جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ نەپلە روزا تۇتۇش دۇرۇس بولىدۇ

سۇئال

روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى كۈنىدىن باشلاپ رامزاندا تۇتالمىغان قازا روزىنى تۇتسام بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

روزا ھېيت كۈنى بىر كۈن بولۇپ، ئۇ شەۋۋالنىڭ بىرىنچى كۈنىدۇر. ئەمما كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئۈچ كۈن ھېيت قىلىش بولسا، شەرئى ھۆكۈمگە ئالاقىسى بولمىغان، پەقەت مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە مەشھۇر بولغان ئادەتلەردىندۇر.

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ روزا ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرىسىدا دېگەن بابتا: ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان 1992 - ھەدىسنى نەقل قىلىپ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن، دەيدۇ.

يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە ئاساسەن روزا ھېيت كۈنى پەقەت بىر كۈن، ئۇ كۈندە روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ. ھېيتنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلىرى روزا تۇتۇش چەكلەنمەيدۇ. بۇ كۈنلەردە رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتسىمۇ ياكى باشقا نەپلە روزا تۇتسىمۇ بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى