جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

جۇنۇپ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

97098

تارقاتقان ۋاقىت : 30-06-2018

كۆرگۈچىلەر : 2458

سۇئال

جۇنۇپلۇق ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئىنساننىڭ جۇنۇپلۇق ھالەتتە ۋاپات بولىشى ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ياكى ئېھتىلام بولۇش قاتارلىق يوللۇق سەۋەپ بىلەن بولغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ دىنىنىڭ ئاجىزلىقى ياكى ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ.

    ھەنزەلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جۇنۇپ ھالەتتە شېھىت بولدى، ئۇنى پەرىشتىلەر يۇدى، ئۇنىڭ بۇ ۋەقەلىكى بەك مەشھۇر. ئىبنى ئىسھاق ۋە باشقا تارىخچىلار  بايان قىلغان، ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھمۇ"پەزۇلبارى"دا شۇنداق دېگەن.

    تەبرانى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلغان رىۋايىتىدە، ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ جۇنۇپلۇق ھالىتىدە شېھىت بولغان دېگەننى كەلتۈرگەن، ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئەسەرنىڭ ئىسنادىدا ھېچ گەپ يوق دېگەن.

    ئىككىنچى: بىر كىشى جۇنۇپ ھالەتتە ۋاپات بولغان بولسا ياكى بىر ئايال ھەيزدار ھالەتتە ۋاپات بولغان بولسا، ئۇ كىشى بىر قېتىم يۇيۇلىدۇ، مېيىتنى يۇيۇشنىڭ ئۆزى ھەيز ۋە جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشقا كۇپايە قىلىدۇ.

   چۈنكى ئۇ كىشىدە يۇيۇنۇشىنىڭ ئىككى سەۋەبى تېپىلدى: جۇنابەت ياكى ھەيز ۋە ئۆلۈمدىن ئىبارەت، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قېتىم يۇسا كۇپايە قىلىدۇ، بۇ خۇددى تەرەت ئىلىشنىڭ: يەل چېقىپ كېتىش، كېچىك تەرەت، ئېغىر ئۇيقا قاتارلىق بىرقانچە سەۋەپلىرى تىپىلسا ئۇنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن بىر قېتىم تاھارەت ئالسا كۇپايە قىلىدۇ. ["كەششاپۇلقەننا" نامىلىق ئەسەر 2 -توم 87-بەتكە قارالسۇن].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇئ"5-توم 123-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ مەزھىبىمىزدە، جۇنۇپ ياكى ھەيزدار ئايال ئۆلۈپ كەتسە، بىر قېتىم يۇيۇلىدۇ، ھەسەن بەسەرىدىن باشقا بارلىق ئۆلىمالار مۇشۇنداق دېگەن، ھەسەن بەسەرى: ئىككى قېتىم يۇيۇلىدۇ دېگەن، ئىبنى مۇنزىر: بۇ سۆزنى ھەسەن بەسەرىدىن باشقا ھېچ كىشى دېمىگەن دەيدۇ".

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى