ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

سەكرات گۇناھلارنى يەگىللىتەمدۇ؟

17-09-2023

سۇئال 13210

    سەكراتنىڭ قېيىن بولىشى گۇناھلارنى يەگىللىتەمدۇ؟، شۇنىڭدەك كېسەللىكمۇ گۇناھنىڭ يەڭگىللىشىگە سەۋەپ بولامدۇ؟ ئاللاھ  ياخشى مۇكاپات بەرسۇن. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا. ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. شۇنداق، ئىنسانغا يەتكەن كېسەللىك، قاتتىقچىلىق، غەم-قايغۇ ھەتتا پۇتىغا كىرگەن تىكەنمۇ ئىنساننىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن كاپارەت بولىدۇ، ئاندىن سەۋر قىلىپ ساۋاپ ئۈمىت قىلسا، گۇناھىغا كاپارەت بولۇش بىلەن بىرگە ئۇچرىغان مۇشۇ مۇسىيبەتكە سەۋر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ، بۇنىڭدا ئۆلۈمدىن بۇرۇن بولسۇن ياكى سەكراتقا چۈشكەندە بولسۇن پەرق يوقتۇر. مۇئ‍مىنگە يەتكەن مۇسىيبەت ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا أَصَابَكُم مِّن مُّصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ تەرجىمىسى: «سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ» [سۈرە شۇرا 30-ئايەت].

    بۇ بىزنىڭ قولىمىز بىلەن كەسىپ ئەتكەن نەرسىنىڭ سەۋەبىدىن بولغان بولسا، يەتكەن مۇسىبەت بىز ئەمەل قىلغان ۋە كەسىپ قىلغان نەرسىلەرگە كاپارەت بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ مۇشۇنداق خەۋەر بەرگەن: مۇسۇلمانغا يەتكەن غەم-قايغۇ، ئەزىيەت، ھەتتا پۇتىغا كىرگەن تېكەنمۇ ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدۇ.

پەزىلەتلىك ئىش-ھەركەتلەر
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش