ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

پاي چېكىگە مەبلەغ سالغان مالنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىيدۇ؟

25-08-2022

سۇئال 110144

    مېنىڭ مەلۇم مىقداردا مېلىم بولۇپ ئۇنى بانكىنىڭ پايچىكى سودىسىغا مەبلەغ سالغان ئىدىم، مۇشۇ مالدا ماڭا زاكات كېلەمدۇ؟، بۇ مالدا بېكىتىلگەن زاكاتنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولىدۇ؟، زاكات مالنىڭ ھەممىسىگە كېلەمدۇ ياكى ئالغان پايدىغا كېلەمدۇ؟ بىلىشىمچە، مېنىڭ پاي چىكى ئىشىمغا ئىگە بولغان تەرەپتىن ئېرىشكەن ھەر بىر پېرېۋۇتقا يۈزدە ئىككى يېرىم پىرسەنت ھەق بېرىمەن، ئۇنى زاكات دېگەن ئاساستا، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇنى زاكات ئورۇنلىرىغا بېرەمدۇ ياكى بەرمەمدۇ بۇنى بىلمەيمەن، بۇنى ئۆتەش ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىتتىپاق كەلگەن ئىش؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: پاي چېكىنىڭ زاكىتى ئۇنىڭغا مەبلەغ سالغۇچىنىڭ نىيىتى بويۇنچە بولىدۇ: شىركەتكە سالغان مەبلەغنى تىجارەت قىلىش مەقسىتىدە ئەمەس بەلكى پاي چېكىنىڭ يىللىق پايدىسىدىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە سالغان بولسا، بۇ كىشىنىڭ سالغان مەبلىغىنىڭ ئەسلىسىگە زاكات كەلمەيدۇ، ئالغان پايدىسىغا زاكات كېلىدۇ، پايدىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل توشقاندا، يۈزدە ئىككى يىرىم پىرسەنتىدىن زاكات بېرىدۇ.

    ئەمما مەبلەغ سالغۇچى پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ تىجارەت قىلىش مەقسىتىدە سالغان بولسا، بۇنىڭغا تىجارەت ماللىرىغا ئوخشاش زاكات بېرىدۇ، زاكات بېرىدىغان ۋاقىت كەلگەندە ئۇ پاي چىكى قولىدا بولسا، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قىممىتى بويىچە ھېسابلاپ، ئومۇمى قىممىتى ۋە پايدا ئالغان بولسا پايدىسىنى قېتىپ يۈزدە ئىككى يېرىم پىرسەنتىدىن زاكات بېرىدۇ". ["ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى ژۇرنىلى" 1-توم 879-بەتتىن قىسقارتىپ ئىلىندى].

    ئىككىنچى: ئەگەر پەقەت پايدا ئىلىش مەقسىتىدە مەبلەغ سالغان بولسىڭىز، زاكات نىيىتى بىلەن پايدىدىن يۈزدە ئىككى يېرىم پىرسەنتىدىن چىقىرىسىز، ئۇنى سىزگە ۋاكالىتەن تارقىتىپ بېرىدىغان ئورۇنلارغا بېرىش بۇنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ، لېكىن مۇشۇ ئورۇننىڭ زاكاتنى ئۆز ئورنىغا بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىش كېرەك، بولسا مالغا تاپشۇرۇپ ئىلىپ زاكاتنى ئۆزىڭىز بەرسىڭىز ياخشى بولىدۇ، ئەمما پاي چېكىگە تىجارەت نىيىتى بىلەن مەبلەغ سالغان بولسىڭىز، يىل توشقاندا ئۇنىڭ چوقۇم شۇ ۋاقىتتىكى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلاپ، ئۇنىڭ قىممىتىدىن يۈزدە ئىككى يېرىم پىرسەنتىدىن زاكات ئايرىسىز.  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

زاكات بېرىش كېرەك بولغان نەرسىلەر تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش