جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئاشقازان يارىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىغا دوختۇرلار روزا تۇتماسلىقنى تەۋسىيە قىلسا قانداق قىلىشى كېرەك

سۇئال

سەككىز يىلدىن بىرى ئاشقازان يارىسى كېسىلى سەۋەبلىك داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، دوختۇرلار روزا تۇتماسلىققا تەۋسىيە قىلغان بولسا، بىمار قانداق قىلىشى كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

"بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، ئۇ كىشىنىڭ رامىزاندا روزا تۇتماستىن ئېغىز ئىچىشى دۇرۇس بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ساقىيىشىدىن ئۈمىد بولسا، شىپالىق تاپقاندىن كىيىن تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، ئەمما كېسەلنىڭ ساقىيىشىدىن ئۈمىد بولمىسا، رامىزان ئېيىدا تۇتالمىغان روزىسىنىڭ ھەر كۈنى ئۈچۈن بىر مىسكىن (كەمبەغەلگە) بىر كۈنلۈك يېمەك بېرىدۇ". تۈگىدى.

[شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالىرى 4-توم 180-بەت.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى