ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

دىنى ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ بىلگىنىگە ئەمەل قىلىشى ۋە نەپلە ئەمەللەرنى ئادا قىلىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر

19-12-2012

سۇئال 125981

ھازىرقى ۋاقىتتا كۆپلىگەن دىنى ئوقۇغۇچىلار كېچىلىك ناماز (تەھەججۇد نامىزى قاتارلىق) پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەجىر ساۋابنى بىلىدۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن ئۇلار بىلگىنىگە ئەمەل قىلمايدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

قۇرئان ۋە سۈننەتتە پەزىلىتى بايان قىلىنغان ئەمەللەر ئىككى تۈرلۈك بولۇپ:

بىرىنچى: پەرز قىلىنغان ئەمەللەر. كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇ ئەمەللەرنى ئادا قىلىشتا ئاللاھدىن قورقۇشى زۆرۈربولغان، بەش ۋاقىت ناماز، زاكات، رامىزان روزىسىغا ئوخشاش پەرز ئىبادەتلەردىن ئىبارەتتۇر.

ئىككىنچى: مۇستەھەپ يەنى ئادا قىلىنىشى ياخشى كۆرۈلگەن ئەمەللەر. ئۇلار تەھەججۇد نامىزى، چاشكا نامىزى قاتارلىقلارغا ئوخشاش، مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ دىنى ساھەدىكىئىلىملىك كىشىلەرنىڭ بۇ ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى دىنى ئالىملارئىجتىمائىي جەمئىيەتتە كىشىلەرگە ئۈلگە ۋە يول باشلىغىچىدۇر. بۇ ئەمەللەرنى دائىم ئادا قىلىپ بەزى ۋاقىتتا ئادا قىلالمىسا بۇنىڭ ھېچ زىيىنى يوق، چۈنكى بۇلار نەپلە ئەمەللەردىن ئىبارەتتۇر.

ئەمما پەرز نامازلار بىلەن بىرگە ئادا قىلىنىدىغان سۈننەت نامىزى ۋە تەھەججۇد نامىزى، چاشكا نامىزى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملىق ئادا قىلىش ۋە بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش دىنى ئالىملارنىڭ ئالاھىدە سۈپىتى ھېسابلىنىدۇ.

پەزىلەتلىك ئىش-ھەركەتلەر
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش