چارشەنبە 11 مۇھەررەم 1446 - 17 ئىيۇل 2024
Uygur

ئورۇندىن

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى بولسا ئىلمى دەۋەت ۋە تەلىم تەربىيە سەھىپىسى بولۇپ، مۇسۇلمان ياكى غەيرى مۇسۇلمان بولسۇن ئۇلارنىڭ ئىسلامغا ئالاقىدار بولغان سوئاللىرىنى ئىمكان قەدەر مۇكەممەل، تولۇق ۋە ئىلمى شەكىلدە جاۋابلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ تور بېتىدە جاۋاپ بېرىش ئىشلىرىغا پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد


تۇغۇلغان ۋاقتى :
ھىجىرىيە 1380-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى.


ئوقۇش تارىخى :
باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى رىيادتا ئوقۇغان. كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ زەھران شەھىرىگە بېرىپ ئۇ يەردە ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملىغان.


ئۇستازلىرى :
شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز.
شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن.
شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلجىبرىين.
شەيخ ئابدۇرەھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكتىن كۆپ بىلىم ئالغان.
شەيخ سەئىد ئال ئابدۇللاھدىن قۇرئان كەرىمنى تەجۋىدلىك توغرا ئۇسلۇبتا ئوقۇشنى ئۆگەنگەن.


قوشۇمچە بىلىم ئالغان ئۇستازلىرى:
شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز.
شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن.
شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلجىبرىين.
شەيخ ئابدۇرەھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكتىن كۆپ بىلىم ئالغان.
شەيخ سەئىد ئال ئابدۇللاھدىن قۇرئان كەرىمنى تەجۋىدلىك توغرا ئۇسلۇبتا ئوقۇشنى ئۆگەنگەن.


قوشۇمچە بىلىم ئالغان ئۇستازلىرى:
شەيخ سالىھ ئىبنى پەۋزان ئال پەۋزان، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلغۇنەيمان، شەيخ سەئىد ھەبىب شەنقىتىينىڭ ئوغلى مۇھەممەد، شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئەززامىل، شەيخ ئابدۇرەھمان ئىبنى سالىھ ئەلمەھمۇد قاتارلىقلار.
پەتىۋا-سوئاللارغا جاۋاپ بېرىش ئۇسۇلىدا شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن كۆپ پايدىلانغان، ئۇ كىشى بىلەن شەيخنىڭ ئارىسىدا ئون بەش يىلدىن كۆپرەك مۇستەھكەم ئالاقە مەۋجۇت بولۇپ، شەيخ ئىبنى باز شەيخ مۇنەججىدنىڭ دەممامدىكى دەۋەت ۋە توغرا يولغا يېتەكلەش مەركىزىدە كىتاپ يېزىش ۋە دەرس ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەيخ بىن باز ئۇنى لېكسىيە سۆزلەش، خۇتبە سۆزلەش ۋە ئىلمى دەرسلەرنى ئۆتۈشكە ھەمكارلاشتۇرغان، شەيخنىڭ سەۋەبى بىلەن شەيخ مۇنەججىد مەسچىتلەردە خۇتبە سۆزلەيدىغان، چوڭ سورۇنلاردا لېكسىيە سۆزلەيدىغان ۋە جامائەتكە ئىمام بولىدىغان ئۇستازغا ئايلانغان.

ئىشتىراك قىلغان دەۋەتلىرى :
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خۇبەر شەھىرىدىكى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز نامىدىكى چوڭ مەسچىتدە ئىمام ۋە خەتىپ بولغان .
شەيخ مۇنەججىد نۇرغۇن ئىلمى دەرسلەرنى سۆزلىگەن،

ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:

-تەپسىر ئىبنى كەسىر.

-سەھىھ بۇخارىنىڭ شەرھىسى.

-شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ پەتىۋالىرى.

-سۈنەن تىرمىزىينىڭ شەرھىسى.

-شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھابنىڭ "تەۋھىد كىتابىنىڭ شەرھىسى".

-ھاپىز ئابدۇغەنى مەقدىسىنىڭ" ئۇمدەتۇل ئەھكام "ناملىق پىقھى كىتابى.

-شەيخ سەئدىينىڭ" مىنھاجۇس سالىكىين" ناملىق پىقھى كىتابى.

شەيخ مۇنەججىدنىڭ:ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنىدە ئۈزۈلدۈرمەي ئىلىپ بېرىۋاتقان: تەربىيە خاراكتېرلىك لېكسىيەسى، ھەر ئايدا جىددە ۋە رىياد شەھىرىدە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئايلىق دەرىسلىرى.

ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2.05 مىنۇت ئۆتكەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلىرى ئوتتۇرىسىدا ناملىق قۇرئان كەرىم رادىئو پىرۇگراممىسى ۋە ھەر چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1دە ئاڭلىتىدىغان ۋە دۈشەنبە كەچ سائەت 6.45 مىنۇت ئۆتكەندە تەكرار ئاڭلىتىدىغان "ئىسلاھات يولىغا بېسىلغان قەدەملەر" پىرۇگراممىسى.
شەيخ مۇنەججىدنىڭ 23 يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرغان تىلېۋىزىيە پىرۇگراممىسى ۋە 4500 سائەتتىن كۆپرەك ئاۋازلىق دەرىسلىرى بار.


شەيخ مۇنەججىدنىڭ يازغان كىتاپلىرىدىن :
1. ياخشىلىققا ياردەمچى بولۇڭلار.
2. ئائىلىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى قىرىق نەسىھەت.
3. خۇشۇنىڭ 33 سەۋەبى.
4. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خاتالىقنى داۋالاشتىكى ئۇسۇللىرى.
5. روزا توغرىسىدىكى يەتمىش مەسىلە.
6. غەم-قايغۇلارنىڭ ئىلاجىنى قىلىش.
7. شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلار.
8. كۆپچىلىك كىشىلەر تۆۋەن كۆرۈۋاتقان ھارام ئىشلار.
9. تۆۋەندىكى ھالەتلەردە نېمە قىلىسىز؟.
10. ئىمان ئاجىزلىقىنىڭ كۆرۈنىشى.
11. ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇش رىسالىلىرى.
12. تەۋبە قىلىشنى مەقسەت قىلىمەن لېكىن.
13. شىكايەتلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش.
14. شەھۋەت بىلەن كۆرەش قىلىش.
شەيخ مۇنەججىد 1996-يىلى تور دۇنياسىدا "ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنى" نى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن شۇ ۋاقىتتىن تا ھازىرغىچە بۇ تور سەھىپىسىدە بىرقانچە تىلدا خىزمەت داۋام قىلىۋاتىدۇ.