جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

مۇساپىر نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟

سۇئال

مەن بىر ئاي ئەتراپىدا سىرىتقا سەپەرگە چىقماقچى، بۇ جەرياندا نامازنى ئەڭ ئاسان شەكىلدە ئادا قىلىشنىڭ يوللىرىنى بىلىشنى خالايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەگەر سىز سەپەر قىلىپ بارىدىغان يۇرتتا تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرماقچى بولسىڭىز، سىز شۇ يۇرتقا كىرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ مۇقىمنىڭ ھۆكمىدە بولۇپ نامازنى تولۇق ئوقۇشىڭىز كېرەك بولىدۇ، قەسىر ئوقۇش توغرا بولمايدۇ.

سەپەر جەريانىدا نامازنى قەسىر ئوقۇيسىز، تۇرىدىغان يۇرتقا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن نامازنى تولۇق ئوقۇيسىز، چۈنكى سىز ئۇ يەردە مۇقىمنىڭ ھۆكمىدە بولىسىز.

    دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى 8-توم 99-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "نامازنى قەسىر ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنغان سەپەر بولسا، ئادەتتە كىشىلەر سەپەر دەپ ئېتىبارغا ئالىدىغان مۇساپە بولىشى كېرەك. ئۇنىڭ مۇساپىسى نورمالدا سەكسەن كىلومىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، مۇشۇ مۇساپە مىقدارىدا ياكى بۇنىڭدىن ئۇزۇراقراق مۇساپدە سەپەر قىلىدىغان كىشى ئۈچۈن سەپەرنىڭ رۇخسىتى ېرىلىدۇ، پۇتىغا كەيگەن ئۆتۈك-پايپاقلىرىغا ئۈچ كېچە-كۈندۈز مقداردا مەسھى قىلىشى، ئىككى نامازنى جەم قىلىپ بىرگە ئوقۇشى ۋە رامىزان كۈنلىرى بولسا ئىپتار قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ، ئەگەر بۇ كىشى ئۆزى سەپەر قىلىپ بارغان يۇرتتا تۆت كۈندىن ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا يەنىلا مۇساپىرنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، ئەمما تۆت كۈن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلسا، ئۇ كىشى ئۇ ۋاقىتتا مۇقىمنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. ئەمما ئۆزى سەپەر قىلغان يۇرتتا قانچىلىك تۇرۇشنى ۋە ئىشىنىڭ قاچان تۇگەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن ۋە تۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت بىكىتمەيدىكەن، بۇ كىشى ئۇ يۇرتتا قانچىلىك تۇرۇپ قالسا تۇرغان مۇددەتتە نامازنى قەسىر ئوقۇيدۇ، بۇ ھۆكۈمدە قۇرۇقلۇقتا سەپەر قىلغان كىشى بىلەن دېڭىزدا سەپەر قىلغان كىشىنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق".

    ئىككىنچى: ئىككى نامازنى جەمئى قىلىپ بىرگە ئوقۇش مەسىلىسىدە، سەپەر قىلغان كىشى ئۈچۈن پېشىن بىلەن ئەسىرنى ۋە شام بىلەن خۇپتەننى ئىككى نامازنىڭ بىرىنىڭ ۋاقتىدا ئىلگىرى قىلىپ ياكى كەينىگە سۈرۈپ قايسى شەكىل قولاي بولسا، شۇ شەكىلدە ئادا قىلىدۇ، ياخشىسى بەك قېيىنچىلىق بولمىغان ۋاقىتتا ھەر نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش ياخشى بولىدۇ.

    شۇنىڭغا ئاساسەن سىز سەپەر جەريانىدا ئىككى نامازنى جەم قىلىپ بىرگە ئوقۇسىڭىز توغرا بولىدۇ. بىر ئاي تۇرۇشى مەقسەت قىلىنغان يۇرتقا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەر نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئوقۇيدۇ.

 شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش سەپەر قىلغۇچى ۋە مۇقىم تۇرغۇچىغا ئوخشاشلا زۆرۈر بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 21498- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلىندى. نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇڭ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى