ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنى غەرىپ دۆلەتلىرىدە ئوقۇتۇش توغرىسىدا

25-06-2021

سۇئال 129896

بىز مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنى دىنسىزلارنىڭ مەكتىپىدە ئوقۇتۇشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، مەن ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغان كۇپۇر دىيارى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان پەرزەنتلىرى توغرىسىدا سۆزلەۋاتىمەن، ئۇ دۆلەتلەردە ئىسلامى مەكتەپلەرمۇ تېپىلىدۇ، لېكىن ئىسلامى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى خۇسۇسىي مەكتەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپنىڭ ئوقۇش ھەققى بەك يۇقىرى، بەزى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى نورمال بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار پەرزەنتلىرىنى بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا قادىر بولالمايدۇ، بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ مەن بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟، چۈنكى بۇ مەسىلە پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ قىيىنچىلىق بولۇپ قالدى.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

كۇپرى دۆلەتلىرىدە پەرزەنتلەرنى كاپىرلارنىڭ مەكتىپىدە ئوقۇتۇش سەۋەبىدىن، ئۇلاردا خرىستىئان دىنىغا كېرىپ كېتىش، ئىسلام دىنىدىن يۈز ئۆرۈش، كاپىرلارنى كۆككە كۆتۈرۈش ۋە ئۇلارنى چوڭ بىلىش، ئىسلام ئەھلىنى ۋە ئىسلامى بىلىملەرنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولسا، بىزنىڭ بېرىدىغان جاۋابىمىز: يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا پەرزەنتلەرنى كاپىرلارنىڭ مەكتىپىدە ئوقۇتۇش چەكلىنىدۇ (يەنى ھارام بولىدۇ) ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى ئىسلامدىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدىكەن، بۇنداق ئەھۋالدا مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇماستىن ئاتا-ئانىسىنىڭ تەبىئىتى بويىچە ئۆيىدە تۇرۇپ قالغىنى ياخشىدۇر. ئەمما ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلىدا سۆزلىشىش، يېزىش، ئوقۇش ۋە ھېساب قاتارلىق بىلىملەردىن مەلۇم سەۋىيىگىچە ئوقۇتسا توغرا بولىدۇ، لېكىن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كۈنلۈك، ھەپتىلىك ئەھۋاللىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ، تەكشۈرۈپ، بۇزۇق ئەقىدە ۋە خاتا چۈشەنچە، ھىلى-مىكىر ۋە ئالداشلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ھەممىسى ئىسلامى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققىنى تۆلەشتىن ئاجىز كەلگەن كىشىلەرگە خاس بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

يىقىن تۇتۇش ۋە ئادا -جۇدا بولۇش
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش