ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

نامازدا دۇئانى ئەرەبچىدىن باشقا تىلدا قىلىشنىڭ ھۆكمى

15-02-2007

سۇئال 20953

نامازدا تەشەھھۇدتىن كىيىنكى ھەمدە سۈننەتتە مەۋجۇت دۇئانى ئەرەبچىدىن باشقا تىلدا قىلىشقا بولامدۇ ؟ قۇرئاندا تېپىلىدىغان ، سۈننەتتە تېپىلمايدىغان دۇئا بىلەن دۇئا قىلساق بولامدۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
بىرىنچى :
ئەگەر نامازخان دۇئانى ئەرەب تىلى بىلەن بەلەن قىلالىسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا تىل بىلەن دۇئا قىلىشى دۇرۇس ئەمەس .
لىكىن ئەگەر نامازخان دۇئانى ئەرەبچە بىلەن قىلىشتىن ئاجىز كەلسە ، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز تىلى بىلەن دۇئا قىلىشتىن توسۇلمايدۇ ، شۇ جەرياندا ئۇ ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىدۇ .
ناماز سىرتىدا ئەرەبچىدىن باشقىسى بىلەن دۇئا قىلىشقا كەلسەك ، ئۇنىڭغا ھىچنىمە بولمايدۇ ، بولۇپمۇ ئۇ نامازخاننى دۇئاسىغا تىخىمۇ دىققىتىنى يىغىدىغان بولسا .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە مۇنداق دىگەن :
دۇئانى ئەرەب تىلى بىلەن ، ۋە باشقا تىللار بىلەن قىلىش دۇرۇس . ھەمدە ئاللاھ دۇئا قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى ۋە كۆزلىگىنىنى بىلىدۇ ،مەيلى ئۇ قايسى تىلدا سۆزلىسۇن ، چۈنكى ئۇ ھەر تۈرلۈك ھاجەتلەرنى ھەر خىل تىللار بىلەن سوراۋاتقان ھەممە ئاۋازلارنى ئاڭلايدۇ . . .
"مجموع الفتاوى " ( 22 / 488 – 489)
يەنە بۇ 3471- ، 11588- سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا قاراڭ .
ئىككىنچى :
قۇرئاندا تىلغا ئىلىنغان دۇئالار ، ھەتتا ئۇلار سۈننەتتە تىلغا ئىلىنمىغان بولسىمۇ ئۇلار بىلەن دۇئا قىلىشتىن توسۇلمايدۇ . ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ۋە توغرا يولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ دۇئالىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىز قۇرئاندىن بىلدۇق ، شەكسىزكى ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئەڭ پاساھەتلىك ۋە ئەڭ مول مەنىگە ئىگە دۇئالار .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە مۇنداق دىگەن :
كىشىلەر كىتاب ۋە سۈننەت ئىلىپ كەلگەن بەلگىلەنگەن دۇئالار بىلەن دۇئا قىلىشى لازىم ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە بەلەنلىكىدە ، ھەمدە ئۇنىڭ توغرا يول ئىكەنلىكىدە شەك يوق . ھەمدە ئىسلام ئالىملىرى ۋە ئىماملار بەلگىلەنگەن دۇئالارنى تىلغا ئىلىشتى ، ھەمدە يىڭى دۇئالاردىن يۈز ئۆرىدى ، شۇڭا بىز ئۇنىڭدا ئۇلارغا ئەگىشىشىمىز كىرەك . "
“مجموع الفتاوى “(1 / 346 و 348)
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
نامازنىڭ بەلگىلىمە-ئەھكاملىرى شەرئېي زىكرىلەر دۇئا-تىلەكلەر
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش