرسىلەرنى ئىشلەپ چىقىرىشى ۋە سېتىشى كېرەك بولىدۇ. كىشىلەرگە زېيىنى يېتىدىغان ۋە يامانلىققا ۋاسىتە بولىدىغان نەرسىلەرنى تەرك قىلىشى، ھالال نەرسىلەر بىلەن ھارامدىن بىھاجەت بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَل لَّهُ مَخْرَجًا، وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ.» [سۈرە تالاق 2-3-ئايەتلەر].

بۇ شەكىلدە نەسىھەت قىلىش بولسا ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالْمُؤْمِنُونَ وَالْمُؤْمِنَاتُ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ يَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ  تەرجىمىسى: «مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر ـ بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ» [سۈرە تەۋبە 71-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «دىن سەمىمىيەتتۇر، دېگەندە، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىم ئۈچۈن؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كىتابى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن، مۇسۇلمان يېتەكچىلەر ئۈچۈن ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، دېدى» [بۇ ھەدىسنى مۇسلىم سەھىھ كىتابىدا كەلتۈرگەن].

جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ بەجەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نامازنى بەرپا قىلىش، زاكاتنى تولۇق ئادا قىلىش، ھەر قانداق مۇسۇلمانغا سەمىمىي بولۇش ۋە نەسىھەت قىلىشقا بەيئەت قىلدىم» [بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزىدىن بولغان مەقسەت: بىر ئىنساننىڭ ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا گۆش بىلەن نان سېتىپ بېرىشنى ياقتۇرمىغانلىقى، بۇنداق قىلىشنىڭ ھارام بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. يەنە بىر ئورۇندىكى پەتىۋاسىدىمۇ بۇ ئوچۇق بايان قىلىنغان. [“سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى” 13-توم 109-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى