سەيشەنبە 3 رەبىئۇسسانى 1440 - 11 دىكابىر 2018
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تارقىتىلغان يېمەكلىكنى يېيىش توغرىسىدا

سۇئال

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تارقىتىلغان يېمەكلىكنى يېيىش توغرىمۇ؟ چۈنكى بەزى كىشىلەر بۇنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەپ، ئەبۇ لەھەب پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە بىر دېدەكنى ئازاد قىلىۋەتكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن شۇ كۈندە ئازابنى يەڭگىللەتكەن دەيدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئىسلام شەرىئىتىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەيدىغان بىر پائالىيەت يوق، ساھابىلار ۋە تابىئىنلار، تۆت مەزھەپ ئىماملىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا ئىسلام ئالىملىرى ئىسلام دىنىدا بۇنداق بىر كۈننىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى. ھەقىقەتەن بۇ تۇغۇلغان كۈن پائالىيىتىنى جاھىل باتىنىيە پىرقىسىدىن بولغان بىر قىسىم بىدئەتچىلەر پەيدا قىلغان، ئاندىن ئىنسانلار بۇ بىدئەتكە ئەگىشىپ كەلدى. يېتەكچى ئۆلىمالار ھەرزامان ۋە ھەر جايدا بۇ بىدئەت پائالىيەتنى ئىنكار قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. بۇ بىدئەتنىڭ تەپسىلاتى 10070-ۋە 13810-ۋە 70317- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

    ئىككىنچى: سوئال سورىغان قېرىندىشىمىزغا: كىشىلەرنىڭ مۇشۇ كۈنگە خاس قىلىۋالغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ۋە يېمەك تارقىتىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شەرىئىتىمىزدە چەكلەنگەن بىدئەت ئىشنى راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

    شەيخ پەۋزان: "بەزى كىتابلاردىكى خاتالىقلارنى بايان قىلىش" ناملىق رىسالىسىنىڭ 268-270-بەتلىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان-ھەدىستە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى يولغا قويغان پرىنسىپقا ئەگىشىش، دىندا بىدئەت پەيدا قىلىشتىن چەكلىنىش توغرىسىدا كەلگەن بۇيرۇقلار ھېچ كىشىگە مەخپى ئەمەس . بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُلْ إِنْ كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ  تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ.» [سۈرە ئال-ئىمران 31-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  اتَّبِعُواْ مَا أنزل إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ وَلاَ تَتَّبِعُواْ مِن دُونِهِ أَوْلِيَاء قَلِيلًا مَّا تَذَكَّرُونَ  تەرجىمىسى: «(ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، ئاللاھنى قويۇپ، (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز ـ نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر.» [سۈرە ئەئراپ 3-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَأَنَّ هَذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ وَلاَ تَتَّبِعُواْ السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَن سَبِيلِهِ  تەرجىمىسى: «بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، (ناتوغرا) يوللاردا ماڭماڭلار. ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ.» [سۈرە ئەنئام 153-ئايەت].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەڭ راست سۆز ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، ئەڭ ياخشى يول مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر، ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشلاردۇر.» [نەسائىي رىۋايىتى].

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىزنىڭ بۇ دىنىمىزدا يوق ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].

  يەنە بىر رىۋايەتتە: «كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا يوق ئىشنى قىلىدىكەن بۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

   رەبىئۇل ئەۋۋەل(ھىجىرىيە ئۈچىنچى ئاي) ئېيىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش كىشىلەر پەيدا قىلغان دىندا ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەت ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر، بۇ بايرام توغرىسىدا كىشىلەر بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ:

    بەزى كىشىلەر بۇ كۈندە توپلىنىپ پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيەلەيدىغان سۆزلەرنى  ئوقۇيدۇ ياكى مۇشۇ كۈنگە مۇناسىۋەتلىك قەسىدە ۋە لىكسىيىلەرنى سۆزلەيدۇ.

    بەزى كىشىلەر بۈ كۈندە، يىمەكلىك ۋە تاتلىق تۈرۈملەرنى تەييار قىلىپ ھازىر بولغانلارغا تەقدىم قىلىدۇ.

   بەزى كىشىلەر مەسچىتلەردە، يەنە بەزى كىشىلەر ئۆيلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.

   بەزى كىشىلەر يۇقىرىقى پائالىيەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى بۇ پائالىيەتكە ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشى، ئۇسۇل-ساما، مۇزىكا دېگەندەك چەكلەنگەن مۇنكەر ئىشلارنى ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلىشنى تىلەپ ياردەم سوراش دېگەندەك شېرىك ئىشلارنى سادىر قىلىدۇ.

    بۇ پائالىيەت بارلىق تۈرلىرى، ھەرخىل شەكىللىرى ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارغۇچىنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن شەك-شۈبھىسىز سائادەت دەۋرىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن پەيدا بولغان چەكلەنگەن بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

    ئىبنى كەسىر ۋە ئىبنى خەلكان قاتارلىق تارىخچى ئالىملارنىڭ بايانىغا كۆرە، بۇ پائالىيەتنى تۇنجى قېتىم پەيدا قىلغان كىشى ھىجىرىيە ئالتىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە يەتتىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ئىربىلنىڭ پادىشاھى مۇزەپپەر ئەبۇ سەئىد كۆك بۆرە دېگەن پادىشاھدۇر.

    ئەبۇ شامە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ پائالىيەتنى موسىلدىكى مەشھۇر سالىھلارنىڭ بىرى بولغان شەيخ ئۆمەر ئىبنى مۇھەممەد موللا دېگەن كىشى بولۇپ، ئىربىلنىڭ پادىشاھى ۋە باشقا كىشىلەرمۇ بۇ كىشىگە ئەگىشەتتى.

    ھاپىز ئىبنى كەسىر "ئەلبىدايە" ناملىق ئەسىرى 13-توم 137-بەتتە ئەبۇ سەئىد كۆك بۆرىنىڭ تەرجىمىھالى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ كىشى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا كەڭ كۆلەملىك تۇغۇلغان كۈن (مەۋلۇت)پائاليىتى ئېلىپ باراتتى، دەپ كېلىپ، سىبت مۇنداق دېگەن: بەزى مەۋلۇت پائالىيىتىدە مۇزەپپەرنىڭ سورۇنىغا ھازىر بولغانلار مۇنداق دەيدۇ: ئۇ دەستۇرخانغا كاۋاپ قىلىنغان بەش مىڭ قوي، ئون مىڭ توخۇ، يۈزمىڭ تاۋاق ئاش، ئوتتۇز مىڭ تەخسە تاتلىق تۈرۈم قاتارلىق نەرسىلەرنى ھازىرلايتتى، سوپىلار پېشىندىن بامداتقىچە ساما قىلاتتى، مۇزەپپەرمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سەما  سالاتتى.

ئىبنى خەلكان "مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ۋاپاتى" ناملىق ئەسىرى 3-توم274-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: سەپەر ئېيى كىرگەندىن كېيىن گۈمبەزلەرنى تۈرلۈك ئېسىل زىنەتلەر بىلەن زىنەتلەيتتى، ھەر بىر گۈمبەزگە بىر كىچىك مۇزىكا ئەترىتى، ئۇسسۇلچىلار ۋە سازچىلارنى ئولتۇرغۇزاتتى، گۈمبەزلەردىن ھېچ بىرىنى چالا قويماي ئۇنىڭغا مۇزىكا ئەترەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇراتتى.

     ئۇنداقتا بىدئەتچىلەرنىڭ بۈ كۈننى جانلاندۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ئىشلىرى، ھەرخىل شەكىلدىكى تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى تەييار قىلىپ تارقىتىش، ئۇنىڭغا كىشىلەرنى دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇسۇلمانلار مۇشۇ ئىشقا ئورتاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىمەكلىرىنى يېسە، دەستۇرخانلىرىغا ھازىر بولسا، شەك-شۈبھىسىز بىدئەتنى جانلاندۇرۇش ۋە تۇرغۇزۇشقا ياردەملەشكەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَتَعَاوَنُواْ عَلَى الْبرِّ وَالتَّقْوَى وَلاَ تَعَاوَنُواْ عَلَى الإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ  تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار.» [سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار شۇ كۈندە تارقىتىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىدئەت پائالىيەتلەردە تارقىتىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ھارام دەپ پەتىۋا بەردى.

     شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن "پەتىۋالار توپلىمى" ناملىق ئەسەردنىڭ 9-توم 74-بېتىدە: "مەۋلۇت كۈنىدە بوغۇزلانغان ماللارنى يېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مال مەۋلۇت ساھىبى ئۈچۈن بوغۇزلانغان بولسا، بۇ چوڭ شېرىك بولىدۇ، ئەمما ئۆزلىرى يېيىش ئۈچۈن بوغۇزلىغان بولسا، ھېچ ئىش بولمايدۇ لېكىن بۇنى يېمەسلىك تەلەپ قىلىنىدۇ، مۇسۇلمان ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ئاغزاكى ۋە ئەمەلىي ئىنكار قىلىپ بۇ سورۇنغا ھازىر بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر يېمەك-ئىچمەكلىرىگە ئورتاقلاشماستىن ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن ئۇ سورۇنغا ھازىر بولسا بولىدۇ". بۇ توغرىدا ئىلگىرى بەزى پەتىۋالار بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن 7051- ۋە485-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش