ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

قىز-خانىملار كېيىم-كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقتۇرۇۋالغان بولسا، نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟

30-07-2020

سۇئال 134228

ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەمۇرىي ئورۇنلاردا قىز-خانىملارنىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى بولۇپ قىلىپ، نامازنى نىجاسەت يۇقى كېيىم بىلەن ئادا قىلغان بولسا، (خىزمەت ياكى ئوقۇش سەۋەبلىك ئۆيگە ياكى ياتاققا كەچ يەنى ناماز شامدىن كېيىن قايتىدۇ) بۇ ھالەتتە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئەسىر نامىزىنى قايتا ئادا قىلامدۇ؟ بۇنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئىنساننىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، ئۇنىڭ نىجاسەت ئىكەنلىكىنى كەسكىن بىلسە، سۇ بولغان شارائىتتا قادىر بولالىسا نىجاسەت ئورنىنى يۇيۇپ تازىلىۋىتىپ ناماز ئوقۇشى كېرەك. ئەمما نىجاسەت ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلالمايدىكەن، بۇنداق شارائىتتا كىيىمنىڭ ئەسلىدىكى پاكلىقىنى ئېتىبارغا ئېلىپ يۇماستىن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.

قىز-خانىملارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىگە مەكتەپ ۋەياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ھۆل نەرسە يۇقۇپ قالسا ياكى تۆكۈلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ نىجىسلىقى تەكىتلەنمىگىچە كېيىم ئەسلىدىكى پاكلىقى بىلەن بولىدۇ(يەنى كېيىم پاك دەپ قارىلىدۇ). ئۇ نەرسىنىڭ نىجاسەتلىكى ئوچۇق بىلىنسە يۇيۇۋېتىش كېرەك. ئەگەر نىجاسەتنى تازىلاشقا سۇ تاپالمىسا ياكى بۇ ئورۇندىن مۇددەتتىن بۇرۇن چىقىپ كېتىش مۇمكىن بولمىسا ياكى نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە، بۇنداق زۆرۈرىيەت ئاستىدا نىجاسەت يۇقۇپ قالغان كېيىم بىلەن ناماز ئوقۇسا بولاۋېرىدۇ. (ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن ئۇشبۇ نامازنى قايتا ئادا قىلمايدۇ). ئاللاھ  خالىسا نامىزى دۇرۇس بولىدۇ.

نىجاسەتنى يوق قىلىش
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش