ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

قاتتىق قول ۋە مۇتەئەسسىپ بولما

21-01-2020

سۇئال 11283

ئىسلام كۆرسەتمىسىگە زىت ئىش قىلىۋاتقان بىرەرسىگە، مەزكۇر ئىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ نەسىھەت قىلساق، دەرھاللا، قاتتىق قول بولما! مۇتەئەسسىپلىك قىلما! تۈزۈك بول! مۆتىدىل بولغىن!، دېگەندەك سۆزلەر بىلەن جاۋابلايدۇ. مۆتىدىللىق قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشنى قىلىۋاتقان ياكى بۇيرىغان پەرز ئەمەلنى تەرك قىلغان كىشىگە، بۇ ئىشتىن قول ئۈزگىن ياكى بۇ ئىشنى قىل، دەپنەسىھەت قىلىنسا، يۇقىرىقىدەك سۆزلەرنى دىسە، ئۇ كىشى خاتالاشقان بولىدۇ، چۈنكى بىر كىشى نەسىھەت قىلغاندا، ھېچ بولمىغاندا نەسىھەت قىلغۇچىغا، رەھمەت ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قاراپ چىقىشى كېرەك. ئەگەر نەسىھەت قىلىنغان ئىش ئۆزىدە بولىدىكەن دەرھال چەكلەنگەن ئىشتىن قول ئۈزۈپ، بۇيرۇغان ئىشنى ئىجرا قىلىشى لازىم.

ئەمما ئۇ كىشىنىڭ: "قاتتىق قول بولما، مۇتەئەسسىپلىك قىلما" دېگەن سۆزىگە كەلسەك، قاتتىق قوللۇق، ئاسانلىق ۋە مۆتىدىللىق قىلىش شەرئى پرىنسىپلارغا مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بولىدۇ. شەرىئەتكە مۇۋاپىق كەلگىنى مۆتىدىللىق، ئۇنىڭدىن ھالقىغىنى قاتتىق قوللۇق دېيىلىدۇ. تولۇق ئادا قىلالمىغىنى سەل قاراشتىن بولىدۇ، بۇنى ئۆلچەيدىغان ۋە بېكىتىدىغان ئۆلچەم شەرىئەتتۇر.مۆتىدىللىقنىڭ مەنىسى: ئىشنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن كەلگىنى دېگەنلىكتۇر. شەرىئەتكە مۇۋاپىق كەلگەن ئىش، مۆتەدىلدۇر. (تۈگىدى).

شەرئى سىياسەت
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش